شىنجاڭ ماشىنىسازلىق ئېلېكترون سانائەت مەكتىپى

مەملىكەتلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم. 1957-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان. ئەسلى نامى شىنجاڭ سانائەت قاتناش قۇرۇلۇش مەكتىپى.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ماشىنىسازلىق ئېلېكترون سانائەت مەكتىپى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1987-يىلى
مەكتەپ تۈرى كەسپىي مەكتەپ
خەنزۇچە نامى 新疆机械电子工业学校
كۆلىمى 78 مىڭ 100 كۋادرات مېتىر
ئەسلى نامى شىنجاڭ سانائەت قاتناش قۇرۇلۇش مەكتىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مەملىكەتلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم. 1957-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان. ئەسلى نامى شىنجاڭ سانائەت قاتناش قۇرۇلۇش مەكتىپى 1987-يىلى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن. ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى ماشىنىسازلىق مەكتىپى، ئۈرۈمچى ئاۋىئاتسىيە مەكتىپى ۋە شىنجاڭ ماشىنىسازلىق نازارىتى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بۇ مەكتەپكە قوشۇۋېتىلگنە. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 78100 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 40000 كۋادرات مېتىر، ماشىنىسازلىق، ماشىنىسازلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، كەپشەرلەش، كومپيۇتېر ئىشلىتىش، كومپيۇتېر تورى، ئېلېكترون تېخنىكىسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى قورۇلۇشى، سانائەت كارخانىلىرىنى ئاپتۇماتلاشتۇرۇش، بوغالتىرلىقنى كومپيۇتېرلاشتۇرۇش قاتارلىق 22 كەسىپ تەسىس قىلىنغان. 1999-يىلدىكى ئوقۇغۇچى سانى 1900 دىن ئارتۇق، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 50 پىرسەنتتىن ئارتۇق. 1999-يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى 250 نەپەر.

بۇنىڭ ئىچىدە رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 105 نەپەر بولۇپ، ئالىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن 33 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 38 ئادەم ئالىي دەرىجىلىك ئىشچىلارنى باھالاش سالاھىيىتىگە ئىگە. 40 يىلدىن بۇيان تەربىيىلىگەن ئوقۇغۇچى 7000 نەپەر.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#