مۈشۈكياپىلاق

مۈشۈكياپىلاق

مۈشۈكياپىلاق ناھايىتى غەلىتە قۇش. ئۇنىڭ تەقى-تۇرقى مۈشۈككە ئوخشىشىپلا قالماي، بەلكى ئادىتىمۇ مۈشۈكىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇ چاشقان تۇتۇپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنىڭغا مۈشۈكياپىلاق دېگەن نامىنى قويۇپ قويغان.

 

ئۇيغۇرچە ئىسمى مۈشۈكياپىلاق
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
ئائىلىسى ئوتلاق ھۇۋقۇش ئائىلىسى، بايقۇش ئائىلىسى
تۈركۈمى بايقۇشسىمانلار ئەترىتى
كەنجى تىپى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى
خەنزۇچە ئىسمى 猫头鹰
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
كەنجى سىنىپى ھازىرقى قۇشلار كەنجى سىنىپى
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
ئالاھىدىلىكى كۈندۈزى ئۇخلاپ، كېچىسى ھەرىكەت قىلىدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مۈشۈكياپىلاقتېنى ئاچ قوڭۇر رەڭلىك، خىلى كۆپ قارا سەپكۈنلىرى بار، بېشىدا مۈڭگۈزسىمان پەي-تۈكلىرى بار. كۆزى چوڭ، لېكىن يۇمىلاق، كېچىدە ھەرىكەت قىلىپ چاشقان، قۇشقاچ قاتارلىق كىچىك ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. دائىم كېچىلەردە قورقۇنچلۇق ئاۋاز چىقىرىپ سايرايدۇ، ئەمما ئۇ ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق. مۈشۈكياپىلاق يەنە «قارىغۇ ياپىلاق» ۋە «ھۇۋقۇش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

مۈشۈكياپىلاق مۈشۈكياپىلاق، بۈركۈتسىمان مۈشۈكياپىلاق، تۇندا مۈشۈكياپىلىقى، سېرىق پۇت مۈشۈكياپىلاق، بېغىر رەڭ مۈشۈكياپىلاق، ئورمان قارىغۇ مۈشۈكياپىلىقى، قارا مۈشۈكياپىلاق، كۈل رەڭ مۈشۈكياپىلاق، قوڭۇر ئورمان مۈشۈكياپىلاقى، قىزىل مۈشۈكياپىلاق، سېرىق تۇمشۇق  مۈشۈكياپىلاق، ياقا تۇمشۇق مۈشۈكياپىلاق، لەنيۈي پۆپۈكلۈك مۈشۈكياپىلاق، ئالا قورساق مۈشۈكياپىلاق، تاغىل قورساق مۈشۈكياپىلاق، قارچىغىسىمان مۈشۈكياپىلاق، ئۇزۇن قۇلاق مۈشۈكياپىلاق، قىسقا قۇلاق مۈشۈكياپىلاق، قارىغۇ ياپىلاق، كىچىك مۈشۈكياپىلاق، چىپار باش مۈشۈكياپىلاق، شادىپاچاق مۈشۈكياپىلاق، پاپا مۈشۈكياپىلاق قاتارلىق كۆپ خىل تۈرلىرى بار.

مۈشۈكياپىلاقكۆپ ساندىكى مۈشۈكياپىلاق كېچىسى ھەرىكەن قىلىدۇ. ئۇلار سەزگۈر ئاڭلاش ۋە كۆرۈش سېزىمىغا تايىنىپ قاراڭغۇدا ئوۋ ئوۋلىيالايدۇ. قاراڭغۇدا مۈشۈكياپىلاقنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارى ئادەمنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ كۆزى ئىككى تەرەپكە ئايلانمىغاچقا، زۆرۈرىيەت تۇغۇلغاندا بېشىنى ئايلاندۇرىدۇ. مۈشۈكياپىلاقنىڭ بېشى ئىنتايىن ھەرىكەتچان بولۇپ، 270 گرادۇس ئايلىنالايدۇ، بۇ جەھەتتە ھېچقانداق ھايۋان ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشەلمەيدۇ. مۈشۈكياپىلاقنىڭ ئاڭلاش سېزىمى ئالاھىدە سەزگۈر بولۇپ، ئورمانلىقتىن چىققان ناھايىتى بوش ئاۋازلارنىمۇ ئاڭلىيالايدۇ. چاشقان سەللا مىدىرلاپ قويسا ئۇنى بايقىۋالىدۇ. مۈشۈكياپىلاقنىڭ قانىتىدا گىرۋەكلىك پەيلەر بار بولۇپ، بۇ پەيلەر ئۇچقان چاغدا قانىتىدىن چىققان ئاۋازى يوقىتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، مۈشۈكياپىلاق تۈن پەردىسىگە ئورالغان ئورمانلىقتىن تىۋىش چىقارماي كېسىپ ئۆتەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۆتكۈر تىرناقلىرى بىلەن چاققان بەدىنى ئۇنى ئاۋازسىز «قاتىل» غا ئايلاندۇرغان. 

مۈشۈكياپىلاقبىر مۈشۈكياپىلاق بىر كۈندە ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن بىر دانە ئېتىز چاشقىنىنى تۇتۇپ يەيدۇ. يېتىلگەن بىر مۈشۈكياپىلاق بىر يازدا 1000 دىن ئارتۇق چاشقاننى تۇتىدۇ. بىر دانە چاشقان بىر يازدا ئاز دېگەندە بىر نەچچە جىڭ ئاشلىقنى يەۋېتىدۇ ۋە ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ. مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا، بىر مۈشۈكياپىلاق بىر يازدا ئىنسانلارغا 1000 كىلوگرام ئاشلىقنى قوغداپ بېرىدۇ، بۇ ئالتە ئادەمنىڭ بىر يىللىق ئوزۇقىغا باراۋەر. شۇڭا، كىشىلەرنىڭ مۈشۈكياپىلاقنى «ئېتىزلىق قاراۋۇلى» دەپ ئاتىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

مۈشۈكياپىلاقئالقىشلاشقا تېگىشلىكى شۇكى، مۈشۈكياپىلاق چاشقان جەمەتىگە ئىنتايىن ئۆچ بولۇپ، چاشقاننى يەپ تويۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن چاشقاننى بايقاپلا قالسا، ئۇنى تۇتمىغۇچە بولدى قىلمايدۇ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ تاشىلۋېتىشكە رازىكى، ئۇنىڭ ھايات يۈرۈشىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#