ئابدۇۋەلى

ئابدۇۋەلى

ئابدۇۋەلى 1987- يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى قارامايدا تۇغۇلغان. پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى

  

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئابدۇۋەلى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى قاراماي
بوي ئېگىزلىكى 176 سانتىمېتىر
كەسپى ئارقا مۇھاپىزەتچى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿不都外力
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1987 - يىلى 4- ئاي
بەدەن ئېغىرلىقى 63 كىلوگرام

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

    ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدا قارامايدىكى جۇشقۇن پۇتبول كەيپىياتى ئۇنى مەپتۇن قىلىۋالغان ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا قارامايدا تۈرلۈك مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلگەن ،شۇ مۇسابىقىلەرنىڭ تۈرتكىسىدە قاراماي چوڭلار ۋە ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ تېخنىكىسى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن، ھەمدە ياخشى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلگەن . ئابدۇۋەلى تۇنجى قېتىم رەسمىي قاتناشقان مۇسابىقە 2002 - يىلى ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوتتا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسى . شۇ چاغدا قاراماي كوماندىسى شىنجاڭغا ۋاكالىتەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەمدە بىرىنچى بولغان . ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن ئابدۇۋەلى ئەينى چاغدا مۇشۇ ئەترەت ئىچىدە ، ئۇنىڭ بۇ كوماندىغا تاللىنىشى ئۇنىڭ تالانتىدىن بولغان . بۇ نەتىجە  شۇ چاغدىكى قاراماي كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىئەكىس ئەتتۈرۈپلا قالماستىن ، يەنە ئابدۇۋەلىغا ئوخشاش يېڭى بىر ئەۋلاد پۇتبول چولپىنىنىڭ يىتىلىۋاتقىنىنى ئەكس ئەتتۈرگەن .

   2003 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 10 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ، ئابدۇۋەلى قاراماي كوماندىسىغا  ۋەكىل بولۇپ مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەمدە تەييارلىق مۇسابىقىدە قالتىس ماھارىتىگە تايىنىپ قاراماي كوماندىسى يېتەكلەپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن .  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە قاراماي كوماندىسى ۋە قەشقەر كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان. ئەڭ ئاخىرىدا ، قاراماي كوماندىسى ئۆتكۈر ھۇجۇم قىلىش ، قەيسەرلىك بىلەن مۇداپىئە كۆرۈش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ ئاخىرىدا چېمپىيون بولغان . ئابدۇۋەلى  ئەلا نەتىجىسى بىلەن خـەلـقىئالەمگە بىر مۇنەۋۋەر پۇتبول تەنھەرىكەتچىسىنىڭ يىتىشىپ چىققانلىقىنى  جاكارلىغان.

   2005 - يىلى ئۇ قاراماي كوماندىسىغا ۋەكىل بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ، مۇسابىقىگە  يەنە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندا ئىلى كوماندىسى ، ئاتۇش كوماندىسى بىلەن ئۈرۈمچى كوماندىسى قاتناشقان ، قاراماي كوماندىسى ئابدۇۋەلى باشلامچىلىقىدا بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن ھەمدە شىنجاڭغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ . ئابدۇۋەلىنىڭ ئەلا نەتىجىلىرى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇھەمدە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا داۋاملىق بىلىم ئاشۇرۇشقا كىرىدۇ . شۇ يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى ئاپتونوم رايونىمىزتەۋەسىدىن تالانتلىق پۇتبول تەنھەرىكەتچىلىرىنى تاللايدۇ، ئابدۇۋەلى شۇ چاغدا مەكتەپ كوماندىسىنىڭ  ئاساسىي كۈچگە ئايلانغان.

     2008 - يىلى ئۇ مەكتەپ كۇماندىسىدىكى ئەلا ئىپادىسى ئارقىلىق ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى ئەترىتىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللىنىدۇ ھەمدە 2008 - يىللىق ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە كوماندا بىلەن بىللە جەڭ قىلدۇ.

   2008 - يىلى جۇڭگو ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېنىقىش ئارقىلىق ، 2009 - يىلى ئابدۇۋەلى شىنجاڭ كوماندىسىغا ۋەكىل بولۇپ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ، گەرچە مەيدان سىرتىدىكى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شىنجاڭ كوماندىسى ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى مۇسابىقىگە كىرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت ئەترىتىدىكى بىر نەچچە مۇنەۋۋەر توپچى جايلاردىن كەلگەن توپ ھەۋەسكارلىرى ۋە تېرنىرلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ ، ئابدۇۋەلى دەل شۇلارنىڭ بىرى ئىدى .

   2010 - يىلى ئابدۇۋەلىغا نىسبەتەن بىر ئالاھىدە بىر يىل بولدى ، ئۇ شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسىغا ۋەكىل بولۇپ لى نىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ ھەمدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىدۇ  ، بۇ شىنجاڭ پۇتبول تارىخىدا بىرىنچى بولۇپ مەملىكەتلىك چېمپىيون بولغان مۇسابىقە .  

   شۇ چاغدىكى لياۋنىڭ شەرقىي شىمال يولۋىسى كوماندىسى شىمالدىكى ئاساسلىق توپ كوماندىسى ئىدى، 2010 - يىلى 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى داليەن يى تېڭ كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە ھەممىنى ئۆزگەرتتى، ئەينى ۋاقىتتا داليەن يى تېڭ كوماندىسى شىمالىي رايون سەركىسى ،مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولۇپ باقمىغان، لېكىن ئابدۇۋەلى ۋە سەبداشلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا لياۋنىڭ شەرقىي شىمال يولۋىسى كوماندىسى 1 : 0 نەتىجە بىلەن يەڭگەن،ئابدۇۋەلىنىڭ ئىپادىسى شەرقىي شىمال يولۋىسى توپ مەستانىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا يورۇتىۋەتكەن . شۇنىڭدىن كېيىن داليەن ئالبىيون ئەترىتى،پاراۋۇز كوماندىسى ئوينىغان مۇسابىقىدە تۆت مەيدان مۇسابىقىدە ئۈچ توپ  كىرگۈزۈپ، توپ كوماندىسى بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك مەرگەن بولۇپ قالغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/2870864.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#