تۇرنا ئۇرۇقدىشى
تۇرنا ئۇرۇقدىشى (ئىلمىي نامى: Grus)، قۇشلار سىنىپى تۇرنىسىمانلار تۈركۈمى تۇرنا ئائىلىسىنىڭ 1-ئۇرۇقدىشىغا تەۋە بۇلۇپ، دۇنيادا 11 تۈرى، جۇڭگو جەمئىي سەككىز تۈرى بار. تۇرنا چوڭ پەسىللىك قۇش بۇلۇپ، چوققىسى تاقىر، تۇمشۇقى تۈز، بۇرنى يىرىق شەكلىدە، تۇمشۇقى قاتتىق ۋە تۈز، بۇرۇن تۆشۈكچىسى يېرىق ھالەتتە بولىدۇ؛
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تۇرنا ئۇرۇقدىشى (ئىلمىي نامى: Grus)، قۇشلار سىنىپى تۇرنىسىمانلار تۈركۈمى تۇرنا ئائىلىسىنىڭ 1-ئۇرۇقدىشىغا تەۋە بۇلۇپ، دۇنيادا 11 تۈرى، جۇڭگو جەمئىي سەككىز تۈرى بار. تۇرنا چوڭ پەسىللىك قۇش بۇلۇپ، چوققىسى تاقىر، تۇمشۇقى تۈز، بۇرنى يىرىق شەكلىدە، تۇمشۇقى قاتتىق ۋە تۈز، بۇرۇن تۆشۈكچىسى يېرىق ھالەتتە بولىدۇ؛ پاقالچاق، پاچاق، ئوشۇق-پەنجە ۋە بارمىقىنىڭ ھەممىسى ئىنچىكە ئۇزۇن، ئارقا بارمىقى كىچىك بولىدۇ، ئەمما ئورنى ئالدى ئۈچ بارمىقىدىن ئىگىز بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە نامى | خەنزۇچە نامى | لاتىنچە نامى | چەتئەلچە نامى |
ئاق تۇرنا | 白鹤 | Grus leucogeranus | Siberian Crane |
شىمالىي ئامېرىكا كۈل رەڭ قاقىرىسى | 沙丘鹤 | Grus canadensis | Sandhill Crane |
ئاق گەدەن تۇرنا | 白枕鹤 | Grus vipio | White-naped Crane |
قىزىل بويۇن تۇرنا | 赤颈鹤 | Grus antigone | Sarus Crane |
ئاۋسترالىيە تۇرنىسى | 澳洲鹤 | Grus rubicunda | Brolga |
لەيلەك تۇرنا | 蓑羽鹤 | Grus virgo | Demoiselle Crane |
كۆك لەيلەك تۇرنا | 蓝蓑羽鹤 | Grus paradisea | Blue Crane |
گۆش ساقاللىق تۇرنا | 肉垂鹤 | Grus carunculata | Wattled Crane |
قىزىل قاشقا تۇرنا | 丹顶鹤 | Grus japonensis | Red-crowned Crane |
ئامرېكا قىتئەسى تۇرنىسى | 美洲鹤 | Grus americana | Whooping Crane |
كۈلرەڭ تۇرنا | 灰鹤 | Grus grus | Common Crane |
ئاق باش تۇرنا | 白头鹤 | Grus monacha | Hooded Crane |
قارا بويۇن تۇرنا | 黑颈鹤 | Grus nigricollis | Black-necked Crane |
تۇرنا ئۇرۇقىدىشىنىڭ دۇنيادا 11 تۈرى، جۇڭگو جەمئىي سەككىز تۈرى بار. ئۇلار: قارا بويۇن تۇرنا، قىزىل بويۇن تۇرنا، كۈل رەڭ تۇرنا، قىزىل قاشقا تۇرنا، ئاق گەدەن تۇرنا، ئاق تۇرنا،شىمالىي ئامېرىكا كۈل رەڭ قاقىرىسى، ئاق باش تۇرنا، ئامېرىكا قىتئەسى تۇرنىسى، ئاۋسترالىيە تۇرنىسى قاتارلىقلار.
قارا بويۇن تۇرنا
قارا بويۇن تۇرنا (ئىلمىي نامى: Grus nigricollis؛ ئىنگلىزچە: Black-necked Crane) باشقىچە ئاتىلىشىدىن ئېگىزلىك تۇرنىسى، تىبەت تۇرنىسى، ياۋا غاز قاتارلىقلار بار، دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۆسۈش، كۆپىيىشى شىزاڭ ئېگىزلىكىدە بولغان تۇرنىلار. شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئالتۇنتېغىدىن گەنسۇدىكى چىليەنشەنگە سوزۇلغان، جەنۇبتا شىزاڭنىڭ ھىمالايا تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى ۋە يۈننەننىڭ ئېگىزلىكى، غەربتە قارا قۇرۇم تېغى، شەرقتە چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي شىمالىي چېتىگە، گەنسۇ، چىڭخەي ۋە سىچۈەن چېگرىلىنىدىغان ئوتلۇقىغا، شۇنىڭدەك يۈننەن ۋە گۇيجۇ چېگرىلىنىدىغان ۋۇمېڭشەن تاغلىقىغا بارىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە يۈننەن ئۆلكىسى جاۋتۇڭ شەھىرى «جۇڭگو قارا بويۇن تۇرنىنىڭ ماكانى» دەپ ئاتالغان. جۇڭگونىڭ دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان، «نەسلى قۇرۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان ياۋايى ھايۋانات ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نەسلى ۋە ئۇرۇقى خەلقئارالىق سودا ئەھدىنامىسى» ۋە خەلقئارا قۇشلار ئۇنى قىزىل تاجىلىق تۇرنا قارا بويۇن تۇرنا يەر شارى جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق بولغان قۇش قىلىپ بېكىتىلگەن.
قىزىل بويۇن تۇرنا
قىزىل بويۇن تۇرنا (ئىلمىي نامى: Grus antigone؛ ئىنگىلىزچە: Sarus Crane) بەدىنىنىڭ پەيلىرى كۈل رەڭ، بېشىنىڭ رەڭگى قىزىل تۈكلىرى يوق، باش چوققىسى ئاق تاجلىق ۋە ئۇزۇن ئۇچلۇق تۇمشۇقى بار. بەدىنى ئىنتايىن چوڭ بۇلۇپ، ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى 1.5 مېتىر، تاتلىق سۇ سازلىقى ۋە تۈزلەڭلىكتە ياشايدۇ.
قىزىل قاشقا تۇرنا
قىزىل قاشقا تۇرنا (ئىلمىي نامى∶ Grus japonensis) قىزىل تاجىلىق تۇرنا، ئاق تۇرنا، ئاق لەيلەك (ئەمەلىيەتتە ئاق تۇرنا يەنە بىر خىل تۇرنا ئۇرۇقدىشىغا تەۋە قۇشلار) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، قىزىل قاشقا تۇرنا شەرقىي ئاسىيا رايونىدىكى ئۆزىگە خاس قۇش تۈرى بولۇپ، تەن شەكلى چىرايلىق، رەڭلىرى ئېنىق ئايرىلغان بولىدۇ. باش قىسمىنىڭ چوققىسىدا قىزىل رەڭلىك تاجىسى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان.
قىزىل قاشقا تۇرنا شەرقىي ئاسىيا رايونىدىكى ئۆزىگە خاس قۇش تۈرى بولۇپ، تەن شەكلى چىرايلىق، رەڭلىرى ئېنىق ئايرىلغان بولىدۇ . باش قىسمىنىڭ چوققىسىدا قىزىل رەڭلىك تاجىسى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. ئۇلار جۈپ-جۈپ بولۇپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، توپلىشىپ كۆچىدۇ، ئۆمرى 50-60 يىلغا يېتىدۇ. قىزىل قاشقا تۇرنا ئەۋلىيا تۇرنا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جۇڭگودا بەخىت-سائادەتكە، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە سىمۋول قىلىنغان. تۇرنىنىڭ قىېنىدا زەھەر بولمايدۇ . رىۋايەتلەردە ئېيتىلغان ئىنتايىن كۈچلۈك خىدىڭخۇڭ ئەمەلىيەتتە ئاق مەرگە مۇشتۇر.
ئاق گەدەن تۇرنا
ئاق گەدەن تۇرنا (ئىلمىي نامى: Grus vipio) قىزىل يۈز تۇرنا، ئاق باش تۇرنا، تۇرنا دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛ بوي ئېگىزلىكى تەخمىنەن 130 سانتىمېتىر بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 6 كىلوگىرام. ئۇلارنىڭ پۇتى قىزغۇچ رەڭدە، بويۇن قىسمى، ئاستى ئۈستى ئىككى ئېغىز كۈل رەڭ، بۇرنى كۈل، يۈز قىسمى قىزىل. ئاساسلىقى موڭغۇلىيەنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان، جۇڭگو نىڭ شەرقىي شىمالى ۋە رۇسىيە نىڭ شەرقىي جەنۇبى ئەتراپىدا كۆپىيىدۇ.
ئاق تۇرنا
ئاق تۇرنا (ئىلمىي نامى: Grus leucogeranus) سىبىرىيە ئاق تۇرنىسى (Crane White Siberian) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاق تۇرنا بولسا بىر خىل چوڭ تىپتىكى سۇ قۇشى، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 140 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 10 كىلوگرامدىن ئېشىپ كېتىدۇ، بەدىنى قىزىل قاشقا تۇرنىغا قارىغاندا سەل چوڭ. تۇمشۇقى توم، ئۇزۇن ھەم تۈز قىزىل رەڭدە، بېشى ۋە پۇتى ناھايىتى ئۇزۇن. كۆچىدىغان قۇش ۋە قىشلايدىغان قۇشلاردىن بولۇپ، رۇسىيە نىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى ساخا جۇمھۇرىيىتى ۋە غەربىي سىبىرىيە كۆپىيىدۇ، خېلى ئۇزۇن ئارىلىققا كۆچەلەيدۇ.
ئاق باش تۇرنا
ئاق باش تۇرنا (ئىلمىي نامى: Grus monacha) 锅鹤、玄鹤、修女鹤 دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تېنى كۈل رەڭ، بويۇن ۋە بېشى ئاق، كۆز ئەتراپىدىكى يالىڭاچ تېرىسى قىزىل. ئەڭ كىچىك تۇرنا بۇلۇپ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1 مېتىر، ئېغىرلىقى 3.7 كىلوگرام، كەڭلىكى 1.87 مېتىر. سىبىرىيە رايونىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى ۋە شەرقىي جەنۇبى (موڭغۇلىيە) دە تۇخۇم تۇغۇش ئارقىلىق كۆپىيىدۇ، قىش پەسلىدە %80 تىن كۆپرەكى ياپونىيە نىڭ جەنۇبىدىكى سۇ شەھىرىگە تارقالغان، قالغانلىرى جۇڭگو بىلەن كورېيەگە تارقالغان.
ئامېرىكا قىتئەسى تۇرنىسى
ئامېرىكا قىتئەسى تۇرنىسى (ئىلمىي نامى: Grus americana؛ ئىنگىلىزچە: whooping crane) ئامېرىكا قىتئەسى ئاق تۇرنىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛ شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ ئېگىز ئۇچىدىغان ھەم يۇقىرى ئاۋازدا سايرايدىغان تۇرنا. ئۇلار شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمىننىڭ سازلىقىدا ياشايدۇ. ئادەتتە سازلىقتىكى ئېگىز جايلارغا ئۇۋا سالىدۇ. 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 5-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە تۇخۇم تۇغىدۇ، ھەر قېتىم تەخمىنەن 1 ~ 3 تۇخۇم تۇغىدۇ. تۇخۇمنى ئادەتتە چىشى قۇش باسىدۇ. دالىدا ئوتتۇرىچە ئۆمرى 22 ~ 24 يىل بولىدۇ.
ئاۋسترالىيە تۇرنىسى
ئاۋسترالىيە تۇرنىسى (ئىلمىي نامى: Grus rubicunda) تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 160 سانتىمېتىر، كېكىردەك قىسمىدا بىر پارچە قارا گۆش ساقىلى بار، پۇت رەڭگى قارا رەڭدە بولىدۇ. شىمالى ئاۋسترالىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاۋسترالىيەگە تارقالغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.