ئاڭ ئېقىنى

ئاڭ ئېقىنى

ئاڭ ئېقىنى پروزىچىلىقى سىموۋۇلىزىمدىن كېيىن، 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەيدانغا كەلگەن يەنە بىر مۇھىم مودىرنىزىم ئەدەبىي ئېقىمى. بۇ ئېقىم 20- ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن 40-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا گۈللىنىپ، ياۋروپا ۋە شىمالى ئامرىكىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە كەڭ تارقىلىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى نۇرغۇن مودىرنىزىم ئېقىملىرىغا، شۇنداقلا پۈتكۈل غەرب ئەدىبىياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇرچە ئاڭ ئېقىنى
ئىنگىلىزچە Stream Of Consciousness
خەنزۇچە 意识流
تۈرى ئەدەبىيات ئۇسلۇبى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاڭ ئېقىنى پروزىچىلىقى سىموۋۇلىزىمدىن كېيىن، 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەيدانغا كەلگەن يەنە بىر مۇھىم مودىرنىزىم ئەدەبىي ئېقىمى. بۇ ئېقىم 20- ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن 40-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا گۈللىنىپ، ياۋروپا ۋە شىمالى ئامرىكىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە كەڭ تارقىلىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى نۇرغۇن مودىرنىزىم ئېقىملىرىغا، شۇنداقلا پۈتكۈل غەرب ئەدىبىياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.

ئاڭ ئېقىنى، ئىنگىلىزچە Stream Of Consciousness دىگەن سۆز بۇلۇپ، بۇ يەردىكى stream سۆزى «ئېرىق، ئۆستەڭ، دەريا، ئېقىن» دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

«ئاڭ ئېقىنى»دىگەن بۇ سۆز ئەڭ دەسلەپ پىسخولوگىيدە پەيدا بولغان، ئۇنى ۋېليام جامىس (William James ,1842 -1910 ) ئوتتۇرغا قويغان. «ئاڭ ئېقىنى» بىرخىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى، بەدئىي ماھارەت. ئۇ 1884-يىلى ئېلان قىلغان «ئۆزىنى كۆزىتىش پىسخولوگىيسىدە سەل قارىلۋاتقان بىر نەچچە مەسىلە توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدە تۇنجى قېتىم «ئاڭ ئېقىنى» دىگەن بۇ ئاتالغۇنى ئوتتۇرغا قويغان. 1890-يىلى ئۇ يەنە «پىسخولوگىيە پىرىنسىپلىرى» ناملىق كىتابىنىڭ 9-بابىدا ئاڭ ئېقىنى توغرىسىدا كۆپ قېتىم توختالغان. ئۇ مۇنداق دىگەن: «ئاڭنىڭ ئۆزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ نۇرغۇنلىغان بىر بۆلەك، بىر بۆلەك پارچىلاردىن ھاسىل بولغان ئەمەس، قارىماققا زەنجىرسىمان ياكى بىر يۈرۈش دىگندەك سۆزلەر بىلەن ئۇنى تەسۋىرلەشكە بولدىغاندەك كۆرۈنىدۇ، ئەمىليەتتە بۇ مۇۋاپىق ئەمەس. ئاڭ ھەرگىزمۇ بىر پارچە بىر پارچىدىن ئۇلانغان ئەمەس. ئۇنى دەريا ياكى ئېقىن دىگەن ئوخشىتىش بىلەن تەسۋىرلىگەندە ئاندىن دەل جايىغا چۈشىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھەربىر ئادەم ئۆز قىزىقىشىغا ئاساسەن، ئىزچىللىققا ئىگە ئاڭ ئېقىنى ئىچىدىن ئۆزى دىققەت قىلغان بىر قىسمىنى تاللاپ ئېلىپ، ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئوبىكتىپ بولغان، ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە ئاساسەن ئۆزگەرمەيدىغان شەيئى مەۋجۇت ئەمەس. ھەربىر ئادەم ئۈچۈن ئاتالمىش شەيئى پەقەتلا ئاڭ ئېقىنىدىن خالىغانچە تاللاپ ئالغان بىر پارچىدىنلا ئىبارەت. ئۇ 1902-يىلى نەشىر قىلىنغان «دىنى تەجىربىلەرنىڭ كۆپ خىللىقى » دىگەن كىتابىدا مۇنداق دىگەن: «نورمال بولغان ئېنىق ئاڭ يەنى ئەقلىي ئاڭ پەقەتلا ئاڭ ئىچىدىكى بىر ئالاھىدە تۈر، پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان يەنە بىر خىل ئاڭ يوشۇرۇن ياتقان بولىدۇ. 7 يىلدىن كېيىن، ئۇ بۇ نۇقتىئىنەزەرنى يەنە بايان قىلغان. ۋېليام جامىس يەنە «تۇيغۇدىكى ھازىر » ئۇقۇمىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ بۇرۇنقى ئېڭى لەيلەپ چىقىپ ھازىرقى ئېڭى بىلەن سىڭىشىپ كېتىپ، ئادەمنىڭ ۋاقىت تۇيغۇسىنى قايتىدىن تەشكىللەپ، سۇبىكتىپ تۇيغۇدا بىۋاستە سېزىم رىئاللىقىغا ماس بىرخىل ۋاقىت تۇيغۇسىنى قايتىدىن تەشكىللەپ، سۇبىكتىپ تۇيغۇدا بىۋاستە سېزىم رېئاللىقىغا ماس بىرخىل ۋاقىت تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. جامىس «پىسخولوگىيە دەرسلىكى» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دىگەن: «تۇيغۇدىكى ھازىر- بىۋاستە سېزىمدىكى بىر بۆلەك ئىزچىل ۋاقىت، ئۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ، شۇڭا مەلۇم بىر ئىش تۇيغۇدىكى ئاشۇ بىر بۆلەك ۋاقىتنىڭ دائىرسىدىن بىر مەزگىل ئايرىلغاندىن كېيىن، قايتا پەيدا بولىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق قارىغان: ئاڭ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە « ئاڭ ھامان ئۆز ئوبىكتىنىڭ مەلۇم جايلىرىغا قىزىقىپ، باشقا جايلارنى چەتكە قاقىدۇ»، يەنى ئاڭ ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ ئوبىكتىنى تاللايدۇ.[0]

 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#