فىلىپپىن مۇستەقىللىق ئۇرۇشى

فىلىپپىننىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى

فىلىپپىننىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا فىلىپپىن خەلقىنىڭ ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىنى كۆرسىتىدۇ.


نامى فىلىپپىن مۇستەقىللىق ئۇرۇشى
باش قوماندان 波尼法秀,哈辛托,阿奎那多,阿瑟·麦克阿瑟
ئورنى فىلىپپىن
نەتىجىسى ئامېرىكا غەلىبە قىلىپ، فىلىپپىن ئامېرىكىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان
خەنزۇچە ئاتىلىشى 菲律宾独立战争
ئۇرۇشقا قاتناشقۇچىلار ئامېرىكا، فىلىپپىن
ۋاقتى 1896-يىلى __ 1902-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فىلىپپىننىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى1565-يىلى فىلىپپىن ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكسىگە ئايلىنىپ قالغاندىن كېيىن، تىز پۈكمەس فىلىپپىن خەلقى تۈرلۈك شەكىلدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرىشىنى قانات يايدۇردى. 1872-يىلىدىكى كاۋىتى قوزغىلىڭى فىلىپپىن خەلقىنىڭ مىللىي ئېڭىنى يەنىمۇ ئويغاتتى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا فىلىپپىن خەلقى بىلەن ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت مىسلىسىز دەرىجىدە كەسكىنلەشتى، 1892-يىلى بونفاشۇ باشچىلىقىدىكى بۇرژۇئازىيە رادىكاللىرى مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلات «كادىپۇنان» نى قۇرۇپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭغا پائال تۈردە تەييارلىق كۆردى. 1896-يىلى قوزغىلاڭ پىلانى بەختكە قارشى ھۆكۈمەت دائىرلىرى تەرىپىدىن سېزىلىپ قېلىپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرى ھەممىلا يەردە ئىنقىلابچىلارنى تۇتۇشقا ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى.

ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشى 

فىلىپپىننىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىقوزغىلاڭ بۆشۈكىدىلا تۇنجۇقتۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە بونىفاشۇ كەسكىنلىك بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى. 1896-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۇ مانىلا ئەتىراپىدىكى بالىنتاۋك دېگەن جايدا خەلقنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە چاقىرىپ، ئاممىنىڭ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. 11-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇستەملىكچىلەرنىڭ باش ۋالىيسى برانكو مۇستەملىكچىلەر قوشۇنىنى باشلاپ قوزغىلاڭچىلار لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى، نەتىجىدە قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ قايتتى. ئاق تېرورلۇققا تايىنىپ ئىنقىلابقا تاقابىل تۇرۇشقا ئۇرۇنغان مۇستەملىكچى دائىرىلەر مىڭلاپ فلىپپىن ۋەتەنپەرۋەرلىرىنى غالجىرلىق بىلەن قىرىپ تاشلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە قوزغىلاڭ بىلەن ئالاقىسى يوق فىلىپپىن ۋەتەنپەرۋەر ئاقارتىش مۇتەپپەككۇرى لىشامۇ بار ئىدى. بۇنىڭ بىلەن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرىشى تىخىمۇ قوزغىلىپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى كۈرەش يالقۇنى بارغانسېرى ئۇلغايدى. قوزغىلاڭ كۈنسايىن ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئەنە شۇنداق پەيتتە، قوزغىلاڭ لاگېرىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. ئاكۇينادول باشچىلىقىدىكى كونسىرۋاتىپلار بونىفاشۇنى چەتكە قېقىپ، كادىپونان تەشكىلاتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى ھەمدە شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى بونىفاشۇنى ئۆلتۈردى. بۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭچىلار لاگېرى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرى ياردەمچى قوشۇنلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، ھەربىي باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى ئارقا-ئارقىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراتتى. 1897-يىلى 12-ئايدا ئاكۇينادو ئىسپانىيە دائىرلىرى بىلەن پوشدوڭ شەرتنامىسىنى رەسمى ئىمزالىدى. شەرتنامىدە ئاكۇياندو ۋە ئۇنىڭ قىسىملىرىنىڭ قورال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولىدىغانلىقى، فىلىپپىندىن كېتىدىغانلىقى، ئىسپانىيە دائىرلىرىنىڭ ئاكۇينادو قاتارلىق كىشىلەرگە 800 مىڭ پىسۇ بېرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ۋە فىلىپپىندا «ئىسلاھات» يۈرگۈزۈشكە يالغاندىن ۋەدە بېرىلگەن. شەرتنامە ئىمزالانغاندىن كېيىن ئاكۇينادو قوزغىلاڭچىلار ھاكىمىيىتىنىڭ تارقىتىلغانلىقىنى جاكارلاپ، شياڭگاڭغا سەرگەردان بولۇپ كەتتى.

 قايتۇرما ھۇجۇم

ئاكۇينادو تەسلىم بولغىنى بىلەن فىلىپپىن خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈرىشى توختاپ قالمىدى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئىچىدىكى «تەسلىم بولۇشنى خالىمايدىغان سەركەردە ماكابۇرۇس قاتارلىق كىشىلەر ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ، فىلىپپىننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى كەڭ رايۇنلارنى ئازاد قىلدى. بۇ چاغدا ئىسپانىيىنىڭ قولىدىن فىلىپپىننى ۋە كۇبانى تارىتىۋېلىش غەرىزىدىكى ئامېرىكا فىلىپپىننىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا قول تىقتى. 1898-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى مانىلادا ئىسپانىيە فلوتىنى تارمار قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئاكۇينادو ئامېرىكا پاراخۇتىغا چۈشۈپ فىلىپپىنگە قايتىپ كەلدى. 

فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشى 

فىلىپپىننىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى6-ئاينىڭ 12-كۈنى (يەنى فىلىپپىننىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى) ئۇ كاۋىتېيدا مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى ئېلان قىلىپ، فىلىپپىننىڭ ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىققا ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئارقىدىنلا يەنە ئۆزى باشچىلىقىدىكى مۇستەقىل ھۆكۈمەت قۇردى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى كەينى-كەينىدىن غەلىبە قىلدى. 1898-يىلى 8-ئايدا مانىلا ۋە جەنۇبىي قىسىمدىكى بەزى رايونلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، فىلىپپىن زېمىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدى. بۇ چاغدا ئامېرىكا قوشۇنى فىلىپپىن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ مانىلانى قايتۇرۇۋېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرى بولسا مانىلادا قۇرۇقلۇققا چىقتى. ھەمدە قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى مانىلا رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشقا بۇيرۇق بىلەن مەجبۇرلىدى. 1898-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى مالالوستا فىلىپپىن كېڭىشى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىلدى. 1899-يىلى 1-ئايدا فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنىي رەسمىي ماقۇللىنىپ، فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. ئاكۇينادو زۇڭتۇڭ بولدى، فىلىپپىننىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى.

فىلىپپىننىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىفىلىپپىن خەلقى ئۆزىنىڭ تىز پۈكمەي ئېلىپ بارغان باتۇرانە كۈرەشلىرى ئارقىلىق 300 يىلدىن ئارتۇق دەۋر سۈرگەن ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. فىلىپپىننىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئاسىيادىكى بىرىنچى قېتىملىق بۇرژۇئا مىللىي دېمۇكراتىك ئىنقىلاپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھالبوكى، 1898- يىلى ئامېرىكا بىلەن ئىسپانىيە ئىمزالىغان پارىژ تىنچلىق شەرتنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئامېرىكا 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بەدىلىگە ئىسپانىيەنىڭ قولىدىن فىلىپپىننى «سېتىۋالدى»، شۇڭا يېڭىلا ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلغان فىلىپپىن خەلقى يەنە مىللىي مۇستەقىللىقنى قوغداش كۈرىشىگە ئاتلاندى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#