ئامىلە دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ئامىلە (ئۆسۈملۈك)
  2. ئامىلە (خام دورا)
ئۆسۈملۈك
ئامىلە

ئامىلە ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئىلى ، قەشقەر ، يەكەن ، پوسكام ، قاغىلىق قاتارلىق رايۇنلاردا تىكىپ ئۆستۈرۈلىدۇ ، مېۋىسى 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە پىشىدۇ .

ئۇيغۇرچە نامى ئامىلە
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى يالمانقۇلاق ئائىلىسى
تۈرى ئامىلە
خەنزۇچە ئاتىلىشى 余甘子 ياكى 油柑
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى مالپىگىيە چاتقىلى تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئامىلە ئۇرۇقدىشى
كەنجى ئائىلىسى ئامىلە كەنجى ئائىلىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دەرىخى 

 ئامىلەنىڭ دەرەخ گەۋدىسى ، راۋاجلىنىشى ۋە شاخلىنىشى ، شاپتۇل ۋە ئالگرات دەرەخلىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ . 

يۇپۇرمىقى 

ئامىلەيۇپۇرمىقى يىپسىمان سوقىچاق ، ئۇزۇنلىغى 8 ~ 20 مىللىمىتىر ، كەڭلىكى 2 ~ 6 مىللىمىتىر ، ئۇچى دىقماق ، ئۈستۈنكى يۈزىنىڭ رەڭگى يېشىل، تۆۋەنكى تەرپى سۇس يېشىل ، قۇرۇغاندىن كېيىن ئاچ قىزىل ياكى سۇس قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ ، گىرۋەكلىرى سەل يۆگىشىپ تۇرغان، يۇپۇرماق سېپىنىڭ ئۇزۇنلىغى 0.3 ~ 0.7 مىللىمېتىرغىچە ؛ يان يۇوپۇرمىقى ئۈچ بۇلۇڭلۇق شەكىلدە، ئۇزۇنلۇقى 0.8 ~ 1.5 مىللىمىتىر ، قوڭۇر قىزىل رەڭلەردە. 

مېۋە شەكلى 

ئامىلەئامىلىنىڭ مېۋىسى چوڭ ، جۇلالىق رەڭگى توق بېغىرەڭ ، چوڭلۇقى ئۆرۈكتەك ، شەكلى بۆرەكسىمان ، ئېتى يېشىل ، يۇمشاق ، تاتلىق ، بەك خۇشپۇراق ، ئەتلىك ، شېرنىلىك ، ئوتتۇراھال سۇلۇق بولۇپ ، ئۇرۇقچىسىدىن ئاجرايدۇ . ئۇرۇقچىسى كىچىك .

كۆپەيتىش ئۇسۇلى 

ئامىلە ئۆرۈك ، ئالگرات نوتىلىرىغا ئۇلاش يولى بىلەن كۆپەيتىلىدۇ ، ئىككى يىللىق نوتىلىرىدا قىسقا - قىسقا مېۋە شاخچىلىرى ھاسىل بولىدۇ. بىر گۇل رىتىدە 2-3 دانە مېۋە چۈشىدۇ ،  سوغۇققا چىداملىق ، قىشتا كۆمۈلمەيدۇ . 

ئۆسۈش شارائىتى 

ئامىلەئامىلە دەرىخى قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ، مۇھىتقا ماسلىشىشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك ، يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقنى ياخشى كۆرىدۇ، ئادەتتە  ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى℃ 20  ئەتراپىدا ئۆسۈشى ياخشى ،℃ 0  ئەتراپىدا ئۈششۈك تېگىدۇ.

دورىلىق قىممىتى 

ئامىلەئامىلە قان، سەپرانىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش، ئاشقازان، ئۈچەي ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، غەيرىي تەبىئىي سەپرا، سەۋدا، بەلغەم خىلىتىنى پىشۇرۇش؛ ئاشقازاننىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتىنى ئاشۇۇرش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، قان تازىلاش، قان توختىتىش، چاچ يىلتىزىنى چىڭىتىش، چاچنى قارايتىش ۋە ئۆستۈرۈش تەسىرى بار.

ئىستىمال قىممىتى

 مېۋىسى ھۆل يېيشكە ، ۋارىنە ، مۇراببا ئىشلەشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ . 

ھىندىستان، ھىندونېزىيە، تەيۋەن، شياڭگاڭ ۋە جياڭشى، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، خەينەن، گۇاڭشى، سىچۇەن، شىنجاڭنىڭ ئىلى ، قەشقەر ، يەكەن ، پوسكام ، قاغىلىق قاتارلىق رايونلىرىغا تارقالغان. ھىندىچىنى يېرىم ئارىلى، ھىندونېزىيە، مالايسىيا ۋە فىلىپپىن، جەنۇبىي ئامېرىكا  قاتارلىق جايلاردىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ . [0]

ئامىلىنىڭ مېۋىسى چوڭ ، جۇلالىق رەڭگى توق بېغىرەڭ ، چوڭلۇقى ئۆرۈكتەك ، شەكلى بۆرەكسىمان ، ئېتى يېشىل ، يۇمشاق ، تاتلىق ، بەك خۇشپۇراق ، ئەتلىك ، شېرنىلىك ، ئوتتۇراھال سۇلۇق بولۇپ ، ئۇرۇقچىسىدىن ئاجرايدۇ . ئۇرۇقچىسى كىچىك .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#