قېتىق

قېتىقنىڭ تەركىبىدە مول ئاقسىل ۋە ھەرخىل ۋىتامىنلار تولۇق بولۇپ، ياشانغانلار، بەدەن قۇۋىتى ئاجىزلار ۋە بالىلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان تەبىئىي ئوزۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى قېتىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 酸奶

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قېتىقسۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى بولغان قېتىق، ئۆزىگىگە خاس ئالاھىدە تەمى ۋە يۇقىرى، تەبىئىي ئوزۇقلۇق قىممىتى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىغا ئېرىشىپ، ئۇز قىممىتىنى يوقاتماي كېلىۋاتىدۇ. لېكىن، بەزلەر قېتىقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە ئۇنى ئىلمىي ئاساستا ئىستېمال قىلىش جەھەتلەردە توغرا، ئىلمىي تونۇشقا ئىگە ئەمەس.

قېتىقنىڭ تەركىبىدە مول ئاقسىل ۋە ھەرخىل ۋىتامىنلار تولۇق بولۇپ، ياشانغانلار، بەدەن قۇۋىتى ئاجىزلار ۋە بالىلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان تەبىئىي ئوزۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ.

قېتىقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، ئېنېرگىيە زىچلىقىمۇ بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، بىر ئىستاكان (150مىللىلېتر) قېتىق ئارقىلىق كىچىك بالىلار ۋە قورامىغا يەتمىگەنلەر تېنىگە ئېھتىياجلىق ئېنېرگىيەنىڭ %30 تىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغاندىن سىرت، ئۇلار تېننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى نورمال كالتىسىي ۋە %15 ئاقسىل بىلەن تەمىنلەيدۇ.

قېتىقنىڭ تەركىبىدە يەنە گالاكتوزا بولۇپ، ئۇ چوڭ مېڭە ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىدە مۇھىم ئېھتىياجلىق ماددىلارنىڭ بىرى بولغاچقا، بالىلارنىڭۇ ئۆسۈپ يېتىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، قېتىق تەركىبىدە يېتەرلىك سۈت كىسلاتاسى باكتېرىيەلىرى بولۇپ، كىسلاتالىق دەرىجىسى مۇۋاپىق. دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى زىيانلىق باكتېرىيەلەرنى تورمۇزلاپ، پايدىلىق باكتېرىيەلەرنى قوغداپ، كېسەللىكلەرگە قارشىلىق كۈچنى ئاشۇرۇپ، ئۇچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى ياخشىلايدۇ.

دىزېنتېرىيىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇڭا، يېرىم ياشتىن ئاشقان بالىلارغا تەدرىجى قېتىق ئىچكۈزۈپ تۇرۇش ئىنتايىن پايدىلىق. لېكىن، بىر ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا بېرىلىدىغان قېتىق كۈنىگە 100 مىللىلېتىردىن ئارتۇق بولماسلىقى كېرەك.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#