چېخ جۇمھۇرىيىتى
چېخ جۇمھۇرىيىتى (The Czech Republic) قىسقارتىلىپ چېخ دىيىلىدۇ. چېخنىڭ شەرقى سلوۋاكىيە بىلەن قوشنا ، جەنۇب تەرىپى ئاۋسترىيە بىلەن چېگرالىنىدۇ، شىمال تەرىپى پولشا بىلەن تۇتىشىدۇ ، غەرب تەرىپى گېرمانىيە بىلەن قوشنا ، كۆلىمى 78866 كىۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇقلۇق يەر كۆلىمى 77276 كىۋادرات كىلومېتىر ، سۇ كۆلىمى 1590 نەچچە كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى چېخ جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى چېخ 捷克
ۋاقىت رايونى ياۋروپا ۋاقتى (شەرقى1-ۋاقىت رايونى)،(يازلىق ۋاقىت تۈزۈمى:UTC+2)
دۆلەت شېئىرى مېنىڭ يۇرتۇم قەيەردە
سىياسى تۈزۈلمىسى پارلامېنت تۈزۈمىدىكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 捷克共和国
قىتئە تەۋەلىكى ياۋروپا قىتئەسى
پايتەختى پراگا (براگ)
دۆلەت تىلى چېخ تىلى
نوپۇسى 10 مىليون 551 مىڭ (2015-يىلى)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چېخ جۇمھۇرىيىتىچېخ جۇمھۇرىيىتى (The Czech Republic) قىسقارتىلىپ چېخ دىيىلىدۇ. چېخنىڭ شەرقى سلوۋاكىيە بىلەن قوشنا ، جەنۇب تەرىپى ئاۋسترىيە بىلەن چېگرالىنىدۇ، شىمال تەرىپى پولشا بىلەن تۇتىشىدۇ ، غەرب تەرىپى گېرمانىيە بىلەن قوشنا ، كۆلىمى 78866 كىۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇقلۇق يەر كۆلىمى 77276 كىۋادرات كىلومېتىر ، سۇ كۆلىمى 1590 نەچچە كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئاھالىسى: چېخنىڭ 2015-يىللىق نوپۇسى   10 مىليون 551 مىڭ بولۇپ، ئاھالىنىڭ %90 نى  خورۋاتلار، %4 نى موراۋىيانلار، %2 سلوۋاكلار، قالغانلىرىنى ۋېنگىر، سىگانلار ئىگەللەيدۇ . سىلاۋيان تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە چېخ تىلى دۆلەت تىلى.

دىنى : چېخلارنىڭ %27 ى  كاتولىك دىنىغا، %1  پروۋسلاۋىيە دىنىغا، %2 پروتىستانت دىنىغا  ئىشىنىدۇ. كۆپ قىسمى دىنغا ئىشەنمەيدۇ

پۇلى: كورونى، (2006-يىلى) 22.596 كورونى = بىر دوللار. 2004-يىلى 25.7 كورونى = بىر دوللار. 2002-يىلى 32.739 كورونى = بىر دوللار. چېخ 2008 ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ئەزاسى. 2008-يىلىدىن باشلاپ ياۋوپا ئىتىپاقىغا كىرىپ ياۋرونى ئاساسلىق پۇل بىرلىكى قىلماقچى.

 دۆلەت بايرىمى: ( 1918-يىلى) 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، چېخنىڭ ئاۋستىرىيە-ۋېنگىرىيەئىمپىرىيىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان كۈنى.

پايتەختى : پراگا، ئاھالىسى  1 مىليون 273 مىڭ. 

چېخ جۇمھۇرىيىتىچېخ زىمىنى ئەسلىدە گۇتلار (گېرمان تىل ئائىلىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەجدادى) نىڭ بولۇپ كېيىن بۇ يەر غەربى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان.6-ئەسىرلەردە جەنۇپقا كۆچكەن بىر قىسىم سىلاۋيانلار بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ كىچىك بەگلىكلەرنى قۇرغان، مىلادى 623-يىلى قۇرۇلغان قۇدرەتلىك بوھمىيە پادىشاھلىقى ئوتتۇرا ياۋرپادىكى قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىر بولغان بولۇپ مىلادى 830-يىلى قۇرۇلغان موراۋىيە پادىشاھلىقى ھازىرقى پولشانىڭ بىر قىسمى ۋە چېخ، سلوۋاكىيە قاتارلىق سالاۋيان ئەللىرىنى بىرلەشتۈرگەن.

10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پادىشاھلىق پارچىلىنىپ چېخلار ئايرىم دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن. 15-ئەسىردىن كېيىن چېخ بارغانسېرى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ ئاۋستىريىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان.

1621-يىلىدىن 1781-يىلىغىچە چېخلار ھاقارەتلىك قۇللۇق تۇرمۇشىنى كەچۈرگەندىن كېيىن قۇللۇق تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ چېخ ئاۋستىرىيە ھابىسبورگ ئىمپىرىيىسىنىڭ چېخ، موراۋىيە، بوھىمىيە قاتارلىق ئۆلكىلەرگە بۆلۈۋېتىلگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن چېخلار بىلەن سلوۋاكلار مۇستەقىل بولۇپ بىرلىشىپ چېخسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن سوتسىيالىستىك دۆلەت بولغان .

1990-يىلى 3-ئايدا چېخسلوۋاكىيە پارچىلىنىپ ئايرىم ئايرىم پارلامېنتلىق جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى چېخ جۇمھۇرىيىتى ۋە سلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى بولغان.

چېخ جۇمھۇرىيىتىچېخنىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 500-600 مېتىر ، چېخ-موراۋىيە ئېگىزلىك. ئويمانلىقنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 500 مېتىردىن تۆۋەن، لابې دەرياسى تۈزلەڭلىكى، بېرسىن ئويمانلىقى، ئېرىزبىرگ ئويمانلىقى ۋە جەنۇبى چىخ كۆلى جايلاشقان .

شەرقى موراۋا دەرياسى — ئودېر دەرياسى يۇقىرى ئېقىنىدىكى دەريا جىلغىسى رايونى چىخ ئويمانلىقى بىلەن سىلوۋاكىيە تاغ ئارىسىدا ، موراۋا دەرياسى ئودېر دەريا كارىدورى دەپ ئاتىلىدۇ، قەدىمدىن تارتىپ شىمالىي ياۋروپا بىلەن جەنۇبىي ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى سودا يولى . پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئېدىرلىقلارنىڭ ئېگىز - پەس، ئورمان بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، مەنزىرىسى گۈزەل.

زېمىنى ئىككى چوڭ جۇغراپىيەلىك رايونغا ئايرىلىدۇ. بىرى غەربىي يېرىم قىسمى بولغان ئىچكى بوخىمىيە ئېگىزلىكىنى ، يەنە بىرى شەرقىي يېرىم قىسمى چوققىلارنىڭ ئۈستى تەرىپىگە جايلاشقان تاغلىق ، ئۇ بىر قاتار شەرق - غەرب يۆنىلىشىدىكى تاغ تىزمىلىرىدىن تەركىب تاپقان. ئەڭ يۇقىرى نۇقتا — دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2550 مېتىر كېلدىغان راخوۋ چوققىسى. چوققا تەۋەسى ئېگىزلىك، ئېدىرلىق ۋە ئويمانلىقلار گىرەلەشكەن. دېڭىز يۈزىدىن 1602 مېتىر ئېگىز . چېگرا ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى Elbe دەرياسى 115 مېتىر.

كىلماتى 

چېخ جۇمھۇرىيىتىچېخ دېڭىز ئوكيان خاراكتېرلىك قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا يۈزلەنگەن ئۆتكۈنچى مۆتىدىل بەلباغ كىلىماتى. ياز پەسلى قاتتىق ئىسسىق، قىشتا سوغۇق بولۇپ قار كۆپ ياغىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 7-ئايدا ئەڭ ئىسسىق، 1-ئايدا ئەڭ سوغۇق. براگنىڭ 7-ئايدىكى  ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃19.5، 1-ئايدا ℃0.5-.

تەبئىي بايلىقى 

چېخ جۇمھۇرىيىتىچېخنىڭ قوڭۇر كۆمۈر ۋە ئىسسىز كۆمۈر بايلىقى بىر قەدەر مول، بۇنىڭ ئىچىدە قوڭۇر كۆمۈر ۋە ئىسسىز كۆمۈر زاپاس مىقدارى تەخمىنەن 132 مىڭ توننا، ئايرىم - ئايرىم ھالدا دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا ۋە ياۋروپا 5-ئورۇندا تۇرىدۇ . نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە تۆمۈر رودىسى زاپاس مىقدارى ناھايىتى ئاز ، ئاساسەن ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدۇ. باشقا كان بايلىقلىرىدىن ئۇران، كالىي، ئاليۇمىن، سىنىك، كۋارتس، سۈرمە تاش ۋە چىنە تۇپىسى قاتارلىقلار بار. بۇۋورتاۋا ئېسىل سېلىنغان چوڭ تىپتىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى بار.

چېخنىڭ ئورمان بايلىقى مول، قاپلىنىش كۆلىمى يىلىدىكىدىن 607 مىڭ گېكتار، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %34، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن 1/3 قىسىمى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بۇلۇپ 12-ئورۇندا تۇردۇ. ئاساسلىق دەرەخ تۈرلىرىدىن قارىغاي، ئاق شەمشاد، كاۋچۇك دەرىخى ۋە بۇك دەرىخى دېگەنگە ئوخشاشلاردىن ئىبارەت.

دۆلەت بايرىقى

چېخ جۇمھۇرىيىتىچىخ دۆلەت بايرىقى ئۇزۇنچاق چاسا شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىكىنىڭ نىسبىتى 3 : 2 . بايراق يۈزى كۆك ، ئاق، قىزىل رەڭلەردىن تەشكىل قىلىنغان. سول تەرىپى كۆك رەڭلىك تەڭ يانلىق ئۈچبۇلۇڭ. ئوڭ تەرەپتىكى ئىككى تەرپى تەڭ بولغان تىراپېتسىيە. چېخ پادىشاھلىقنىڭ رەڭگى قىزىل، ئاق، كۆك رەڭلەردىن تەشكىل تاپقان بۇلۇپ، ئاق رەڭ مۇقەددەس ۋە پاكلىق، خەلقىنىڭ تىنچلىق ۋە يورۇقلۇققا ئىنتىلىشغا سىمۋول قىلىنغان؛ قىزىل رەڭ جاسارەت ۋە جاپادىن قۇرقماس روھى، خەلقنىڭ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىق، ئازادلىق ۋە قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن ئۆزىنى تەقدىم قىلغان ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن مۇۋاپىقىيتىگە سىمۋول قىلىنغان. كۆك رەڭ ئەسلىدىكى موراۋىيە ۋە سىلوۋاكىيە ئۆلكىلىرىنىڭ گېرب بەلگىلىرىدىكى رەڭلەردىن ئېلىنغان رەڭ.

دۆلەت گېربى

چېخ جۇمھۇرىيىتىچىخنىڭ دۆلەت گېربى چوڭ - كىچىك دەپ ئىككى خىل بولىدۇ . چوڭ دۆلەت گېربى چاسا شەكىلدىكى گېرب بولۇپ ، قالقاننىڭ يۈزى تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن : سول تەرەپ ئۈستۈنكى ۋە ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى قىسىمىنىڭ تېگى قىزىل بولۇپ ، ئاق رەڭلىك قوش قۇيرۇق بېشىغا پەنجىسى سېرىق ئالتۇن تاج كىيدۈرۈلگەن شىرنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن. ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى قىسىمى تېگى كۆك بۇلۇپ، قىزىل ئاق رەڭ ئارىلاشقان بۈركۈتنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن موراۋىيە ۋەكىللىك قىلىدۇ ؛ سول تۆۋەن تەرىپىگە تېگى سېرىق رەڭلىك بېشىغا ئالتۇن سېرىق تاج كىيدۈرۈلگەن ۋە پەنجىسى قىزىل رەڭلىك، مەيدىسىگە  ئاق رەڭلىك ھىلال ئاي سىزىلغان، كرېست شەكىللىك ۋە ئۈچ يوپۇرماق شەكىللىك زىننەت بۇيۇمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھىلال ئاينىڭ ئوتتۇرسىغا ۋە ئىككى ئۇچىغا جايلاشقان، قارا بۈركۈتنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن. چېخنىڭ  كىچىك دۆلەت گېربى قالقان شەكىللىك بولۇپ، قالقان يۈزى قىزىل، ئۈستىدە بىر ئالتۇن تاج تاقىغان ۋە پەنجىسى سېرىق ، ئالدى پۇتلىرىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان قوش قۇيرۇق شىر.

دۆلەت بايرىمى

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاۋسترىيە - ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيەسى پارچىلانغان، 1918-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى چېخوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1993-يىلى چېخوسلوۋاكىيە بۆلۈنۈپ چېخ ۋە سلوۋاكىيە ئىككى مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەت بولغان. چېخ يەنىلا ئەسلىدىكى ھەر يىلى 10-ئاينىڭ 28 - كۈنى دۆلەت بايرىمى كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.

چېخ جۇمھۇرىيىتى چېخ سابىق ئاۋستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپىرىيىسى دەۋرىدىلا ئىمپىرىيىنىڭ سانائەت مەركىزى بولۇپ، تۇپرىقى مۇنبەت، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆلىمى كەڭ، پۇخرالارنىڭ ساپاسى يۇقىرى.يېقىنقى يىللاردىن بېرى ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ياردىمىدە چېخ ئىقتىسادى يەنىمۇ تېز گۈللىنىپ، ئەسلىدىكى سانائەت ۋە كان بايلىقلىرىغا چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش بىلەن بىللە يۇقىرى تېخنىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ تەرەققى قىلغان ئەللەر سېپىگە قوشۇلدى. 2005-يىلى چېخنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %2.8،  سانائەت %37.8، مۇلازىمەت %59.4 نى ئىگەللەيدۇ. 2005-يىلى مۇقىم تېلېفون ئابونتى 3 مىليون 217 مىڭ، يانفون ئابونتى 11 مىليون 776 مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 5 مىليون 100 مىڭ بولغان.

2006 -يىلى چېخنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 118مىليارت 900 مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 21600 دوللار توغرا كەلگەن. چېخنىڭ 2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى %6-%7 بولۇۋاتىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#