چىپان مىڭئۆيى

چىپان مىڭئۆيى

چىپان مىڭئۆيى شىنجاڭ قاغىلىق ناھىيەسى نىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى چىپان دەرياسى جىلغىسىدىكى قىيا ئۈستىگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى چىپان مىڭئۆيى
تەۋەلىكى قاغىلىق ناھىيەسى
ئىقلىم تىپى قۇرغاق چۆل كىلىماتىغ
خەنزۇچە نامى 棋盘千佛洞
تۈرى مىڭ ئۆي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چىپان مىڭئۆيىچىپان مىڭئۆيى شىنجاڭ قاغىلىق ناھىيەسى نىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى چىپان دەرياسى جىلغىسىدىكى قىيا ئۈستىگە جايلاشقان، شۇ جايدىكى كىشىلەر ئۇنى «قىز ئۆڭكۈر» دەپ ئاتىغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدىمكى زاماندا بىر خانىش مەلىكە تۇغقاندا، پالچى ئەپەندى مۇنداق دېگەن: قىزى چىرايلىقلار شور پېشانە كېلىدۇ، چوقۇم تاغ ئۆڭكىرى ئىچىگە بارغاندا ئاندىن ئاپەتتىن ساقلىنالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ چىپان ساي قۇم يار ئۈستىگە ئون نەچچە ئۆڭكۈر قازدۇرغان، قىزى ئۆڭكۈر ئىچىدە ياشىغان، شۇڭلاشقا «قىز ئۆڭكۈر» نامى مۇشۇ رىۋايەتتىن كېلىپ چىققان.

چىپان مىڭئۆيىچىپان مىڭئۆيىنىڭ كېلىپ چىقىشى پەقەت بىر خىل رىۋايەت، ئەمىلىيەتتە ئۆڭكۈر شەكلى ۋە تۆشۈك ئىچىدىكى قالدۇق تام رەسىملىرىدىن قارىغاندا، بۇ جايدا قەدىمكى بۇددا دىنى خارابىسى ساقلىنىپ قالغان، باشلانغان ۋاقتى ئەڭ كېچىككەندە 10 ئەسىردىن ئىلگىرى، بۇنىڭدىن ئاز دېگەندىمۇ 1000 يىلدىن ئارتۇق تارىخى بار.

چىپان مىڭئۆيىدە جەمئىي 10 دىن ئارتۇق غار بار بولۇپ، چوڭ كىچىكلىگى ئوخشاش ئەمەس. ئېلىمىزنىڭ ئەڭ غەربىگە تارقالغان مىڭ ئۆيلەرنىڭ بىرى.

ئېگىز-پەس، غاردىكى ئۆيلەرنىڭ بىردەك تاق ئۆي، تۈزۈلمىسى بىر قەدەر ئاددىي، چاسا ياكى تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك بولۇپ، ئەڭ چوڭ غارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4.4 مېتىر، كەڭلىكى 3.9 مېتىر، ئەڭ كىچىكى ئارانلا ئىككى كۋادرات مېتىر. ئۆڭكۈر ئىچىنىڭ تۆت ئەتراپىغا تەكشى، ئىگىزلىكى 3 ~ 3.5 مېتىر، چوققىسى ئەگمە شەكىللىك ياكى كۆمتۈرۈلگەن پەركا شەكىللىك. ئۆڭكۈر ئىچىدىكى يادىكارلىقلار كۆپ ئەمەس، ئورەك ئىچىدە كۆرگىلى بولىدىغان چولتا بۇت تەكچىسى بار، بۇت تەگلىكىدە قىزىل، يېشىل، كۆك، قارا ئىبىس، قوڭۇر رەڭدىن پايدىلىنىپ سىزىلغان تام رەسىملىرى بار.

بۇ يەردىكى مىڭئۆي بۇددا دىنىنىڭ شەرققە تارقىلىشىنى تەتقىق قىلىشتا مۇئەييەن پايدىلىنىش قىممىتى بار. ئەتراپىدا ئىلگىرى قېزىۋېلىنغان يادىكارلىقلاردىن خەنزۇچە ۋە ئەرەبچە يارماق، بىر قۇلاقلىق ئىدىش، قوش قۇلاقلىق قىزىل ساپال باك ۋە تۈگمەن تېشى قاتارلىقلار بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#