ئىپار مۈشۈك
ئىپار مۈشۈك (ئىلمىي نامى: Suricata suricatta) بېشىنىڭ ئۇزۇنلىقى 42-60 سانتىمېتىر، بىر خىل كىچىك تىپلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. بەدەن شەكلى قوپال، تۆت پۇتى قىسقا، كەينى پۇتىنىڭ بەش بارمىقى بار، بارماقلىرى ئارىسىدا ئۈزۈش پەردىسى بار؛ قۇيرۇقى ئۇزۇن ھەم يۇمىلاق، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن تېنىنىڭ ئۇزۇنلىقىنىڭ 3/2 قىسمىغا باراۋەر كېلىدۇ، ئۈستىدە كىچىك تەڭگىچە ۋە شالاڭ تۈكلىرى بار، دۈمبىسىنىڭ تۈكلىرى قارا قوڭۇر، ئارىلاش سېرىق رەڭلىك، تىۋىتلىق قېنىق قەھۋە رەڭلىك؛
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىپار مۈشۈكنىڭ يەنە ئىنچىكە قۇيرۇقلۇق ئىپار مۈشۈك، كۈل رەڭ سازلىق قۇندۇزى، سازلىق قۇندۇزى، قاما چاشقان، دېڭىز چاشقىنى، كۈل رەڭ ئىپار مۈشۈك، دېڭىز مولۇنى، سىكانت، دېڭىز ئارىلى ئاغمىخانى، ئاغمىخان مۈشۈك قاتارلىق ناملىرىمۇ بار.
ئىپار مۈشۈك ئۇزۇنلۇقى 24-30 سانتىمېتىر، قۇيرۇق ئۇزۇنلۇقى 17-25 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 620-970 گرام، بېشىنىڭ ئۇزۇنلىقى 42-60 سانتىمېتىر. بىر خىل كىچىك تىپلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋان.
ئىپار مۈشۈك باش سۆڭىكى چوڭ، كۆز چاناقلىرى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. پېشانىسى يۇمىلاق، مەڭزى كونۇسسىمان، ئۇچلۇق سوزۇلغان قوڭۇر رەڭلىك بۇرنى بار. كىچىك، قارا، ھىلال ئاي شەكىللىك قۇلىقى، ئورەك كولىغاندا يۇمۇلۋېلىپ قۇلاق ئىچىگە توپا-قۇم كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.بەدەن شەكلى قوپال، تۆت پۇتى قىسقا، كەينى پۇتىنىڭ بەش بارمىقى بار، بارماقلىرى ئارىسىدا ئۈزۈش پەردىسى بار؛ ناھايىتى كۈچلۈك تىرناقلىرى ئەگرى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 2 سانتىمېتىر، بىراق ئۇلار يەر ئاستىغا ئورەك كولاش ۋە تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. قۇيرۇقى ئىنچىكە، ئۇزۇن، ئۇچى قىسمى قارا، ئىپار مۈشۈك ئۆرە تۇرغاندا قۇيرۇقى ئارقىلىق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ. كۆزىنىڭ ئەتراپىدا ئۆزگىچە بولغان قارا دېغى بولىدۇ، ئۇزۇن ھەم يۇمىلاق، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن تېنىنىڭ ئۇزۇنلىقىنىڭ 3/2 قىسمىغا باراۋەر كېلىدۇ، ئۈستىدە كىچىك تەڭگىچە ۋە شالاڭ تۈكلىرى بار، دۈمبىسىنىڭ تۈكلىرى قارا قوڭۇر، ئارىلاش سېرىق رەڭلىك، تىۋىتلىق قېنىق قەھۋە رەڭلىك؛ ئىككى رەڭلىك يەنى: قۇڭۇر قارا رەڭدە، قۇيرۇق تۈۋى قىسمى ۋە ئاستى سۇس سېرىق رەڭلىك بولىدۇ.
ئىپار مۈشۈك تېرە رەڭگى ئادەتتە سۇس سېرىق قوڭۇر رەڭلىك بۇلۇپ، كۈل رەڭ، مىس-كۈمۈش رەڭ، قوڭۇر رەڭلىكلىرى كەم ئۇچىرايدۇ.
قىسقا پۇت ئىپار مۈشۈك ئانگرا كەنجى تۈرى (Suricata suricatta iona)؛
نامبىيە قىسقا پۇت ئىپار مۈشۈك تۈلكە كەنجى تۈرى (Suricata suricatta marjoriae)؛
ئىپار مۈشۈك تۈلكە كەنجى تۈرى (Suricata suricatta suricatta)؛
تۈرى
ئىپار مۈشۈك بىر خىل مەست ۋە ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ھايۋان. ھەر بىر ئىپار مۈشۈك توپى ئادەتتە 2 دىن 50 كىچە ئىپار مۈشۈكتىن تەركىب تاپقان.
ئىپار مۈشۈكنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بەك مول، بەزىدە چېلىشىش، يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى تۈرىدىكى پائالىيىتىلەر بۇلۇپ تۇرىدۇ، بەزىدە تېخى راست يالغان ئاۋاز بىلەن ئۆزگىرىشى ئارقىلىق ناخشا ئېيتقاندەك.
يېمەكلىكى
ئىپار مۈشۈك ئاساسەن ھاشاراتلار بىلەن، يەنە كەسلەنچۈك، يىلان، ئۆمۈچۈك، ئۆسۈملۈك، تۇخۇم بىلەن كىچىك تىپتىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.
ئىپار مۈشۈكئىپار مۈشۈك جەنۇبىي ئافرىقىدىكى قارا لاخانۇسا ئىچىدە قۇملۇق رايونلىرىغا تارقالغان. ئاساسلىقى ئانگولا، نامىبىيە ۋە بوتسۋانا قاتارلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەخمىنەن بىر يىل بولغان ئىپار مۈشۈك جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر قېتىمدا ئۈچ بالا تۇغىدۇ، ياۋا تۈلكە، ئىپار مۈشۈك قاتارلىقلار بىر يىلدا ئىككى قېتىم قايتا كۆپىيىدغان ھايۋان. بىر يىلدىكى ھەر قانداق ۋاقىتتا كۆپىيىدۇ، لېكىن بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر قەدەر ئىللىق بولغان ۋاقىتتا بالا تۇغىدۇ.
دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: ئۇلارنىڭ جورا ئىزدەش قىلىقى يوق، ئەركەك ئىپار مۈشۈك چىشى ئىپار مۈشۈك پۈكۈلۈپ بېرىپ، ئارقىدىنلا چېتىشىدۇ، بوغاز بولۇش ۋاقتى تەخمىنەن 11 ھەپتە. دۇنياغا كەلگەن كىچىك ھايۋان بالىلىرى پۈتۈن بەدىنى تۈكسىز، بالىلىرىنىڭ قۇلىقى 10 كۈن ئەتراپىدا ئېچىلىدۇ. 49-63 كۈندە سۈتتىن ئايرىلىدۇ.
ئىپار مۈشۈك تۈرنىڭ تارقىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ساقلىنىپ قالغان تۈرى كۆپ ئەمەس، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلىرى (تارقالغان رايونلار ياكى تەۋرىنىش دائىرىسى كىچىك بۇلۇپ، 20 مىڭ كۇۋادرات كىلومېتىر، ماكانىنىڭ سۈپىتى، تۈر توپى كۆلىمى، پارچە-پۇرات رايونلارغا تارقالغان)، تۈر توپلىرىنىڭ سانىنىڭ يۈزلىنىشى مۇقىم.
«دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى» (IUCN)؛ 2015-يىلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەرنىڭ قىزىل تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ver 3.1 ____ خەتىرى يوق (LC).[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.