ئەدەبىيات

ئەدەبىيات

ئەدەبىيات تىل ۋە يېزىقنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق ئوبىكتىپ رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سەنئەت بولۇپ، دىراما، شېئىر، ھېكايە، نەسىر قاتارلىق ژانىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىپادىلىنىش شەكلى، شۇنداقلا  سىنىپى مەيدان ۋە ئىدىيەگە ئىگە بولغان ئەڭ تىپىك ئىجتىمائى پەن.

ئۇيغۇرچە ئەدەبىيات
ئىنگىلىسچە Literature
ئاساسلىق تۈرى شېئىر، ھېكايە، نەسىر
خەنزۇچە 文学
تۈرى ئەدەبىيات نەزىرىيىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەدەبىيات تىل ۋە يېزىقنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق ئوبىكتىپ رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سەنئەت بولۇپ، دىراما، شېئىر، ھېكايە، نەسىر قاتارلىق ژانىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىپادىلىنىش شەكلى، شۇنداقلا  سىنىپى مەيدان ۋە ئىدىيەگە ئىگە بولغان ئەڭ تىپىك ئىجتىمائى پەن بولۇپ، ئوخشىمىغان ژانىرلار ئارقىلىق ئىچكى ھېسياتنى ۋە مەلۇم بىر ۋاقىت ۋە مەلۇم بىر ئورۇندىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى قايتا ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

  ئەدەبىيات ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيىۋىي پائالىيىتىدىن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ ئېغىز ئەدەبىياتى شەكلىدە يەنى مۇزىكا قوشۇلسا ناخشا قىلىپ ئېيتقىلى بولىدىغان لىرىكىلىق شېئىرلار شەكلىدە مەيدانغا كەلگەن. جۇڭگودا ئەڭ ئاۋۋال بارلىققا كەلگەن يازما ئەدەبىيات خاتىرىسى بولسا نەزمىنامىدۇر. ياۋرۇپا ئەنئەنىۋىي ئەدەبىيات نەزىرىيىسى ئايرىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن، ئەدەبىياتنى شېئىر، نەسىر ۋە دىرامىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە ئايرىغانىدى. جۇڭگودا بولسا چىن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە يېزىق ئارقىلىق يېزىلغان ماتېرىياللارنى ئومۇمەن قىلىپ ئەدەبىيات دەپ ئاتاپ، ۋىن،جىن سۇلالىرىدىن كېيىن ئەدەبىي ئەسەرلەر ئايرىلىپ چىقىشقا باشلىغان. 

بۈگۈنكى زاماندا بولسا ئەدەبىيات دۇنيانىڭ ئۇمۇمى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن شېئىر، ھېكايە، نەسىر ۋە دىرامىدىن ئىبارەت تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

  ئەدەبىيات، ئۇ بىر تۈرلۈك يېزىقنى ئىپادىلەش ۋاستىسى قىلىپ، تىلنىڭ ئىپادىلەش كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىچكى ھېسياتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئىلىم بولۇپ، ئۇ ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتسىيىسىدىكى سەنئەت كاتىگورىيىسىگە كىرىدۇ. ئەدەبىيات تىل ۋە يېزىقنى سەنئەتلىك ئىپادىلىنىشى بولۇپ، ئۇ ئىجتىمائىي مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ بىۋاستە ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.

  ئەدەبىيات مەتبۇئات ۋە مائارىپنىڭ تەرەققىياتى شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى تۈپەيلى، مونوپۇللۇق نوپۇزىنى يوقىتىپ، ئاستا-ئاستا خەلق مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالدى ۋە كەسكىن ئەدەبىيات، ئاممىباپ ئەدەبىيات ۋە خەلق ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرنى شەكىللەندۈردى.

شېئىر

دۆلىتىمىزدە ئەڭ بۇرۇن پەيدا بولغان بىر خىل ئەدەبىي ژانىر بولۇپ، ئۇ ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ ئەمگەك ساداسى، بىر خىل تاۋۇش ۋە ناخشا ئەدەبىياتىدۇر. ئۇ دەۋرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن كلاسسىك شېئىر، يېقىنقى زامان شېئىرى، يېڭى شېئىر دەپ ئۈچ تۈرگە، ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، لىرىكىلىق شېئىر ۋە ئىپىك شېئىر دەپ ئىككى تۈرگە، مەزمۇنىغا قاراپ، يېزا ھاياتى تەسۋىرلەنگەن شېئىر، مەنزىرە تەسۋىرلەنگەن شېئىر، پەن-تېخنىكا شېئىرلىرى ۋە قەسىدە دەپ تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

نەسىر

قەدىمكى دەۋردە، قاپىيداش بولمىغانلىكى ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنى، يەنى نومنىڭ تارقىلىش تارىخى قاتارلىقلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ نەسىر دەپ ئاتايتتى. ھازىرقى زامان نەسىرچىلىكىدە شېئىر، ھېكايە، دراما قاتارلىق ئەدەبىي ژانىرلارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى نەسىر دېيىلىدۇ.

نەسىر تېما دائىرىسى كەڭ، شەكلى ئەركىن، يېزىلىشى جانلىق، تىلى قاپىيىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ئەدەبىي ژانىر بولۇپ. ئىپادىلىنىشى ئۆزگىچە، مەزمۇنى چوڭقۇر. نەسىر يەنە مەزمۇنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ، ئىپىك نەسىر، لىرىك نەسىر ۋە مۇھاكىمىلىق نەسىر دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ، ئىپىك نەسىردە شەيئى ۋە ھادىسىلەر، مەنزىرىلەر ئەكس ئەتتۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىدۇ. لىرىك نەسىردە بولسا كۈچلۈك ھېسيات ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرى ئىپادىلىنىدۇ. مۇھاكىمىلىق نەسىردە ۋەقەلىكلەرنى بايان قىلىش ، ئوبرازنى تەسۋىرلەش، ھېسياتنى سىڭدۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، مەلۇم بىر قائىدە-داۋلى يورۇتۇپ بېرىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ لوگىكىلىق يەكۈن ۋە مۇكەممەل دەلىل ئىسپاتلارغا تايانمايدۇ.

ھېكايە

ئۇ ئەدەبىياتنىڭ بىر چوڭ تۈرى بولۇپ، تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىنى بايان قىلىش ۋە مۇھىتنى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق، ھەر خىل ئوبرازلارنى يارىتىپ، كەڭ دائىرىدە، كۆپ تەرەپلىمىلىك ھالدا ئىجتىمائىي  تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

دىراما

دىراما ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە بولغان سەھنە سەنئىتى بولۇپ، ئەدەبىيات، مۇزىكا، ئۇسسۇل، سەنئەت، ھەيكەلتاراشلىق، قۇرۇلۇش قاتارلىق ئامىللاردىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر خىل زىددىيەتلەرنى پاش قىلىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەڭ يارقىن ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ئەدەبىي ژانىردۇر. جۇڭگودا دىراما  ئاتالغۇسى ئەلنەغمە،تىياتىر ۋە ئوپىرالارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى ھېسابلىنىدۇ. دىرامىنىڭ ئاساسلىق ئامىلى دەل تۇرمۇشتىكى زىددىيەت-توقۇنۇشلاردۇر. ئۇنىڭ تىلى دىئالوگ، مونولوگ ۋە سەھنە سۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دىرامىنىڭ قۇرۇلمىسى بىر پەردىلىك دىراما ۋە كۆپ پەردىلىك دىرامىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  دىرامىنىڭ تۈرلىرى:

دىراما ئەسەرنىڭ تۈرىگە قاراپ، تىراگىدىيە، كومىدىيە ۋە تىياتىر دەپ ئۈچ تۈرگە، تېما مەزمۇنىغا قاراپ، تارىخىي دىراما، ھازىرقى زامان دىرامىسى، بالىلار دىرامىسى دەپ ئۈچ تۈرگە، قۇرۇلمىسىغا قاراپ بىر پەردىلىك دىراما ۋە كۆپ پەردىلىك دىراما دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

  ئەدەبىياتنىڭ سىرتقى جەھەتتە قوللىنىشچانلىق، پايدا يارىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ مۇھىمى ئۇ يەنە ئىچكى جەھەتتە، مەۋھۇم ئەمما مەنپەئەتتىنمۇ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان روھىي جەھەتتىكى خۇسۇسىيىتى بار. روھتىن ئېغىز ئاچساق، ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغان نۇرغۇن ئېنىقلىمىسى بار بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى بىر خىل ئىنتىلىشتۇر. ئۇ ئەقلىي ۋە ھېسسىي تۇيغۇلارنىڭ ئورگانىك ھالدا بىرلىشىشى بولۇپ، ئادەمنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئۆزىدىن ئېشىپ چۈشۈش جەريانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا مەنىۋىي قىممەت بىلەن ماددىي قىممەتتىن پەرقلىنىدۇ، ئۇ ئىچكى مايىللىققا، ھەقىقىيلىققە، ئالغا ئىنتىلىشچانلىققا ئىگە.

  ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ يارىتىلىش جەريانى دەل يازغۇچىنىڭ يازغۇچى-سەنئەتكارنىڭ روھىي پائالىيىتىدۇر. ئەدەبىي ئەسەرلەر ئىنسانلارنىڭ روھىي پائالىيىتىنىڭ مەھسۇلى. ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ھوزۇرلىنىشمۇ ئىنسانلارنىڭ روھىي پائالىيەتلىرى دائىرىسىگە كىرىدۇ.

  ئەدەبىي ئۇسلۇب دېگىنىمىز، يازغۇچى ئۆزگىچە ھەمدە كونكىرت بولغان دېئالوگ كۆرۈنۈشىنى پەيدا قىلىش جەريانىدا ياراتقان بىر پۈتۈن سۆز ئۇسلۇبىنى كۆرسىتىدۇ. ئەدەبىي ئۇسلۇب سوبيېكىت بىلەن ئوبيېكىتنىڭ، شەكىل بىلەن مەزمۇننىڭ مۇئەييەن ھالدا بىرلىشىشى. يازغۇچىنىڭ ئىجادىي پائالىيىتىنىڭ تەدرىجىي مۇكەممەللىشىشكە، تەدرىجىي ھالدا نىسبەتەن يۇقىرى بولغان سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشىدىكى ئۆلچەمدۇر. يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي ئۇسلۇبى بولسا ئەدەبىي ئۇسلۇبنىڭ يادروسى ۋە ئاساسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دەۋر روھىنى، مىللەت روھىنى، ماكان پۇرىقىنى ۋە مەزھەپ روھىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بولىدۇ.

ئەدەبىي ئۇسلۇب دېگىنىمىز، ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتىدە پەيدا بولىدىغان ، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئەدەبىي ھادىسە بولۇپ، ئۇ ئاساسلىق ھالدا، يازغۇچى ھەم ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبىنى، يەنى يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس سەنئەتلىك ئىجادىي پائالىيىتىنىڭ مۇستەھكەم ئۆلچىمى ۋە سۆز-ئىبارىلەرنىڭ پىشىپ-يېتىلگەنلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىشى بولغاچقا، ئۇ يازغۇچىنىڭ بارماق ئىزىغا ئوخشاشلا ئۆز ئالدىغا خاس بەلگە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەدەبىي ئۇسلۇب ھەم يازغۇچىنىڭ ئىجادىي خاسلىقىغا ۋە تىل ئالاھىدىلىكىگە، ھەم دەۋر، مىللەت ۋە يەرلىك مەدەنىيەت قاتارلىق ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (5 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#