intel

ئىنتېل شىركىتى (Intel Corporation) كالفورنىيە شىتاتىدىكى كىرىمنى جىلغىسىدا، 1968-يىلى 7-ئايدا كالفورنىيە سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرى روبېرت نوئىس (Robert Noyce) ۋە گوردون مور (Gordon Moore)، ئاندىي گروۋ (Andy Grove) تەرىپىدىن قۇرۇلغان، شىركەت نامى ئىنتېل (integrated electronics توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ئۈسكۈنىلىرى) نىڭ قىسقارتمىسى بولۇپ ھازىر دۇنيا بويىچە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك پلاستىنكا ۋە مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نى ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ شىركەت. 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىنتېل بىر تەرەپ قىلغۇچئىنتېل شىركىتى (Intel Corporation) كالفورنىيە شىتاتىدىكى كىرىمنى جىلغىسىدا، 1968-يىلى 7-ئايدا كالفورنىيە سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرى روبېرت نوئىس (Robert Noyce) ۋە گوردون مور (Gordon Moore)، ئاندىي گروۋ (Andy Grove) تەرىپىدىن قۇرۇلغان، شىركەت نامى ئىنتېل (integrated electronics توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ئۈسكۈنىلىرى) نىڭ قىسقارتمىسى بولۇپ ھازىر دۇنيا بويىچە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك پلاستىنكا ۋە مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نى ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ شىركەت.

ئىنتېلئىنتېل شىركىتى 1971-يىلى دۇنيادىكى تۇنجى مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نى تۇنجى بولۇپ ئىشلەپ چىقارغان ھەمدە شىركەتنىڭ ئىستىقبالىنى ئۆزگەرتىپ، سانائەتكە زور تەسىر كۆرسەتكەن. مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ  ئېلىپ كەلگەن كومپيۇتېر ۋە ئالاقە تورى ئىنقىلابى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن. 2002-يىلى «ئىنتېل شىركىتى» نىڭ كىرىمى 26 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ساپ كىرىمى 3 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. 2002-يىلى فېۋرالدا «بايلىق» ژۇرنىلى ئىنتېل شىركىتىنى دۇنيادىكى ئون چوڭ شىركەتنىڭ 9-سى دەپ باھالىغان. 2002-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ «بايلىق» ژۇرنىلى ھەرقايسى شىركەتلەرنىڭ كەسپىي ئىپادىسى، خىزمەتچىلىرىنىڭ سەۋىيىسى، باشقۇرۇش سۈپىتى، شىركەتنىڭ مەبلەغ سېلىش قىممىتى قاتارلىق ئالتە ئۆلچەمگە ئاساسەن،«2002-يىللىق ئەڭ ياخشى شىركەت» نى رەت-تەرتىپكە تۇرغۇزغاندا، «ئىنتېل» شىركىتى 28-ئورۇندا تۇرغان.

2006-يىلى ئىنتېل شىركىتى دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ پايدا سوممىسى رەت تەرتىۋىدە 8 مىليارد 633 مىليون دوللارلىق پايدىسى بىلەن 23-ئورۇننى ئىگەللىگەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#