كاۋاك يېزىسى

كاۋاك يېزىسى

كاۋاك يېزىسى قاراقاش ناھىيەسى بازىرنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي بىلەن قاراقاش ناھىيەسى بازىرىنىڭ ئارلىقى 54 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى كاۋاك يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 12373 كۋادىرات كىلومېتىر
رايون نۇمۇرى 0903
خەنزۇچە ئاتىلىشى 喀瓦克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
تەۋە رايون شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى
نوپۇسى 11000
تېرىلغۇ يەر 23225 مو

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كاۋاك يېزىسىكاۋاك يېزىسى قاراقاش ناھىيەسى بازىرنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي بىلەن قاراقاش ناھىيەسى بازىرىنىڭ ئارلىقى 54 كىلومېتىر كېلىدۇ. جەنۇبتا يېڭىيەر يېزىسى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقى نىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئاقسۇ ۋىلايىتى نىڭ ئاۋات ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ؛ شەرقىي تەرىپى خوتەن ناھىيەسى ۋە قاراقاش دەرياسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ؛ غەربتە قويچى يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ . يەر كۆلىمى 12373 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 23225 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 2.37 مو.

كاۋاك يېزىسىبۇ يېزا تەۋەسىدە 23 كەنت ئاھالە كومتېتى بۇلۇپ، بىرئېغىز كەنتى، كاۋاك كەنتى، چىنارباغ كەنتى، شاخلىق كەنتى، لەمپە كەنتى، توپا ئېرىق كەنتى، يېڭىچكە كەنتى، دۆڭكۆل كەنتى، قوغۇنلۇق ئارىش كەنتى، باش ھاجىئېغىل كەنتى، ئاياغ ھاجىئېغىل كەنتى، چىنار كەنتى، شاختاشلام كەنتى، باش كاۋاك كەنتى، جەگە كەنتى، چالا قۇدۇق كەنتى، بوستانتوغراق كەنتى، تۇزلۇقئۇتاق كەنتى، يالغۇزتوغراق كەنتى، ئاچچىق كەنتى، نەزەر باغ كەنتى، شالئېغىل كەنتى، ماياقدۆڭ كەنتى قاتارلىقلار.

كاۋاك يېزىسى2006-يىلى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2546.33 مىليون يۈەن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 2480.46 مىليون يۈەن بولغان، مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىدە ئىگەلىگەن نىسبىتى %97.41 بولغان؛ ئىككىنچى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 28.98 مىليۇن يۈەن بولغان، مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىدە ئىگەلىگەن نىسبىتى %1.14 بولغان؛ ئۈچىنچى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 36.89 مىليۇن يۈەن بولغان، مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىدە ئىگەلىگەن نىسبىتى %1.45 بولغان. 2006-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 1465.85 يۈەن بولغان. بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 7500 مو، بىرلىك مەھسۇلاتى 302 كىلوگىرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 2265 توننا؛ كۆممىقوناق تېرىلغۇ كۆلىمى ھەريىلى 7300 مو، بىرلىك مەھسۇلاتى 393.84 كىلوگىرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 2875 توننا؛ شال تېرىلغۇ كۆلىمى 300 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 336.67 كىلوگىرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 101 توننا. كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 2696 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 98.95 كىلوگىرام. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#