سەدەپ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەدەپ بولسا مەرۋايىت قۇلۇلىسى ئائىلىسىدىكى ھايۋانات سەدەپ قۇلۇلىسىنىڭ پوستلاق قاپلىق مەرۋايىت قەۋىتىدىن ئىبارەت بولۇپ،ئادەتتە «سەدەپ» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ .بۇ ئۆلچەمسىز پلاستىنكىسىمان، چوڭ - كىچىكلىكى بىر خىل ئەمەس، بىر يۈزى سۇس ھال رەڭلىك بولۇپ، پارقىرايدۇ، بىر يۈزى سۈتتەك ئاق، سىلىق پارقىراق.بۇ ئۆلچەمسىز پلاستىنكىسىمان، چوڭ - كىچىكلىكى بىر خىل ئەمەس، بىر يۈزى سۇس ھال رەڭلىك بولۇپ، پارقىرايدۇ، بىر يۈزى سۈتتەك ئاق، سىلىق پارقىراق.تەمسىز. ئېلىمىزنىڭ دېڭىز بويلىرى رايونلىرىدىن، ئەرەب دېڭىزى يويلىرىدىن چىقىدۇ.
قان توختىتىش، پەي ۋە نېرۋىنى قۇۋۋەتلەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، بەلغەمنى سۈرۈش، سۈيدۈك ھەيدەش، كۆزنى قۇۋۋەتلەش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار.
فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
مارتىن ئۈنچە قۇلۇلە قېپىنىڭ %30 لىك سولفات كىسلاتاسىدا پارچىلىنىپ ھاسىل بولغان ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ توشقاننىڭ قۇلاق قان تومۇرى ۋە قان بېسىمىغا نىسبەتەن ھېچقانداق تەسىرى يوق، لېكىن ۋاقىتلىق سۈيدۈك راۋان قىلىدۇ.
مەرۋايىت قېپىدىن تۇز كىسلاتاسى بىلەن ئېلىنغان سۇيۇقلۇقتىكى ھىستامىن ئورگانىزىمدىن ئايرىلغان دېڭىز چوشقىسى كىچىك ئۇچىيىنىڭ قىسقىرىشىنى تورمۇزلايدۇ.ھىستامىن كەلتۈرۈپ چىقارغان دېڭىز چوشقىسىنىڭ ئۆلۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بۇنىڭ تەركىبى %90 دىن يۇقىرى كالتسىي كاربونات، ئاز مىقداردا ماگنىي، تۆمۈر سىلىكات، سۇلفات تۇزى، فوسفات تۇزى قاتارلىقلار بار. كۆيدۈرۈلسە كاربونات كىسلاتاسى تۇزى ئاجرىلىپ، كالتىسىي ئوكسىد قاتارلىقلارنى ھاسىل قىلىدۇ.،
1. سەدەپنى ناھايىتى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ سەپسە تاشقى ئەزالاردىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ.
2. سەدەپ تالقىنىنى سىركە بىلەن قوشۇپ سۆگەلگە چاپسا، سۆگەلنى چۈشىرىدۇ.
3. سەدەپ تالقىنىنى مەقئەتكە سېپىپ بەرسە ياكى باسسا، بوۋاسىر جاراھەتلىرىگە پايدىلىق.
4. سەدەپنى كۆيدۇرۇپ، ئاق تۇز بىلەن قوشۇپ چىش ئاغرىقىغا باسسا ساقىيىدۇ، چىش مىلىكىنىڭ ھۆللۈكىنى قۇرۇتىدۇ.
5. سەدەپنى تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن كۆيۈككە چاپسا پايدا قىلىدۇ.
6. سەدەپنى ئىسسىق سۇ ياكى ئىسسىق ياغ بىلەن مۇناسىۋەتلىك دورىلار بىلەن قوشۇپ چاپسا ئاق داغ ۋە سەپكۈنلەرنى چۈشۈرۈش، يۈزگەچاپسا، چىرايلىق قىلىدۇ. سىركە بىلەن قوشۇپ قولاق ئارقىسىغا چاپسا، باش ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ، سۇ بىلەن قوشۇپ چاپسا، سوغۇقتىن بولغان ئاغرىقلارنى پەسەيتىدۇ.
7. سەدەپ، تاباشىر 5 گرام، تۇخۇم ئېقى بىر دانە، سوقۇپ كۆيۈككە چاپسا، كۆيۈككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
8. سەدەپ 1.5 گرام، بۇغا مۈڭگۈزى، قىزىل گۈل، ئاق سەندەل 5 گرامدىن، سۇقۇپ يېسە، مېڭە، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ
مۇپەررىھى ياقۇت
ھەر خىل ئەزادىن قان كېلىش، ئىچ سۈرۈش، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، ئۆپكە سىلى، سىفلىس، قان بۇزۇلۇش، بوغۇم ئاغرىقى، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى، ئۇششاق بوغۇملار ئاغرىقى، ھەيزنىڭ كۆپلۈكى قاتارلىق كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
قارا پوستىنى قىرىۋېتىپ ئىشلىتىمىز.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى).[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.