خەنزۇ مىللىتى

خەنزۇ مىللىتى

خەنزۇ مىللىتى ئەزەلدىن ئىشچان، ئاددىي-ساددا ۋە ئالغا بېسىش روھى كۈچلۈك مىللەت بولۇپ، دۇنيا كۆز تىككەن قەدىمىي مەدەنىيەت ياراتقان.

نامى خەنزۇ مىللىتى
چەتئەلچە نامى the Han nationality
يىزىقى خەنزۇ يىزىقى
خەنزۇچە نامى 汉族
تىلى خەنزۇ تىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خەنزۇ مىللىتىجەنۇبىي-شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە ھون، سىيانپىي، جيې، چاڭ ۋە دى قاتارلىق مىللەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرىپ دۆلەت(بەگلىك) قۇردى. ئۇلار ئەسلىدە خۇاشيا مىللىتى دەپ ئاتالغان مىللەتنىڭ خەن سۇلالىسىنىڭ قائىدىسى بويىچە ئىش قىلىدىغانلىقىنى، خەن سۇلالىسىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىدىغانلىقىنى، بۇ دۆلەتتىكى پۇقرالارنىڭ خەنزۇلار دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، بۇ پۇقرالار ئىشلىتىدىغان تىلنىڭ خەنزۇ تىلى ئىكەنلىكىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار خەنزۇلارنىڭ نامىنى قوللىنىپ كەلدى. خەنزۇلارنىڭ ئەجدادى بولغان خۇاشيا مىللىتى ئەمىنىيە-يېغىلىق دەۋرىدىلا مۇقىم مىللەت گەۋدىسى بولۇپ شەكىللەنگەن ئىدى. چىن سۇلالىسى ئەلنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ئالتە بەگلىكنىڭ پۇقرالىرى چىن سۇلالىسىنىڭ پۇقرالىرىغا ئايلاندى. ئەينى يىللاردا غەربىي يۇرتلۇقلار ۋە ھونلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى چىنلار دەپ ئاتايتتى. خەن سۇلالىسى چىن سۇلالىسىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، 400 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلدى، ئۇلار يىپەك يولىنى ئېچىپ، غەربىي يۇرت بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ھەربىيلەرنى بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلدۇردى؛ ئوغانلارنى قوغداش چىرىكچى ئەمەلدار قويدى، ھونلارنى ئەل قىلىپ، غەربىي-جەنۇبتىكى يىلارنى بويسۇندۇردى، ۋىلايەت-ناھىيىلەرنى تەسىس قىلدى. جەنۇبىي يۆلەر، شەرقىي ئوۋلار ۋە مىنيۆلەرنى ئەل قىلدى، خەن سۇلالىسىنىڭ زېمىنى مىسلىسىز كېڭەيدى ۋە دۆلىتى بىرمەھەل گۈللەندى. چىن، خەن دەۋرىدە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئالدىنقى چىن سۇلالىسى مەزگىلىدىكى خۇاشيا مىللىتىنى يادرو قىلغان ئاساستا، چاڭ ۋە ھون قاتارلىق قوۋملارنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈش ئارقىلىق خەنزۇ مىللىتى شەكىللەندى. بۇ ۋاقىتتا، خەنزۇ مىللىتى تارقالغان جايلار ئاساسلىقى يەنىلا خۇاڭخې، خۇەيخې ۋادىلىرى بولۇپ، ئۇلار غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن باشلاپ تەدرىجىي ھالدا چاڭجياڭ دەرياسى ۋە جۇجياڭ دەريا ۋادىسىغا كەڭ كۆلەمدە كۆچكەن. مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىگە كەلگەندە، جەنۇبتىكى خەنزۇلارنىڭ ئاھالىسى شىمالدىكى خەنزۇلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى. خەنزۇلارنىڭ ھازىرقى نوپۇسى 1 مىليارد 42 مىليون (1990-يىلى7-ئايدىكى سان) غا يېتىپ، مەملىكەتنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقالدى.

خەنزۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادى بولغان يەندى(炎蒂) بەلەن (黄蒂)قەبىللىرى ئەسلىدەھازىرقى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ باش ئېقىمىدا ياشايدىغان چىياڭ(羌)دىگەن بىر قەبىلىدە شەكىللەنگەن.كىيىنچە يەندى قەبىلىسى بىلەن خۇاڭدى قەبىلىسى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى كەسكىن ئۇرۇشلار،جەڭگى-جىدەللەردە يەندى قەبىلىسى خۇاڭدى قەبىلىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان.خۇاڭدى قەبىلىسى(خۇاڭدى ئەۋلاتلىرى)ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات ۋە ئۇرۇش(ناھايىتى زور قان تۆكۈش)ئارقىلىق ئوتتۇرا جۇڭگۇدىكى بىرمۇنچە قەبىلە ۋە ئۇرۇقلارنى ئۆزلىرىگە ئاسمىلاتسىيە قىلىش(قۇشىۋېلىش)ھېسابىغا كىيىنچە(华夏)قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرگەن.خۇاشىيا سۆزى گۈللەنگەن ئەل، ئېچىلغان يۇرت دىگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ،خۇاشىيالار بۈگۈنكى خەنزۇ مىللىتىنىڭ بىۋاستە ئەجداتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

خەنزۇ مىللىتىنىڭ بىۋاستە ئەجداتلىرى بولغان خۇاڭدى قەبىلىسى دۆلىتىمىز تارىخىدىكى شىيا(مىلادىدىن بۇرۇنقى21-ئەسىردىن، مىلادىدىن بۇرۇنقى16-ئەسىرگىچە)سۇلالىسى،شاڭ سۇلالىسى(مىلادىدىن بۇرۇنقى16-ئەسىردىن،مىلادىدىن بۇرۇنقى 11-ئەسىرگىچە)،جۇ سۇلالىسى(مىلادىدىن بۇرۇنقى11-ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى221-يىلىغىچە)دىن ئىبارەت ئۈچ سۇلالە مەزگىلىدە تازا تەرەققى قىلىپ ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋىرلىرىگە بارغاندا خۇاشىيا نامى بىلەن ئاتالغان.جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇ سۇلالىسىنىڭ ئەتىراپىدىكى قەبىلىلەر(شەرىقتىكى يى 夷 قەبىلىسى،جەنۇپتىكى مەن 蛮قەبىلىسى،شىمالى جۇڭگۇدىكى دى 狄قەبىلىلىرى)جۇ سۇلالىسى كىشىللىرىنى خۇاشىيا دەپ ئاتىغان.يېغىلىق دەۋرىگە كەلگەندە يەتتە چوڭ زومىگەر(يەتتە چوڭ بەگلىك)نى ئومۇملاشتۇرۇپ خۇاشىيالىقلار دەپ ئاتىغان.مىلادىدىن بۇرۇنقى 221-يىلى چېن شىخۇاڭ پۈتۈن خۇاشىيا مىللىتىنىڭ يېزىقىنى(ھازىرقى خەنزۇ يېزىقى)،پۇللىرىنى،ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى،قاتناش يوللىرىنى،ھەرقايسى بەگلىكلەر چېگىرىسىغا ياسالغان سېپىل توساقلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،خۇاشىيالىقلارنى ئورتاق تۈزۈم،ئورتاق مەدىنيەتكە ئىگە بولۇش ئىمكانىيتىنى ياراتتى.ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ قويۇق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش،ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا سىياسى،ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئالاقىللىرىنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.چېن سۇلالىسى(مىلادىدىن بۇرۇنقى221-يىلىدىن،مىلادىدىن بۇرۇنقى206-يىلىغىچە)دەۋرىدە خۇاشىيالىقلار دىگەن نامنىڭ ئورنىنى چىنلىقلار(秦人)دىگەن نام ئىگىلىدى.ھازىرقى بىر قىسىم ماتىرياللاردا جۇڭگۇلۇقلارنى چىنلىقلار دەپ ئاتاش ئەنە شۇ چىن سۇلالىسى دىگەن نامدىن كەلگەنلىكى ئېنىق.خەنزۇ مىللىتى خەنزۇلار قۇرغان بۈيۈك خەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە خەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى چېن سۇلالىسىنىڭ ھاكىميەت باشقۇرۇش جەھەتتىكى تەجرىبە –ساۋاقلىرىنى قوبۇل قىلىپ،خەن سۇلالىسىنى ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە قۇدرەت تاپقۇزۇپ ئەينى ۋاقىتتىكى ئاسىيا قىتئەسىدىكى قۇدرەتلىك بىر ئېمپىريىگە ئايلىنىپ چىنلىقلار ئۆز دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب كەلگەن.شۇنىڭ بىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ تۆت ئەتىراپىدا ياشاۋاتقان ھەرقايسى سۇلالە خەلىقلىرى ئوتتۇرا جۇڭگۇدا ياشىغۇچى خەلىقلەرنى بۈيۈك خەن سۇلالىسىنىڭ نامى بىلەن خەنلىكلەر(汉人)دەپ ئاتاشقا باشلىغان،«تارىخ- مەدەنىيەت بىلىملىرى»ژورنىلىنىڭ 1984-يىللىق 8-سانىدا لىيۇ باڭ خەن سۇلالىسىنى قۇرغاندىن كىيىن خەن سۇلالىسىگە خوشنا بەگلىك ياكى مىللەتلەر«خەنلىكلەر»دىگەن نامنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى«خەنلىكلەر»دىگەن نامنىڭ خەن سۇلالىسى كىشىللىرى دىگەن مەنانى بىلدۈردىغانلىغى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.دىمەك:بۈگۈنكى خەنزۇ مىللىتى دىگەن مىللەت نامى خەن سۇلالىسى دىگەن نامدىن كەلگەن ۋە ئۇزۇن تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا بۇ مىللەت نامى چوڭقۇر ئىجتىمائى مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان ھەممە ئادەمگە تونۇشلۇق بولغان مىللەت نامى بولۇپ قالغان.[0]

خەنزۇ مىللىتىنىڭ كۆپىيىپ ئىلىمىزدىكى شۇنداقلا دۇنيادىكى نوپۇسى كۆپ چوڭ بىر مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىدە ئېلىمىز تارىخىدا يۈز بەرگەن تۆت قېتىملىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا قۇشۇلىشى مۇھىم رول ئوينىغان.

بىرىنچى قېتىملىق مىللەتلەرنىڭ چوڭ قۇشۇلىشى

ئېلىمىزنىڭ ئەمىنىيە(مىلادىدىن بۇرۇنقى770-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى476-يىلىغىچە)يېغىلىق(مىلادىدىن بۇرۇنقى 475-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 221-يىلىغىچە)دەۋىرلىرىدە يۈز بەرگەن.ھەممىمىزگە مەلۇم خۇاشىيا قەبىلىسى جۇڭگۇدا ئەڭ بۇرۇن قۇلدارلىق تۈزۈمدىكى جەمىيەتكە كىرگەن بىر قەبىلە بولۇپ،بۇ قەبىلە جۇڭگۇدا شىيا، شاڭ،جۇ سۇلالىسىدىن ئىبارەت قۇلدارلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرنى قۇرغان.ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋىرلىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ چوڭ قۇشۇلىشى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان.خۇاشىيا قەبىلىسى ئۆز ئەتىراپىدىكى دى(狄)  چىياڭ (羌) يى(夷)مەن(蛮)قاتارلىق قەبىللەرنىڭ بىر قىسىمىنى تەدرىجى ھالدا ئۆزلىرىگە ئاسمىلاتسىيە قىلىپ قۇشىۋالغان.چۈنكى خۇاشىيا قەبىلىسى جۇ سۇلالىسىدىن باشلاپ جۇڭگۇدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك بىر قەبىلىگە ئايلانغان.شۇڭا جۇڭگۇدىكى بىر قىسىم ئاز سانلىق قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئۇزۇن زامانلار جەريانىدا خۇاشىيا قەبىلىلىرى بىلەن قۇيۇق ئارلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، سىياسى،ئىقتىسادى،مەدەنىيەت جەھەتتە خۇاشىيا قەبىلىسىنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق ،ئاستا-ئاستا خۇاشىيا قەبىلىسىگە سىڭىپ كەتكەن.نەتىجىدە خۇاشىيا قەبىلىسى  ئەينى زاماندىكى جۇڭگۇ زىمىنىدا ناھايىتى كۈچلۈك ۋە كۆپ سانلىق بىر قەبىلىگە ئايلىنىپ ھازىرقى خەنزۇ مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس ياراتقان.

ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ قۇشۇلىشى

ئېلىمىزنىڭ ۋېي ،جىن،جەنۇب،شىمال(مىلادى190-يىلدىن 589-يىلىغىچە)سۇلالىلار دەۋرىدە يۈز بەرگەن.جۇڭگۇ تارىخىدىكى ۋېي،جىن،جەنۇب،شىمال سۇلالىلەر دەۋرى جۇڭگۇ مەدىنيىتى تۆت ئەسىرگە يېقىن داۋالغۇش،بۆلىنىش،تىنىچسىزلىق ئىچىدە ئۆتكەن،جۇڭگۇ مەدەنىيىتى قۇتۇپلاشقان،.مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا كۆچۈشى،يۆتكىلىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن.بىر قىسىم خەنزۇلار دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا رايۇنلىرىغا ئولتۇراقلاشقان،دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا رايۇنلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپلەپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان.مەسىلەن،بۇ دەۋىردە دۆلىتىمىزنىڭ شىمالى ۋە غەربى شىمالىدا ياشىغۇچى ھونلار،سىيانپىلار،دىلار،چياڭ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر تۈرلىك تارىخى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۈزلىكسىز تۈردە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىغا كۆچۈپ بېرىپ خەنزۇلار بىلەن قۇيۇق ئارلىشىپ،ئىشلەپچىقىرىش شەكلى،تۇرمۇش ئۇسۇلىدا خەنزۇ مەدىنيىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىدا غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.

ئۈچىنچى قېتىملىق چوڭ قۇشۇلىشى

ئېلىمىزنىڭ سۇڭ(مىلادى960-يىلىدىن 1279-يىلىغىچە)لىياۋ(مىلادى1271-1368)سۇلالىرى دەۋرىدە يۈز بەرگن.بۇ دەۋىرلەردە ئېلىمىزدىكى كىدان(قىتان)جۇرجىت،موڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا لياۋ،جىن،يۈەن قاتارلىق كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرغان.بۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن مۇددەت چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان مەدىنيىتى ئانچە تەرەققى قىلمىغان،بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىغا كىرگەندىن كىيىن خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىلغار مەدەنىيتىنى قۇبۇل قىلىپ بارا-بارا ئۇلارغا سىڭىشقا باشلىغان.مانا شۇنداق ئۇبىكتىپ شەرت-شارائىتنىڭ پىشىپ يىتىلىشى بىلەن بۇ ھاكىميەت بېشىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپ قىسىمى خەنزۇ مىللىتىگە قۇشۇلۇپ كەتكەن.

تۆتىنچى قېتىملىق چوڭ قۇشۇلىشى

مىڭ(مىلادى1368-1644) چىڭ(مىلادى1644-1911)سۇلاللىرى دەۋرىدە يۈز بەرگەن،بۇ دەۋىرلەردە ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ چوڭ قۇشۇلىشى ناھايىتى كۈچەيگەن.مەسىلەن،مانجۇلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىدا ئېلىمىز تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان مەنچىڭ خانلىقىنى قۇرغان بولسىمۇ ،بىراق خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىلغار مەدىنيەت ئامىللىرىنى قۇبۇل قىلىش ئاساسىدا خەنزۇلارغا قۇشۇلۇپ كەتكەن.چۈنكى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى ئىچىدە كۆپلىگەن ئەمەلدار-تۆرىلەرنىڭ خەنزۇلار بىلەن نىكاھلىنىشى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان.بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن مانجۇ ئاقسۆڭەكلىرى خەنزۇلىشىش يولىغا قاراپ ماڭغان ۋە خەنزۇلاشقان.[1]

خەنزۇ مىللىتى ئەزەلدىن ئىشچان، ئاددىي-ساددا ۋە ئالغا بېسىش روھى كۈچلۈك مىللەت بولۇپ، دۇنيا كۆز تىككەن قەدىمىي مەدەنىيەت ياراتقان. چىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى شۇ ۋىلايىتىنىڭ بېگى لى بىڭ ياساتقان دۇجياڭ توسمىسى ھازىرغىچە خەلققە بەخت ياراتماقتا. قەغەزچىلىك تېخنىكىسى، مەتبەئە تېخنىكىسى، مىلتىق دورىسى، كومپاس قاتارلىق تۆت چوڭ كەشپىيات ھەمدە پىلە بېقىش، يىپەك ئىشلەپچىقىرىش، چاي ئىشلەش ۋە قاچا-قۇچا ياساش قاتارلىق تېخنىكىلار مەدەنىيەت ۋە پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان.

خەنزۇ مىللىتى خەنزۇ مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئەت جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرىمۇ كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. جۇ نەزملىرى، نەغمە-ناۋا مەھكىمىسى، تاڭ شېئىرلىرى، سۇڭ نەزملىرى، يۈەن شىمال نەغمىسى ۋە مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى ھېكايە قاتارلىق خەنزۇ ئەدەبىيات-سەنئىتى ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە يۈكسەك دەرىجىدە گۈللەنگەن. تارىخ ئىلمى جەھەتتە «تارىخىي خاتىرىلەر» قاتارلىق24 تارىخىي خاتىرە ۋە «چۈنچيۇ(ئەمىنىيە) » ، «زۇچيۇمىڭ تەپسىرى» ، «ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى» قاتارلىق تارىخنامە ۋە ئەسەرلەر بار. ھەربىي ئىلىم جەھەتتە «سۈنزىنىڭ ھەربىي تەدبىرلىرى» ، «سۇنبىننىڭ ھەربىي تەدبىرلىرى» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەر بار. خەنزۇلاردىن چىققان مەدەنىيەت ساھەسىدىكى نۇرغۇن داڭلىق شەخسلەرنىڭ دۇنياغا نامى مەشھۇر. 

خەنزۇلارنىڭ تارىخى ئۇزاق، تىلى مول بولۇپ، ئاساسلىقى يەتتە چوڭ دىئالېكتقا(شېۋىگە) بۆلۈنىدۇ. ھازىرقى خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئورتاق تىلى شىمال دىئالېكتىنى ئاساس، بېيجىڭ تەلەپپۇزىنى ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قىلىدۇ. خەنزۇ يېزىقى يىراق قەدىمكى زاماندىن باشلانغان بولۇپ، ئورتاق قوللىنىۋاتقان چاسا خەت شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چېغىناق-تاغاق يېزىقى ۋە شاڭ، جۇ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى مېتال پۈتۈك ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان. چىن سۇلالىسى دەۋرىدە كىتابلاردا بىرلىككە كەلگەن ئوخشاش يېزىق قوللىنىلغان. شياۋ جۇەن، لى شۇ قاتارلىقلار خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە كەيشۇ خەت نۇسخىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ نۇسخا ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا. 

خەنزۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى ياد ئېتىش ئېڭى بىرقەدەر كۈچلۈك بولۇپ، ئەجدادلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر-چىراغ قىلىشنى چوڭ ئىش قاتارىدا كۆرىدۇ ھەمدە بۇنى ئەجدادلىرىغا بولغان ساداقەتمەنلىك دەپ قارايدۇ. خەنزۇلار ئەزەلدىن دىنلارغا يول قويۇش، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتۇپ كەلگەن. تويىن دىنى خەنزۇلاردا قەدىمدىن بار دىن بولۇپ، بۇددا دىنى، نېستۇرى دىنى، ئاتەشپەرەسلىك، مانى دىنى، ئىسلام دىنى ۋە خرىستىئان دىنى قاتارلىقلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، چەت ئەلدىن كىرگەن دىنلار ھېسابلىنىدۇ، لېكىن بۇ دىنلار پۈتكۈل مىللەت ئورتاق ئېتىقاد قىلىدىغان دىنغا ئايلىنالمىغان. ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان كۇڭزىچىلىق ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولغاچقا، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭىپ كىرگەن. ئۈچ ئەركان، بەش ئەھكام، ئىلاھىي ھاكىمىيەت، ھاكىمىيەت، جەمەت ھوقۇقى ۋە ئەرلەر ھوقۇقى قاتارلىقلار خەنزۇ مىللىتىنىڭ پۇت-قولىنى چۈشەپ كەلگەن بويۇنتۇرۇق بولۇپ كەلگەن. 

خەنزۇ مىللىتى ئائىلىۋى نىكاھ مۇستەھكەملىكى ۋە مۇقىملىقى بىلەن جاھان ئەھلىگە مەشھۇر. خەنزۇلارنىڭ كىيىم-كېچىكىدە تارىخىي دەۋرلەردە ئۆزگىرىش ئىنتايىن چوڭ بولدى. 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە خەنزۇ ئەر-ئاياللار ئۇزۇن پەش ياكى يانتۇ پەش كىيىملەرنى ۋە ئۇزۇن ئىشتانلارنى كىيەتتى. خەنزۇلار ھېيت-بايراملار ئىچىدە چاغاننى ئەڭ چوڭ بىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە چوكانتال بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى ۋە تاۋۇز چاغىنى قاتارلىقلار بار. 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن خەنزۇ مىللىتى بىلەن باشقا قېرىنداش مىللەتلەر باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ۋەتىنىمىزنى ئورتاق گۈللەندۈرمەكتە. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

خەنزۇ مىللىتىنىڭ كىلىپ چىقىشى 

http://www.baxtax.cn/matiriyal/dolettarixi/18332.html

1.

كۆپىيىپ تەرەققىي قىلىشى 

http://www.baxtax.cn/matiriyal/dolettarixi/18332.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    75%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    25%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#