بىرمىنگام

بىرمىنگام  ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، لوندون بىلەن لېۋېرپول تۆمۈريوللى بويىدىكى مۇھىم سۇ، قۇرۇقلۇق قاتناش تۈگۈنى.

نامى بىرمىنگام
دۆلىتى ئەنگلىيىە
تەۋە رايون ئەنگىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمى
چەتئەلچە نامى Birmingham
جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەنگلىيە ئوتتۇرا غەربىي قىسىم
خەنزۇچە نامى 伯明翰
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ دېڭىز ئىقلىمى
باشقا نامى Brum

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، لوندون بىلەن لېۋېرپول تۆمۈريوللى بويىدىكى مۇھىم سۇ، قۇرۇقلۇق قاتناش تۈگۈنى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا بىر قانچىلىغان كىچىك شەھەرچىلەر بار، ئاھالىسى 1 مىليون 58 مىڭدىن ئاشىدۇ، شەھەر ئەتراپىدا كۆمۈر، تۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرى مول. بىرمىنگام 12-ئەسىردىن باشلاپ ئەنگلىيىنىڭ مۇھىم سودا شەھىرىگە ئايلانغان، 16-ئەسىردىن باشلاپ سانائىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئەنگلىيىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى سانائەت مەركەزلىرىدىن بىرى ئەڭ بۇرۇن تەرەققىي قىلغانلىقى ئۈچۈن «قارا يېزا» ، «دۇنيانىڭ سېخى» دەپ نام ئالغان.

 ھازىر بىرمىنگام ئەنگلىيە بويىچە ئىككىنچى چوڭ سانائەت رايونى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شەھەر ئاھالىسىنىڭ 1/3 قىسمىنى سانائەت ئاھالىسى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ جايدا مېتاللۇرگىيە، ئاپتوموبىل، ئايروپىلان، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، ھەرخىل ستانوك، پاراۋوز، ھەربىي قورال-ياراغ، خىمىيە، ھەرخىل مېتال، قورال-جابدۇق ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى تەرەققىي قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ. بىرمىنگامنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان كېۋېنېرى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل، ئايروپىلان ياساش سانائەت مەركىزى. بىرمىنگام ئاھالىسىنىڭ 1/4 قىسمى ئاپتوموبىل سانائىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ساھەدە ئىشلەيدۇ.

 بىرمىنگام ئەنگلىيىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. بۇ شەھەر ئالتۇن، كۈمۈشتىن ھەرخىل زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن داڭلىق. شەھەردە يەنە مۇزىكىخانىلار، گۈزەل سەنئەت ئورۇنلىرى، 1900-يىلى قۇرۇلغان بىرمىنگام داشۆسى، شەھەر مەركىزىدە ئاتاقلىق جومىس، ۋات خاتىرە ئورنى ۋە باشقا مەشھۇر ئورۇنلار بار. 

شەھەرنىڭ قۇرۇقلۇق، سۇ قاتنىشى تەرەققىي قىلغان، بىر مىنگام شەھىرىدىن قاناللار ئارقىلىق غەربىي شىمالغا قاراپ يۈرسە ئېرلاندىيە دېڭىزىغا، شەرقىي جەنۇبقا قاراپ شىمالغا قاراپ يۈرسە ئېرلاندىيە دېڭىزىغا، شەرقىي جەنۇبقا قاراپ يۈرسە تېمزا دەرياسى ئارقىلىق لوندون ۋە غەربىي ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ پورتلىرىغا بارغىلى بولىدۇ. شەھەردىن تەرەپ-تەرەپكە كەتكەن نۇرغۇن تارماق تۆمۈريول، تاشيوللار ناھايىتى كۆپ. يەر ئاستى تۆمۈريولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4300 مېتر كېلىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#