تويوتا دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. تويوتا (ئاپتوموبىل شىركىتى)
  2. تويوتا (شەھەر)
ئاپتوموبىل شىركىتى
تويۇتا
TOYOTA دۇنيادىكى 1-ئورۇندا تۇرىدىغان ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بولۇپ، 2012-يىلى ساتقان ئۇمۇمىي ئاپتوموبىل سانى 9 مىليۇن 730 مىڭ دانىغا يەتكەن. 2013-يىلى مۆلچەردىكى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش نىشانى 10 مىليۇن 100 مىڭ دانە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش سانى 10 مىليۇنغا  يىتىش جەھەتتە 1-ئورۇندىكى ئاپتوموبىل ياساش سودىگىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى تويوتا ئاپتوموبىل شىركىتى
شىركەت تىپى ئاپتوموبىل، پۇل-مۇئامىلە، ئېنىرگىيە
باش شىتابى توكيو شەھىرى ۋە تويوتا شەھىرى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1938-يىلى
خىزمەتچى سانى 650 مىڭ (2012-يىلى)
خەنزۇچە نامى 丰田汽车
كەسپ تەۋەلىكى ئاپتوموبىل، پۇل-مۇئامىلە، ئېنىرگىيە
قۇرغۇچىسى Kiichiro Toyoda
يىللىق ئوبوروتى 265 مىليارد 701 مىليۇن دوللار (2013.يىلى)
چەتئەلچە نامى TOYOTA MOTOR CORPORATION JAPAN

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تويۇتاتويوتا ئاپتوموبىل شىركىتى ئىنگىلىزچە نامى (Toyota Motor Corporation)  خەنزۇچە نامى (丰田汽车)، باش شىتابى ياپۇنىيە ئەيجى ناھىيسىنىڭ تويوتا شەھىرى ۋە پايتەخت توكيونىڭ ۋىنجىڭ رايونىغا جايلاشقان ئاپتوموبىل ياساش سانائىتى شىركىتى بولۇپ مېتسۇئىي مالىيە گورۇھىغا تەۋە. 

TOYOTA دۇنيادىكى 1-ئورۇندا تۇرىدىغان ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بولۇپ،  2012-يىلى ساتقان ئومومىي ئاپتوموبىل سانى 9 مىليۇن 730 مىڭ دانىغا يەتكەن. 2013-يىلى مۆلچەردىكى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش نىشانى 10 مىليۇن 100 مىڭ دانە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش سانى 10 مىليۇنغا  يىتىش جەھەتتە 1-ئورۇندىكى ئاپتوموبىل ياساش سودىگىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

 TOYOTA شىركىتى LEXUS، HINO،،DAIHATSU ماركىلارنىڭ ئانا شىركىتى بولۇش بىلەن بىرگە ياپونىيە فۇجى ئېغىر سانائىتىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىك ئىگىدارى.

تويوتانىڭ قۇرغۇچىسى تويۇتا ئەپەندىTOYOTA شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى Kiichiro Toyoda مىلادىي 1867-يىلى ياپونىيەدە تۇغۇلغان. توكيو خانلىق ئوتتۇرا مەكتىپى سانائەت ئېنىستىتۇتىنىڭ مىخانىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن.

1886-يىلى 29 ياشلىق Toyoda Sakiichi (تويوتا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئاتىسى) پار ئارقىلىق ھەركەتلىنىدىغان توقۇمچىلىق ماشىنىسىنى كەشىپ قىلىدۇ. ئۇ كەشىپ قىلغان توقۇمچىلىق ماشىنىسا ياپۇنىيەنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى  ئادەم كۈچىگە تايانمايدىغان ئاپتۇماتىك توقۇمچىلىق ماشىنىسى بولۇپ ئىش ئۈنۈمى جەھەتتە ئالاھىدە بولغاچ، ئىلگىرىكى قەتئىيلا ئوخشىمايتتى. بىر ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ-توت توقۇش ماشىنىدا ئىش ئىلىپ بارالىغاچقا ئۈنۈمى زور بولغانغان. شۇ ۋاقىتتا توقۇمچىلىق ماشىنا ساھەسىدە 1.ئورۇندا تۇرىدىغان ئەنگىلىيە فرائۇد شىركىتى  Kiichiro Toyoda كەشىپ قىلغان توقۇش ماشىنىسىغا قارىتا پاتېنىت ۋە ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بىرىش تەلىپىنى قويغان بولۇپ، ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلىپ 100 مىڭ فوندسېتىرلىڭ (بىر  مىليۇن ياپۇنىيە يىنى) باھا بىلەن پاتېنىت ۋە ئىشلىتىش ھوقوقى ئۆتۈنۈپ بىرىش سودىسى تاماملانغان.        

1929-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، Toyoda Sakiichi ياۋرۇپا-ئامىرىكىنىڭ ئاپتوموبىل ياساش ساھەسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان.

1933-يىلى تويوتا توقۇمچىلىق ماشىنا ياساش ئورنى ئاپتوموبىل بۆلۈمى قۇرغان. 

1934-يىلى Toyoda Sakiichi  ئاپتوموبىل ياساش شىركىتى قۇرۇشنى قارار قىلغان. Toyoda Sakiichi نىڭ ساۋاقدىشى ۋەيبۇ يىشىيۇڭ گىرمانىيەدە ياسالغان DKW ماركىلىق ئالدى چاقتىن قوزغىلىدىغان ماشىنىنى سىتىۋىلىپ ئەكىلىپ بەرگەن. ئىككى يىلغا يىقىن چۇۋۇپ قوراشتۇرۇش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى 1935-يىلى 8-ئايدا تۇنجى GI ماركىلىق ماشىنا ياساپ چىقىلغان. بۇ ماشىنىغا ئىككى ھالقىلىق ئىككى سىلىندىرلىق ماتور، ياغاچ قۇرۇلمىلىق ماشىنا گەۋدىسى، خۇرۇمدىن ياسالغان ماشىنا تورۇسى ئىشلىتىلگەن.

1936-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1937-يىلىنىڭ بىشىغىچە بولغان ئارلىقتا، تويوتا شىركىتى ياساپ چىققان يۈك ئاپتوموبىلى سۈپەت جەھەتتە ياخشى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن سىتىلىشى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان. ياپۇنىيە جۇڭگوغا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغاندىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ئارمىيسى زور مىقداردا ئاپتوموبىل سىتىۋالغاچقا ئامباردا بىسىلىپ قالغان نۇرغۇن ماشىنا بىراقلا پۇلغا ئايلىنىپ تويوتا شىركىتى نۇرغۇن پۇل تىپىۋالغان.

1937-يىلى تويوتا ئاپتوموبىل سانائىتى تۈۋرۇكسىمان جەمئىيتى، ياپۇنىيەنىڭ ئەيجى ناھىيەسىنىڭ جۈتىيەندىڭدا 12 مىليۇن ياپۇنىيە يىنى مەبلەغ، 300 خىزمەتچى خادىم ئاساسىدا قۇرۇلغان.

1939-يىلى تويوتا شىركىتى ئاككۇمۇلىياتۇر تەتقىقات ئورنى قۇرۇپ، قول-توكتا قوزغىلىدىغان ماشىنا تەتقىقاتىغا كىرىشكەن.

1940-يىلى تويوتا شىركىتى 15000 دانە ماشىنا ياساپ چىققان بولۇپ بۇنىڭ 98% تى دىگۈدەك يولۇچى ۋە يۈك توشۇيدىغان ماشىنىلار ئىگەللىگەن.

1941-يىلى 12-ئايدا، تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتىلاپ تاكى 1945-يىلى 8-ئايغىچە 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان ۋاقىتقىچە ياپونىيەنىڭ سانائەت ئۇل-ئەسلىھە قۇرلۇشلىرى ئاساسەن دىگۈدەك ۋەيران بولغان. تويوتا شىركىتىنىڭ ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرى ئىغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. ياپونىيە ئېقتىسادىي ۋەيرانچىلىق قاپلىغان ئاشۇ ۋاقىتتا، ئاپتوموبىل ياساش سانائىتىنى تىنچ ۋاقىتتكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن قايتا قۇرۇشنى تويوتا شىركىتى تاماملىغان.

تويوتا 1945-يىلى ئەسلىدىكى يۈك ئاپتوموبىلىنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى ئاساسىدا كىچىك ماشىنا ياساش زاۋۇتىنى قايتا قۇرۇپ چىققان.

1947-يىلى 1-ئايدا تۇنجى تۇنجى سىناق نۇسخىدىكى كىچىك ماشىنا مۇۋاپپىقىيەتلىك ياساپ چىقىلغان. ئاقار جىسىم مىخانىكىسى پىرىنسىپى ئاساسىدا، بۇ سىناق ماشىنىغا، ئاقما لىنىيە تىپىدىكى ماشىنا گەۋدىسى، ئۇمۇرتقىسىمان ئاپتوموبىل رام قۇرۇلمىسى، مۇستەققىل تۆت چاق ئاسما قۇرۇلمىسى ئىشلىتىلىپ يىڭىچە ماشىنا  ياساپ چىقىلغان. سائەتلىك سۈرئىتى 87 كېلومېتېرغا يەتكەن. بۇ ماشىنا بارلىققا كىلىپ ئىككى يىل ۋاقىتتىن كېيىن، 1949-يىلى تويوتانىڭ كەسپى ئاخىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش يولىغا كىرگەن.

1950-يىلى 4-ئايدا تويوتا ئاپتوموبىل سېتىش شىركىتى قۇرۇلغان.

1950-يىلى 6-ئايدا چاۋشىيەن ئۇرۇشى پارتىلاپ ئامېرىكا ئارمىيسى 4 مىليارد 600 مىليۇن دوللارلىق غايەت زور  مال زاكاس قىلغان. تويوتا شىركىتى شۇنىڭ بىلەن ئۇچقاندەك تەرەققىياتقا ئىرىشكەن.

1952-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى Kiichiro Toyoda قاتتىق ھاياجانلىنىش سەۋەپلىك مىڭىسىگە قان چۈشۈپ قازا قىلغان.

1962-يىلى تويوتا شىركىتى ياۋرۇپاغا يۈرۈش قىلپ، شۇ يىلى تويوتانىڭ سىتىلىش سانى مىليۇنلۇق ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتكەن.

1966-يىلى بازارغا سىلىنغان corolla (گۈلتاج) ئاپتوموبىلى كەڭ ئېستىمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇپ سىتىۋىلىشىغا ئىرىشكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن 1968-يىلى شىمالىي ئامىرىكىغا ئىكىسپورت قىلىنىپ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان. سىتىلىش مېقدارى جەھەتتە باشلامچى ئورۇنغا ئۆتكەن.

1970-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، تويوتا celica مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. تۆت يىلدىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش توختىغانغا قەدەر بۇ ئاپتوموبىلدىن 4 مىليۇن دانە ئەتراپىدا سېتىلغان.

1971-يىلى تويوتانىڭ يىللىق سىتىلىش مىقدارى 2مىليۇنلۇق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، بىر سەكرەپلا دۇنيادىكى ئۈچىنجى چوڭ ئاپتوموبىل ياساش كارخانىسىغا ئايلانغان.

1974-يىلى تويوتا بىلەن ھىنو، دەيخاتسۇ قاتارلىق 16 كارخانا بىرلىشىپ تويوتا گوروھىنى شەكىللەندۈردگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 280 ئوتتۇرا-كىچىك كارخانا بىرلىشىپ ھەمكارلىق تورى ھاسىل قىلغان.

1981-يىلى، ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىنىدىغان ماشىنىلارغا چەكلىمە قويۇش كىلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، تويوتا ئامېرىكا ھەممىباپ ئاپتوموبىلى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئاپتوموبىل ياساشنى قارار قىلغان.

1982-يىلى 7-ئايدا،تويوتا ئاپتوموبىل سانائىتى شىركىتى ۋە تويوتا ئاپتوموبىل سېتىش شىركىتى رەسمىي ھالدا قايتىدىن بىرلەشكەن. شىركەتنىڭ ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى تويوتا ئاپتوموبىل شىركىتى بولغان.  

1983-يىلى، ياپۇنىيە خوندا شىركىتىنىڭ ACCORD تۈرىدىكى ئاپتوموبىللىرى شىمالىي ئامېرىكا رايونىدا تويوتانىڭ بازىرىغا خىرىس شەكىللەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن، شۇ يىلى تويوتا شىركىتى CAMRY تۈرىدىكى ئاپتوموبىلنى ئوتتۇرغا چىقارغان.

1993-يىلى، ئومومىي سىتىلىش سوممىسى 85 مىليارد 283 مىليۇن دوللارلىق ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، دۇنيا سانائەت شىركەتلىرى قاتارىدا 5-ئورۇندا، پۈتۈن يىللىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش سانى 4 مىليۇن 450 مىڭغا يىتىپ دۇنيا ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ 9.4% تىنى ئىگەللگەن.

2006-يىلى تويوتا ئاپتوموبىلىنىڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى سېتىلىش سانى 8 مىليۇن 808 مىڭغا يەتكەن.

1867-يىلى Toyoda Sakiichi  دۇنياغا كەلگەن.

1924-يىلى Toyoda Sakiichi توختىماي ئاپتۇماتىك ئىشلەيدىغان توقۇمچىلىق ماشىنىسىنى كەشىپ قىلغان.

1929-يىلى ئاپتۇماتىك توقۇمچىلىق ماشىنىسىنىڭ پاتنىت ھوقۇقىنى ئەنگىلىيە شىركىتىگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن.

Toyota ،LEXUS ،SCION ،SUBARU  ، HENO

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#