بادام مېغىزى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ھەمدە غەربىي ئاسىيا، ئېران، ئاففانىستانقاتارلىقلاردىنمۇ چىقىدۇ.
1. تاتلىق بادام مېغىزى، چىلغوزا مېغىزى، پىستە مېغىزى قاتارلىقلاردىن ھەربىرسىدىن10 گرامدىن ئېلىپ 15 گرامناۋات بىلەن تالقان قىلىپ سپوپ تەييارلاپ يىسە ئۇيقۇسىزلىق، مېڭە، باھ ئاجىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2.بادام مېغىزىنى سوقۇپ شىكەر بىلەن قوشۇپ يىسە كۆزنى روشەن قىلىدۇ (قۇۋۋەتلەيدۇ) دەم سىقىلىش، يۆتەل، قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
3.بادام مېغىزى، پىستە مېغىزى، چىلخوز مېغىزى، زىغىر قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن30گرامدىن ئېلىپ لوئوق تەييارلاپ بەرسە بەلغەم بوشۇتۇپ يۆتەل توختىتىدۇ. كۆكرەكنى بوشىتىدۇ..
4.بادام مېغىزى 9 تال، پىل پىل7 دانە، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم، كاۋا ئۇرۇقى مېغىزى، بەدىيان ھەربىرىدىن5 گرامدىن ئېلىپ سىپوپ قىلىپ شېكەر بىلەن قوشۇپ يىسە مېڭىنى قۇۋۋەتلەپ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.
5. تاتلىق بادام مېغىزى، ئەنجۈر بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا ئۈچەي توسۇلۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تاتلىق بادام مېغىزىدائامىگدالىن ئاساسەن يوق. بولغاندىمۇ مىقدارى ناھايىتى ئاز. ئاقسىل، ماي قەنت،ۋىتامىنلار، كالتسىي پوسپۇر، ماگنىي، تۆمۈر، مارگانېتىس، بارىي، ناترىي، تىتات، مىس ئاليومىن، گروم قاتارلىق ئىلمىنتلار بار. ئېموسىن(Emulisin) نىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ ئاساسلىقى ئېمولسىن بىرىكمىلىرىدىن ئىبارەت.بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىق ئاچچىق بادام فىرمېنتى ئامىگىدالازا (Amygdalase) ۋە ئامىگىدالناز (Amygdalinase) بار. تەركىبىدە تۇتقان ياغ %45 تىن %67 نى ئىگىلەيدۇ.
مېڭە ئاجىزلىقى، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىق، ئادەتلەنگەن باش ئاغرىقى، ئەستەتۇتۇش قابىلىيىتى ئاجىزلاپكېتىش، باھ ئاجىزلىقى، مەننى تېز كېتىش، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، بۆرەك ئۇرۇقلاش، بۆرەك ياللۇغى، زىققا، قان تۈكۈرۈش، سۈيدۈك كۆيۈشۈپ كېلىش ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.