شىشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
گۇيپىڭدىكى شىشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ گۇيپىڭ ناھىيىسى تەۋەسىدە. شىشەننى مەركەز قىلغان بولۇپ، جىنتيەن كەنتى، جىنتيەن بارگاھى، شۈنجۇ قەدىمىي شەھىرى، بەيشى غارى، داتېڭ جىلغىسى، لوسۇڭيەن قىياسى، زىچىڭشەن تېغى، داپىڭشەن تېغى ئىپتىدائىي ئورمانلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گۇيپىڭگۇيپىڭدىكى شىشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ گۇيپىڭ ناھىيىسى تەۋەسىدە، شىشەننى مەركەز قىلغان بولۇپ، جىنتيەن كەنتى، جىنتيەن بارگاھى، شۈنجۇ قەدىمىي شەھىرى، بەيشى غارى، داتېڭ جىلغىسى، لوسۇڭيەن قىياسى، زىچىڭشەن تېغى، داپىڭشەن تېغى ئىپتىدائىي ئورمانلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن2000 كۋادرات
كىلومېتىر كېلىدۇ.
ساياھەت شىشەن تېغى «تاشلىرى ئاجايىپ، دەل-دەرەخلىرى چىرايلىق، بۇلاقلىرى مول، چايلىرى پۇراقلىق» بولۇشى بىلەن داڭلىق. تاغ ۋە چوققىلىرى ھەيۋەت، نەچچە ئون، ھەتتا نەچچە يۈز كۇب مېتىر كېلىدىغان غايەت زور تاشلار، قويۇق سايە تاشلىغان، كۆككە تاقاشقان قەدىمىي دەرەخلەر ئاجايىپ ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان. شىشەن تېغىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، بۇ يەردە بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان گۇاڭشى بۇددا دىنى قۇرۇلۇشلىرى، بۇتخانىلىرى ساقلىنىپ قالغان؛ تارىختا ئۆتكەن ئەدىبلەرنىڭ شىشەننى مەدھىيىلەپ يازغان شېئىر-مەسنەۋىلىرى4000 پارچىدىن ئاشىدۇ، ئەتراپىدا تەيپىڭ تيەنگو ئىنقىلابىنىڭ ئورنى، جىنتيەن كەنتى قاتارلىق تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.