مورگان فرېمان

مورگان فرېمان

مورگان فرېمان 1937-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېرىكا تېننېسسى ئىشتاتىدا تۇغۇلغان، ئامېرىكىلىق ئارتىس، رېژىسسور.

ئۇيغۇرچە ئىسمى مورگان فرېمان
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1937-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى
بەدەن ئېغىرلىقى 85 كىلوگىرام
كەسپى ئارتىس
خەنزۇچە ئاتىلىشى 摩根·弗里曼
يۇرتى تېننېسسى ئىشتاتى
بوي ئېگىزلىكى 189سانتىمېتىر
قان تىپى A تىپلىق
چەتئەلچە ئىسمى Morgan Freeman

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مورگان فرېمانمورگان فرېمان 1937-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېرىكا تېننېسسى ئىشتاتىدا تۇغۇلغان، ئاتىسى Morgan Porterfield Freeman ساتىراش، 1961-يىلى جىگەر قېتىشىش كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان، ئانىسى Mayme Edna تازىلىق ئىشچىسى. مورگان بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى، مورگان ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر دائىم ئۆي كۆچەتتى. مىسسىسىپى يېشىل قورغان، گارى ۋە چىكاگو قاتارلىق جايلارغىمۇ كۆچۈپ بارغان.

8 ياش ۋاقتىدا تۇنجى قېتىم سەھنىگە چىقىپ ئويۇن قويغان، تىياتىر مەكتىپىدە ئويۇش فىلىملىرىدە باش قەھرىماننىڭ رولىنى ئالغان.

12 يېشىدا شتاتلار ئارا دراما مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، رادىئو درامىسىغا قاتناشقان.

1955-يىلى مورگان جېكسون ئىشتات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر قىسىم تىياتىر ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى رەت قىلىپ، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىدە تېخنىك ئىشچى بولغان، 18 يېشىدا ھاۋا ئارمىيەسىگە قاتناشقان.

1959-يىلى شەرەپ بىلەن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن.

مورگان فرېمان (Morgan Freeman) ئامېرىكىلىق كىنو چولپىنى ۋە رېژىسسور. ئۇ ئىلگىرى بىر قېتىم ئوسكار ئالتۇن پىل مۇكاپاتىغا ۋە ئالتۇن شار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

مورگان فرېمان 90-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ نام چىقارغان بولۇپ، ئارتىسلىق ھاياتىدا ھوللىۋودنىڭ نۇرغۇن مەشھۇر فىلىملىرىدە رول ئالغان.

مورگان فرېمان1976-يىلى مورگان فرېمان نىيۇيورك بىرودۋەي (Broadway) تىياتىرخانىسىنىڭ ئۇسسۇللۇق تىياتىرى «ياخشىمۇ سىز دوللىي!» (Hello Dolly)دا رول ئالغان.

1987-يىلى مورگان فرېمان «Half Past Dead» فىلىمىدىكى رولىغا تايىنىپ شۇ يىللىق ئوسكار ئەڭ ياخشى ئەر قوشۇمچە رولچى مۇكاپاتى ۋە ئالتۇن شار ئەڭ ياخشى ئەر قوشۇمچە رولچى ئىككى تۈردە نامزاتلىققا ئېرىشكەن.

1989-يىلى ئۇ «دەيسىي خانىمنىڭ ماشىنىسى ھەيدەش» (Driving Miss Daisy) فىلىمىدە سادىق، سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل شۇنداقلا باتۇر شوپۇرنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ، ئوسكار ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن.

1994-يىلىدىكى «شاۋشانكنى قۇتقۇزۇش» (The Shawshank Redemption) فىلىمىدىكى رولى ئارقىلىق ئۇ ئۈچىنچى قېتىم ئوسكار ئالتۇن پىل مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن.

2005-يىلى ئۇ «مىليون دوللارلىق بوۋاق» (Million Dollar Baby) فىلىمىدىكى رولى ئارقىلىق 77-قېتىملىق ئوسكار ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر قوشۇمچە رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2010-يىلى 11-ئايدا مورگان فرېمان ئامېرىكا كىنو فىلىم ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۆمۈرلۈك تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    75%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    25%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#