كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان مېھمانخانا بىرلەشمە تىجارەت تەشكىلاتى
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
«دەم ئېلىش كۈنى مېھمانخانىسى» شىركىتى دۇنيا بويىچە كىرىمى ئەڭ يۇقىرى مېھمانخانا بىرلەشمە تىجارەت تەشكىلاتى ھېساپلىنىدۇ. 1973-يىلى بۇ تەشكىلاتقا قاراشلىق 40 دۆلەتتىكى 1,591 مېھمانخانىنىڭ كىرىمى تۆت مىليارد 500 مىليون فرانكقا يەتكەن. 1952-يىلى چارلېس كېممونس ۋىسۇن دېگەن كىشى ئامېرىكىنىڭ تېنىسى ئىشتاتىدىكى مېمفىس شەھرىدە بىرىنچى بولۇپ مېھمانخانا ئاچقان، شۇندىن ئېتىبارەن تىجارەتكە كىرىشكەن. بۇ بىرلىشىپ تىجارەت قىلىش تەشكىلاتى كىشىلەرنى ھەر خىل خىزمەت تۈرلىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇلار ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىيىتىگە كەلگەن مېھمانلارغا روھىي جەھەتتىن مەدەت بېرىپ، ئۆلۈۋالماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلىدىكەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.