- گۈلسامساق (ئۆسۈملۈك)
- گۈلسامساق (دورا)
گۈلسامساق
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گۈلسامساق پىياز گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، گۈلسامساققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 70 ~ 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يەر ئاستىدىكى تەڭگىسىمان غولى يۇمىلاق، تۇخۇمسىمان، ئەتلىك، سۇس سېرىق رەڭلىك بولىدۇ، يەر ئۈستى غولى بىر تال بولۇپ، تىك، سىلىق، تۈكسىز كېلىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ياش مايسا ۋاقتىدا، ئايلانمىراق ئۆسىدۇ، سېپى بولمايدۇ، تېمىنىسىمان، تولۇق گىرۋەكلىك؛ گۈلى ئۇچىدا ياكى يوپۇرماقلىرىنىڭ قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، رەڭگى سۇس جىگەررەڭ، ئاق، قىزىل ۋە باشقا ھەر خىل رەڭلىكلىرىمۇ بار، گۈل تاجى ياپراقچىسى ئارقىسىغا قايرىلىپ تۇرىدۇ؛ مېۋىسى غوزا مېۋە، شەكلى تەتۈر تۇخۇمسىمان، ئۇزۇنىغا ئالتە تال قىرى بولىدۇ.
گۈلسامساق سالقىن، سوغۇققا بىر قەدەر چىداملىق. يۇقىرى ھارارەتلىك رايونلاردا ياخشى ئۆسمەيدۇ. قۇرغاقتىن قورقىدۇ. ھۆلچىلىكتىن، تۇپراق نەملىكى زىيادە ئۆسۈپ كېتىشىدىن تەڭگىسىمان غولىنىڭ چىرىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
يوپۇرماق شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، تاختا يوپۇرماقلىق ۋە گۈللۈك يوپۇرماقلىق دەپ ئايرىلىدۇ، ئەمما تۇپراق قاتلىمى قېلىن، مۇنبەت، يۇمشاق قۇمساڭ ئەت تۇپراق ئىچىدە تەڭگىسىمان غوللۇق رەڭگى ئاپئاق، ئېتى سەل قېلىن. يېپىشقاق ئېغىر تۇپراق مۇۋاپىق ئۆسىدۇ. يىلتىز سىستېمىسى يوغان تەرەققىي قىلغان، ئوغۇتقا چىداملىق.
ئەتىيازدا ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىن يېتەرلىك ئازوت ئوزۇقلۇقىنىڭ ۋە يېتەرلىك فوسفور، كالىيلىق ئوغۇت، ئورگانىك ئوغۇتنى ئاساس قىلىشى كېرەك. بىر يەرگە ئۇدا تېرىشقا بولمايدۇ، 3 ~ 4 يىلدا بىر قېتىم، بۇرۇن پۇرچاق ئائىلىسىدىكى، باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى زىرائەتلەر تېرىلغان جايلاغا تېرىلسا مۇۋاپىق.
ئاساسلىقى خۇنەن، سىچۈەن، خېنەن، جاڭسۇ، جېجىياڭ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ، ئاز قىسمى ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.