جىڭزۇ مىللىتى
مىلادىيە 15-ئەسىردىن كېيىن، جىڭزۇ مىللىتى ۋيېتنامدىن جۇڭگو گۇاڭشىنىڭ فاڭچىڭ ھەر مىللەت ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ جياڭپىڭ رايونى قاتارلىق جايلىرىغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كۆچۈپ كەلگەن، ئۇ يەرنىڭ «مەرۋايىت ماكانى» دېگەن نامى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مىلادىيە 15-ئەسىردىن كېيىن، جىڭزۇ مىللىتى ۋيېتنامدىن جۇڭگو گۇاڭشىنىڭ فاڭچىڭ ھەر مىللەت ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ جياڭپىڭ رايونى قاتارلىق جايلىرىغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كۆچۈپ كەلگەن، ئۇ يەرنىڭ «مەرۋايىت ماكانى» دېگەن نامى بار. جىڭزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەنشى، لېۋېي، ۋۇتۇدىن ئىبارەت ئۈچ كىچىك ئارال، ئەزەلدىن «جىڭزۇ ئۈچ ئارال» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.
ئۇلارنىڭ ئۆز تىلى بار، تارىختا خەنزۇ يېزىقىدىن پايدىلىنىپ «زىنەن» يېزىقى(جەنۇب يېزىقى دېگەننى بىلدۈرىدۇ) نى ياراتقان، ھازىر ئومۇميۈزلۈك خەنزۇ يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ.
جىڭزۇلارنىڭ ئەڭ تەنتەنىلىك بايرىمى − «خاجيې» (ناخشا بايرىمى) . ھەر يىلى خاجيې بايرىمىدا، پۈتۈن كەنتتىكىلەر «خاتىڭ شىپاڭى» غا يىغىلىپ، ئىلاھنى كۈتۈۋېلىپ، ئەجدادلىرىغا نەزىر-چىراغ قىلىدۇ، زىياپەت قىلىپ، كۆڭۈل ئېچىپ، ناخشىچى قىزلارنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلايدۇ. جىڭزۇلار ئىجاد قىلغان بىر تارلىق سازنىڭ ئاۋازى يېقىملىق بولۇپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.
جىڭزۇ ئاياللىرى ئىچىگە روھسىمان كۆكرەك قوغدىغۇچ تارتىۋېلىپ، تېشىغا تار يەڭ چىپ كېلىدىغان ياقىسىز ئۇدۇل پەش قىسقا كۆڭلەك كىيىدۇ، ھالقا تاقاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەرلەر ئۇزۇنلۇقى تىزغا كېلىدىغان، تار، يەڭ مەيدىسى ئوچۇق، بەلۋاغ چىگىۋالىدىغان چاپان كىيىدۇ. ھازىر بىر قىسىم ياشانغان ئاياللارلا ئەسلىدىكى كىيىنىشنى ساقلاپ قالغان.
جىڭزۇلار يېمەكلىكتە گۈرۈچنى ئاساس قىلىدۇ، گۆش يېيىشتە كۆپرەك بېلىق، راكنى ئاساس قىلىدۇ. جىڭزۇلار يېپىشقاق گۈرۈچ ئۇنىنى قاينىتىپ پىشۇرۇپ، كۈنجۈت سېپىپ، ئوتقا قاقلاپ سىبا دېگەن بىر خىل يېمەكلىك پىشۇرىدۇ، ئۇ مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەكلىك.
جىڭزۇلار ئاساسلىق تېيىز دېڭىز بېلىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىق، تۇزچىلىق بىلەن قوشۇمچە شۇغۇللىنىدۇ. ھازىر دېڭىز قولتۇقىدا سۈنئىي مەرۋايىت يېتىشتۈرۈش مەيدانى قۇردى، ئۇنى تەبىئىي يېتىشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەرۋايىتنىڭ مەھسۇلاتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. ئۇلار يەنە دېڭىز بىلەن تۇتىشىدىغان چوڭ تۇغان ياساپ، جىڭزۇ ئۈچ ئارىلىنى قۇرۇقلۇق بىلەن تۇتاشتۇردى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.