- ئارپىبەدىيان (دورا )
- ئارپىبەدىيان (ئۆسۈملۈك)
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئارپا بەدىيان ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقان، قۇرۇتۇلغان مېۋىسى تەمى بىر ئاز ئاچچىق، تىلنى قورۇيدۇ، ئۇرۇقى تۇخۇمسىمان، سەل ياپىلاق شەكىلدە، رەڭگى سارغۇچ يېشىل رەڭدە، . خۇشپۇراق. 5–6 گىچە ئۇزۇنىسىغا كەتكەن سىزىقچىلىرى بولىدۇ. كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، 7–8 ئايلاردا يىغىۋېلىۋىلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىن چىقىدۇ. ئۇندىن باشقا ھىندىستان، ئېران، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىنمۇ چىقىدۇ.
خۇسۇسيىتى
يەل تارقىتىش، غەيرى تەبىئىي بەلغەم، سەۋدا خىلىتنى يۇشۇرۇش، توسالغۇلارنـى ئېچىـش، غەيـرى تەبـىئىـي بەلغەم خىـلىتنـى، ھۆل سوغۇق كـەيپىياتـنـى تەڭشەش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، ئاغرىش توختىتىش، سۈت پەيدا قىلىش، زەھەر قايتۇرۇش، سۈيدۈك ، ھېيىزنى راۋان قىلىش، ئىششىق قايتۇرۇش خۇسۇسىيەتلىرى بار.
فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
ئارپا بەدىيان يېغى يەل ھەيدىگۈچى تەسىرىنى بېرىدۇ. ئاغرىق قالدۇرىدۇ. ئاشقازاننى بوشاشتۇرۇپ غىدىقلاش پەيدا قىلىپ ئاشقازان ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش خىزمىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاستا – ئاستا بوشاشتۇرۇپ ئاغرىققا ئارام بېرىدۇ. ئارپا بەدىيان يىغىنىڭ باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇش رولىمۇ بار. ئانېتول باكتېرىيىگە قارشى تۇرغۇچى ماددا بولۇشى مۇمكىن. فېفون كافورغا ئوخشاش ئالاھىدە جىسىمدىن تۈزۈلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە كامىخوراغا ئوخشاش يەرلىك ئورۇننى غىدىقلاش تەسىرى بار. يەنە ئارپا بەدىيان يېغى مەلۇم دەرىجىدە غىدىقلاپ سىلىقلاشتۇرۇش، يەڭگىل دەرىجىدە چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش تەسىرى بار.
1. ئارپا بەدىيان12 گرام، ئەفسەنتىن6 گرام، سۇمبۇل3 گرام، كىرەفشە ئۇرۇقى6 گرام، قارا زىرە5 گرام دورىلارنى قاينىتىپ ئىچسە يەل تارقىتىدۇ. قورساق كۆپۈشنى يوقىتىدۇ.
2. بەدىيان10 گرام، ئىزفىر20 گرام ئېلىپ قاينىتىپ سۈيىگە 100 گرام ھەسەل قوشۇپ ئىچسە پالەچ، لەقۋا، ئىستراخاغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. بەدىيان، ئوغرى تىكەن، بادام مېغىزى قاتارلىق دورىلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سىپوپ قىلىپ بەرسە سۈت كۆپەيتىدۇ. كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.
4. بەدىيان، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى قورۇپ مۇۋاپىق مىقدار ئېلىپ تەرەغىبىن بىلەن تەمىنى چىقىرىپ، ئىچسە بالىلاردىكى كۆڭۈل ئېلىشىش، ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش، تاماق يېمەسلىككە پايدا قىلىدۇ.
5. بەدىياننىڭ تەمىنى چىقىرىپ 3 گرام بادام يېغى قوشۇپ ئىچسە قولۇنجىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
6. بەدىياندىن سىركەنجىبىن تەييارلاپ بەرسە تال، جىگەرنىڭ توسالغۇسىنى ئاچىدۇ.
ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقان، قۇرۇتۇلغان مېۋىسى
ئەرقى بەدىيان، ئىتىرفىل بەدىيان، جاۋارش كۇمۇنى. سىپوپى بەدىيان.
ھەزىم ئاجىزلىقى، قورساق، ئېسىلىش، دەم سىقىلىش، تال، جىگەر توسۇلۇش، بوغۇم ئاغرىقى، سۈت كېمىيىپ كېتىش، كونا ئىچى سۈرۈش، يۈرەك رېتىمسىزلىقى ئېغىز پـۇراش، كـۆڭلـى ئېلىشىش، كـۆرۈش قـۇۋۋىـتـى ئاجىزلاش، يۆتـەل، يـانپـاش ۋە بـەل ئاغرىقلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ.
مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي بولۇپ ماينىڭ ئاساسلىق تەركىبى %60–50 گىچە ئانتول (Anitole)، %30–20 گىچە فېنخون (Fenehone)، كامفىن (Comphene)، ئاتىسدوم ئانىزىكوم (Anisic acid)، دېپتىن (dipeten) ئارپا بەدىيان ئالدىھسىـدى (Ahisi acid) قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا ئارپا بەدىيان مېيى، ئاقسىل، ۋىتامىنغا ئوخشاش ماددىلار، كىراخمال، شېكەر، ئشىلىمشىق ماددىلار بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.