ئاند تاغ تىزمىسى

ئاند تاغ تىزمىسى

جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئاند تاغ تىزمىسى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن تاغ تىزمىسىدۇر. ئۇ تىنچ ئوكيان بويىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالدا كارىب دېڭىزىدىكى ترىنىداد ئارىلىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىكى ئوتلۇق يەر ئارىلىغىچە بارىدۇ.

نامى ئاند تاغ تىزمىسى
ئىنگلىزچە نامى Andes Mountains
خەنزۇچە نامى 安第斯山脉

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاند تاغ تىزمىسىجەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئاند تاغ تىزمىسى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن تاغ تىزمىسىدۇر. ئۇ تىنچ ئوكيان بويىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالدا كارىب دېڭىزىدىكى ترىنىداد ئارىلىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىكى ئوتلۇق يەر ئارىلىغىچە بارىدۇ. ئۇ بىرقانچە پاراللېل تاغ تىزمىسىدىن تەركىب تاپقان، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 9000 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەتراپىدا ۋېنېسۇئېلا، كولومبىيە، ئېكۋادور، پېرۇ، بولىۋىيە، چىلى ۋە ئارگېنتىنا قاتارلىق يەتتە دۆلەت بار. 

ئاند تاغ تىزمىسىئاند تاغ تىزمىسى ئېگىز ھەم ھەيۋەتلىك بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3900 مېتىر كېلىدۇ. تاغ ئارىسىدا دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 6000 مېتىردىن ئاشىدىغان نۇرغۇن تاغ چوققىلىرى بار، ئەڭ ئېگىز چوققىسى − ئاكونكاگۋا چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 6964 مېتىر كېلىدۇ، ئۇ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ. 

ئاند تاغ تىزمىسىنىڭ شەكىللەنگەن ۋاقتى بىرقەدەر كېيىن، ئۇ تىنچ ئوكيان ئەتراپىدىكى يانار تاغ، يەر تەۋرەش بەلۋېغىغا جايلاشقان، يەر پوستى ھەرىكىتى كۆپ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، دائىرىسىدە يانار تاغلار ناھايىتى كۆپ.

كوتو پاكسى يانار تېغى

 تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىي ئۇچىغا جايلاشقان كوتو پاكسى يانار تېغى ئىنتايىن ھەرىكەتچان يانار تاغ بولۇپ، دائىم پارتلاپ تۇرىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 6800 مېتىر كېلىدىغان تۇپۇنگاتو يانار تېغى دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ھەرىكەتتىكى يانار تاغ. ئەڭ ئېگىز چوققىسى بولغان ئاكونكاگۋا چوققىسى ھەممە ئېتىراپ قىلغان دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ئۆچكەن يانار تاغ. ئۇنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي تەرەپلىرىدە ناھايىتى نۇرغۇن ھازىرقى زامان مۇزلۇقلىرى بىلەن مۇزلۇق كۆللىرى بار، تاغ ئېتىكىدە ئارىشاڭ سۇغا چۈشۈش مەيدانى بار. يانار تاغ رايونىدا كۈندۈزى ئاپئاق بۇلۇتلار لەيلەپ يۈرسە، كېچىلىرى يانار تاغدىن چىققان ئوت نۇرى پەلەككە يېتىدۇ، مەنزىرىسى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك. 

ئاند تاغلىق رايونىئاند تاغلىق رايونىغا ئورمان زىچ تارقالغان، ئۇ ئامازون دەرياسى قاتارلىق مۇھىم دەريالارنىڭ باشلىنىش مەنبەسى نېفىت، مىس، قەلەي، ئالتۇن، كۈمۈش قاتارلىق قېزىلما بايلىقلىرى ئىنتايىن مول. ئېكۋادور قوي تۆگىسى بۇ يەرنىڭ مەشھۇر ھايۋىنى. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#