كىلىياڭ يېزىسى
كىلىياڭ يېزىسى گۇما ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان، ناھىيە مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 54 كىلومېتىر، شەرقىي شىمال قىسمى قوشتاغ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي باش لەڭگەر بىلەن قوشنا، جەنۇبتا ناۋئاۋات تاجىك يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كىلىياڭ يېزىسى گۇما ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان، ناھىيە مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 54 كىلومېتىر، شەرقىي شىمال قىسمى قوشتاغ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي باش لەڭگەر بىلەن قوشنا، جەنۇبى نەۋئابات تاجىك يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. كىلىياڭ يېزىسى قارىمىقىدا توققۇز مەمۇرىي كەنت، ئىككى دېھقانچىلىق مەيدانى، 25 كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى بار. يەر كۆلىمى 21250 مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 19470 مو. يەر شەكلىنىڭ غەربىي جەنۇبى ئىگىز، شەرقىي شىمالىي پەس، يەر شەكلى مۇرەككەپ.
كىلىياڭ يېزىسى كىلىماتى قۇرغاق، تۆت پەسىل ئېنىق، قىش پەسلى ئۇزۇنراق بولىدۇ، ياز پەسلى قىسقا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاساس قىلىدۇ، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىقنى تۈۋرۈك كەسىپ قىلغان. بۇ يېزا تەۋەسىدە تەرمە، شورلۇق ئوتى، قوي پاخال ۋە قومۇش قاتارلىقلار چىقىدۇ. دەريا جىلغىسىدا كوئېنلۇن ئارچىسى، قىزىل قېيىن قاتارلىق سۇ مەنبەسىنى ساقلاش، تەبىئىي ئورمان، ئەڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلىرىدا، ئېگىز تاغدىكى چىملىق رايونلار بار؛ ئاساسلىق سۆگەت، تېرەك، جىگدە، ياڭاق، ئۆرۈك قاتارلىقلار بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.