يۇستىنىئان
يۇستىنىئان (مىلادىيە 483-565-يىللار) ئىللىرىيىدىكى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ تاغىسى يۇسىتىن ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى قوغدىغۇچى قوشۇنىنىڭ سەركەردىلىكىگە تەيىنلىنىپ، 518-يىلى، پادىشاھ بولغان. يۇستىنىئان ئۇنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى سالاھىيىتى بىلەن يۇسىتىننىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە ھەمكارلىشىپ، 527-يىلى پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يۇستىنىئانيۇستىنىئان (مىلادىيە 483-565-يىللار) ئىللىرىيىدىكى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ تاغىسى يۇسىتىن ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى قوغدىغۇچى قوشۇنىنىڭ سەركەردىلىكىگە تەيىنلىنىپ، 518-يىلى، پادىشاھ بولغان. يۇستىنىئان ئۇنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى سالاھىيىتى بىلەن يۇسىتىننىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە ھەمكارلىشىپ، 527-يىلى پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. 523-يىلى، يۇستىنىئان تەدبىرلىك ۋە كەسكىن ئىش قىلىدىغان تېئودورا بىلەن توي قىلغان. تېئودورا ئەسلىدە كونستانتىپول تىياتىرخانىسىنىڭ ئارتىسى بولۇپ، رەھىمسىز، ھىيلىگەر، ھوقۇققا ھېرىسمەن بولغاچقا، يۇستىنىئاننىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.
يۇستىنىئان رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ تەخت ۋارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خرىستىئان دىنى ئاساسىدىكى رىم ئىمپېرىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. شۇڭا، ئۇ نۇرغۇن كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەچكە، ئەينى چاغدا كىشىلەر ئۇنى «ئارام ئالمىسىمۇ بولىۋېرىدىغان شاياتۇن» دەپ قارىغان. ئۇ دۆلەت ئىچىدە قانۇنشۇناسلارنى تەشكىللەپ 528-يىلىدىن باشلاپ «دۆلەت قانۇنى قامۇسى» نى يولغا قويۇپ، قانۇن ئارقىلىق قۇلدارلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغان ھەمدە خەلققە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەن. 532-يىلى خەلق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئاقسۆڭەك ھۆكۈمرانلارغا قارشى چىققان، كۈرەشنىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، قوزغىلاڭچىلار پايتەخت كونستانتىپولنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك كونترول قىلىۋالغان. يۇستىنىئان دەسلەپتە شەھەرنى تاشلاپ قېچىپ كەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن خانىشنىڭ نەسىھىتى بىلەن نىيىتىدىن يانغان. ئۇلار ھىيلە-نەيرەڭ ئىشلىتىپ، قوزغىلاڭچى ئاممىنى بەيگە مەيدانىغا ئالداپ ئەكىرگەندىن كېيىن، ئارمىيەنى ئىشقا سېلىپ تۆت ئەتراپتىن قورشاپ زەربە بېرىپ، 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن، بەيگە مەيدانىدا قان سەل بولۇپ ئاققان.
يۇستىنىئان تەرەپ-تەرەپكە قوشۇن ئەۋەتىپ جازا يۈرۈشى، تاجاۋۇزچىلىق قىلغان: 533-534-يىللىرى شىمالىي ئافرىقىدىكى ۋاندالىن پادىشاھلىقىنى؛ 535 −555-يىللىرى ئىتالىيە يېرىم ئارىلىدىكى شەرقىي گوت پادىشاھلىقىنى يوقاتقان؛ 554-يىلى غەربىي گوتلۇقلارنىڭ قولىدىن ئىسپانىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىنى تارتىۋالغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىمپېرىيىنىڭ شەرقىدىكى پېرسىيە (ئىران) گە ھۇجۇم قىلغان. يۇستىنىئاننىڭ رىم ئىمپېرىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىيالى تارىخنىڭ ئېقىمىغا قارشى بولغاچقا، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى بويسۇندۇرۇلغان رايونلار ئارقا-ئارقىدىن مۇستەقىل بولغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.