كىرۇس Ⅱ

كىرۇس Ⅱ

ئىمپېراتور كىرۇس Ⅱ پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرغۇچى پادىشاھ دەپ قارىلىدۇ. ئۇ دەسلەپتە ئىراننىڭ غەربىي-جەنۇبىي قىسىمىدا كىچىك ھۆكۈمران ئىدى. بىر قاتار ئۇرۇشلار ئارقىلىق ئارقا-ئارقىدىن غەلىبىگە ئېرىشىپ مىدىيە، لىدىيە، بابىلونىيىدىن ئىبارەت ئۈچ پادىشاھلىقنى مەغلۇپ قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قىسىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شەرقتە ھىندىستان دىن تارتىپ، غەربتە ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان تەخمىنەن ناھايىتى چوڭ ئىمپېرىيىنى قۇرغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى كىرۇس Ⅱ
باشقا نامى 居鲁士،Cyrus the great
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇنقى529-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 塞鲁士大帝
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇنقى 590-يىلى
كەسپى سىياسىيون، پادىشاھ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كىرۇس Ⅱئىمپېراتور كىرۇس Ⅱ پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرغۇچى پادىشاھ دەپ قارىلىدۇ. ئۇ دەسلەپتە ئىراننىڭ غەربىي-جەنۇبىي قىسىمىدا كىچىك ھۆكۈمران ئىدى. بىر قاتار ئۇرۇشلار ئارقىلىق ئارقا-ئارقىدىن غەلىبىگە ئېرىشىپ مىدىيە، لىدىيە، بابىلونىيىدىن ئىبارەت ئۈچ پادىشاھلىقنى مەغلۇپ قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قىسىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شەرقتە ھىندىستاندىن تارتىپ، غەربتە ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان تەخمىنەن ناھايىتى چوڭ ئىمپېرىيىنى قۇرغان. 

تەخمىنەن مىلادىدىن 590 يىل بۇرۇن، كىرۇس ئىراننىڭ غەربىي-جەنۇبىدىكى پارس ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان. بۇ رايون ئەسىلدە مىدىيە پادىشاھلىقىنىڭ بىر ئۆلكىسى ئىدى. 

كىرۇسنىڭ ئاتىسى قەبىلە باشلىقى بولۇپ ئەسلى مىدىيە پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارى ئىدى.

پېرسىيىدە كىرۇسنىڭ تۇغۇلۇشى ھەققىدە نۇرغۇن قىزىقارلىق رىۋايەتلەر تارقالغان بولۇپ، يۇنان شاھى ئوۋدىپوسنىڭ تۇغۇلۇشى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە ئوخشاش ئەپسانىۋى تۈس ئالغان. ئېيتىلىشىچە كىرۇسنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى كامبىسېس، ئانىسى مىدىيە پادىشاھى ئاستىئاكىنىڭ قىزى ئىكەن. ئاستىئاك چۈشىدە نەۋرىسىنىڭ چوڭ بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن. شۇنىڭ بىلەن كىرۇسنى ئۆلتۈرۋېتىشكە پەرمان چۈشۈرگەن. بىراق بۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋەزىر دىلى يۇمشاقلىق قىلىپ بالىنى ئەر-خوتۇن مالچىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئەر-خوتۇن مالچىلارنى بۇ بالىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى خالىمىغان. شۇنىڭ بىلەن كىرۇسنى خۇددى ئۆز بالىسىنى باققاندەك بېقىپ چوڭ قىلغان. كىرۇس چوڭ بولغاندىن كېيىن، تەخمىنەن مىلادىدىن 550 يىل بۇرۇن، ئەسكەر توپلاپ توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، بوۋىسىغا ھۇجۇم قىلغان. ئاستىئاك جازا يۈرۈشى ئۈچۈن ئەسكەر چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ئەسكەرلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۆز ئىچىدىن ئۆزىگە قارىشى چىقىپ كىرۇسقا تەسلىم بولغان. كىرۇس مىدىيىگە پادىشاھ بولغاندىن كېيىن، داۋاملىق باشقا دۆلەتلەرگە ئەسكەر تارتىپ ھۇجۇم قىلغان. 

بۇ ھېكايىنى تارىخشۇناس ھېرودوتۇس تەپسىلىي بايان قىلغان بولۇپ، قارىماققا خىيالىي تۈسكە ئىگە. بىزنىڭ ئېمپېراتۇر كىرۇسنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئىگىلىگەنلىرىمىزگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ تەخمىنەن مىلادىدىن 558 يىل بۇرۇن ئاتىسى كامبىسېس Ⅰ نىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، پېرسىيىنىڭ پادىشاھى بولغانلىقى، ئىلگىرى پەقەتلا مىدىيىنىڭ ئەمەلدارى ئىكەنلىكى مەلۇم. تەخمىنەن مىلادىدىن 553 يىل بۇرۇن، كىرۇس ئەسكەر توپلاپ توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، 3 يىل ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق مىدىيىنىڭ پادىشاھلىقى تەختىگە ئولتۇرغان. 

كىرۇس Ⅱمىدىيىلىكلەر بىلەن پېرسىيىلىكلەر مەيلى قانداشلىق ياكى تىل جەھەتتە بولسۇن مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن. كىرۇس مىدىيىنىڭ ئەسلىدىكى كۆپ قىسىم قانۇنلىرىنى ۋە مەمۇرىي تۈزۈملىرىنى ساقلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن مىدىيىلىكلەر ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قارشى ئالغان بولۇپ، ئۇنى سىرتتىن كەلگەن ئىستىلاچى دەپ قارىماي، بەلكى ئۆز ئادىمىمىز دەپ ھېسابلىغان. 

كىرۇسنىڭ سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچلىك قىلىش ئارزۇسى تەدرىجىي ئاشكارىلانغان. ئۇنىڭ بىرىنچى نىشانى كىچىك ئاسىياغا جايلاشقان لىدىيە ئىدى. لىدىيە پادىشاھى كروئىسوس ئەپسانىلەردىكى مىليونېر پادىشاھلاردىن ئىدى. كىرۇس ئاخىرى تۆمۈر ئارقىلىق مىليونىر پادىشاھنىڭ ئالتۇنلىرى ئۈستىدىن غالىب كەلگەن، مىلادىدىن 546 يىل بۇرۇن كىرۇس لىدىيە پادىشاھلىقىنى يوقىتىپ، پادىشاھ كروئىسوسنى تىرىك قولغا چۈشۈرگەن. 

كېيىن، كىرۇس دىققىتىنى شەرققە يۆتكىگەن. بىر قاتار ئۇرۇشلار ئارقىلىق ئىراننىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى بارلىق جايلارنى بويسۇندۇرۇپ، ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ يېڭى ئىمپېرىيىسىنىڭ دائىرىسىگە قوشۇلغان.

كىرۇس ئارقا سەپنى تىنچلاندۇرۇپ، ئارقىدىنلا نەيزىسىنىڭ ئۇچى ئەڭ سېمىز ۋە تېمەن ئوۋ ئىتى-باي بابىلونىيىگە قاراتقان. بابىلونىيە پەقەت مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىلا كونترول قىلىپ قالماستىن، بەلكى ئوتتۇرا شەرقنىڭ ھىلال ئاي شەكىللىك بارلىق مۇنبەت رايونىنى ئىگىلەپ تۇراتتى. ئۇ يەردىكى خەلق ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانىنى ياخشى كۆرمەيتتى. كىرۇسنىڭ چوڭ قوشۇنى يېتىپ كەلگەن چاغدا، بابىلونىيە قوشۇنلىرىنىڭ ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسىتىش تەييارلىقى يوق ئىدى. مىلادىدىن 529 يىل بۇرۇن، بابىلون شەھىرى پېرسىيىلىكلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەن كىرۇس بابىلونىيە ۋە باشقا پولىسلارغا نىسبەتەن ئوخشاشلا كەڭچىلىك قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن يەرلىك خەلققە ياخشى تەسىر قالدۇرغان. كىرۇس شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ، يېڭى ئېمپېرىيىنى قايتا تەرتىپكە سالغان. بىراق، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بىر قەبىلە بولغان ئۇرۇشقا كىرىپ، مىلادىدىن 529 يىل بۇرۇن ئۆلگەن. 

كىرۇس ئۆلگەندىن كېيىن، ئوغلى تەختكە ۋارسلىق قىلغان بولۇپ، تارىختا كامبىسېس Ⅱ دەپ ئاتالغان. كامىنسېس Ⅱ ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەن ھېلىقى قەبىلە بىلەن ناھايىتى تېزلا ئۇرۇش باشلاپ، ئاتىسىنىڭ جەسىتىنى كاسپى دېڭىز ئەتراپىدىن ئېلىپ كېلىپ قەدىمكى پېرسىيىنىڭ پايتەختى پېرسېپېلىسقا دەپتە قىلغان. 

كىرۇس مەشھۇر ھەربىي قوماندان، ئەمما سىياسىي جەھەتتە مۆتىدىل شەخس ھېسابلىنىدۇ. ئۇ شۇ يەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەتلىرىگە قارىتا كەڭ قۇرساقلىق پوزىتسىيىسىنى تۇتقان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇرۇشلاردا خۇددى باشقا ئىستىلاچىلارغا ئوخشاش قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن خالىي بولالمىغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#