جۇڭگو پۇتبول ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى

جۇڭگو پۇتبول ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى

جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتىنىڭ A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى ( CHINA LEAGUE)قىسقارتىلىپ جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى دەپ ئاتىلىدۇ. جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمىئيتى(CFA) بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان.جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىن قالسىلا جۇڭگۇدىكى ئەڭ كۈچلۈك بىرلەشمە ھىساپلىنىدۇ. جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 2004-يىلدىن باشلاپ تەسىس قىلىنغان. ئەينى ۋاقىتتىكى نامى جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىك Bبىرلەشمىسى دىگەن نامدا ئاتالغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو پۇتبول ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى
باشقا نامى CHINA LEAGUE
رايونى جۇڭگۇ چۇڭ قۇرۇقلۇقى
مۇسابىقە تۈزۈمى ساھىبخان مىھمان قوش ئايلىنىش
مۇسابىقە تىپى جۇڭگو پۇتبول 2 دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 中国足球甲级联赛
تەنھەرىكەت تۈرى پۇتبۇل مۇسابىقىسى
قۇرۇلغان ۋاقتى 2004-يىلى تەسىس قىلىنغان
ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىت ھەر يىلى باھار ياز ۋە كۈز پەسلى
ئاساسلىق ئۇرگان جۇڭگۇ پۇتبۇلچىلار جەمىيتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

     تارىخىي تەرەققىيات جەريانى 

  جۇڭگۇ پۇتبۇلچىلار جەمىيتى ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى(Chinese Football Association CHINA LEAGUE)،قىسقارتىلىپ جۇڭگۇ  ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

  جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتىنىڭ A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى(CHINA LEAGUE)قىسقارتىلىپ جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى دەپ ئاتىلىدۇ.جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمىئيتى(CFA) بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان. جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىن قالسىلا جۇڭگۇدىكى ئەڭ كۈچلۈك بىرلەشمە ھىساپلىنىدۇ.جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 2004-يىلدىن باشلاپ تەسىس قىلىنغان. ئەينى  ۋاقىتتىكى نامى جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىك Bبىرلەشمىسى دىگەن نامدا ئاتالغان.

   جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 16 كوماندا قاتنىشىدۇ،دەرىجە ئۆرلەش ۋە چۈشۈش تۈزۈمىنى يولغا قويغان.  جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيون بولغان قېتىم سانى ئەڭ كۆپ كۇلۇب گۇاڭجۇ خېڭدا ۋە خېنەن جىيەنيى(قۇرۇلۇش) دىن ئىبارەت. گۇاڭجۇ خىڭدا 2007ۋە2010-يىلى مۇسابىقە پەسلىدە چېمپىيون بولدى. خېنەن جىيەنيې 2006ۋە 2013-يىلى مۇسابىقە پەسلىدە چېمپىيون بولدى.

     2015-يىلى 58تور سودا شەھەرچىسى(58同城)جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى بىلەن 5يىللىق تۇختام تۈزدى.شۇنىڭدىن ئىتىبارەن   جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ نام ياردەم بەرگۈچىسى يۇق بۇلۇشتەك ھالىتىگە خاتىمە بىرىلدى.

     1987-يىلى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان يىلى جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى پۇتبول دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى سىناق تەرىقىسىدە ئا گۇرۇپپا ۋە ب گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ سىناق تەرىقىسىدە يۇلغا قۇيۇلدى.1989-يىلى   جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىك Bبىرلەشمىسى رەسمىي قۇرۇلدى.1994-يىلى جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىك Bبىرلەشمىسىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى يۇلغا قۇيدى.  

2004-يىلى جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىك Bبىرلەشمىسىنىڭ نامىنى جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقسىگە ئۆزگەرتتى.

      جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقە تۈزۈمى 

   بىرلەشمە مۇسابىقە ھەربىر كۇماندىنىڭ ساھىبخان ۋە مەيدان شەكلىدە ئۇينايدۇ.

   جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ نام تەرتىپىنى بەلگىلەش چارىسى

  1.ھەربىر كۇماندا بىرمەيدان يەڭسە 3نۇمۇر،تەڭلەشسە1نۇمۇر،ئۇتتۇرۋەتسە0نۇمۇرغا ئىرىشىدۇ.

  2.جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ شۇ يىللىق يىللىق مۇسابىقە تولۇق تاماملانغاندىن كېيىن، نومۇرى كۆپ بولغىنىنىڭ ئىسىم تەرتىپى ئالدىغا قويۇلىدۇ، 

  3.ئەگەر ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق كۇماندىنىڭ نۇمۇرى تەڭ بولۇپ قالسا،كىرگۈزگەن توپ سانى ۋە يەڭگەن مەيدانى ياكى شۇ  

ئىككى كۇماندىنىڭ مۇسابىقە ئەھۋالىغا قارىتا بەلگىلىنىدۇ.

  4.ئالدىدىكى ئىككى كۇماندا جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە ئۆرلەيدۇ،ئەڭ كەينىدىكى ئىككى كۇماندا جۇڭگۇ ب دەرىجىلىك  بىرلەشمىسىگە چۈشۈپ كىتىدۇ.

    ئىلگىرىكى يىللاردىكى بىرلەشمە مۇسابىقىسى 

  2017-يىللىق مۇسابىقە پەسلى

   دالىيەن يىفاڭ ۋە بىيجىڭ رېنخى جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە ئۆرلىدى.باۋدىڭ رۇڭدا ۋە يۈننەن لىجىياڭ دەرىجە چۈشۈپ  كەتتى.(بۇ ئىككى كۇماندا 2017-يىللىق جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىگە دەرىجە ئۆرلىگەن ۋە بىرلا ۋاقىتتا دەرىجە چۈشۈپ كەتتى)  

تىلغا ئىلشقا تىگىشلىك بىر ئىش شۇكى 2017-يىلى7-ئاينىڭ1-كۈنى جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى16-ئايلانمىسىدا باۋدىڭ رۇڭدا  بىلەن ۋۇخەن جۇئىر ئىككى كۇماندىنىڭ ئارىسدىكى مۇسابىقە بۇلۇپ، بۇمەيدان 90مىنۇتلۇق مۇسابىقىسىدە 

باۋدىڭ رۇدا1:2نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇۋاتقاندا،رىپىر مۇسابىقە ۋاقتىنى8مىنۇت ئۇزارتىۋەتتى.95-مىنۇتىدا ۋۇخەن جۇئىرنىڭ ساختا  يىقىلغان ماھرىغا نۇقتا توپ ئىلىپ بىرىپ،قۇلغا كىلىپ بۇلغان غەلبىنى يۇق قىلغاچقا،ۋە شۇ مەيدان مۇسابىقە بىلەن دەرىجە ساقلىشىغا  تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن شۇ مەيداندىن كىيىن،باۋدىڭ رۇڭدا تەرەپتىكى مەشقاۋۇللار بىرلەشمىدىن چىكىنىدىنغانلىقىنى ئىلان قىلىدى.

شۇنداقلا جۇڭگۇ پۇتبۇلچىلىقىنىڭ بۇنىڭدىن چۇقۇم ئىبىرەت ئىلىشىنى ئىيتقان.

   كۇماندا                     نۇمۇرى        يەڭگىنى        تەڭلەشكىنى    ئۇتتۇرغىنى     كىرگۈزگەن توپ     كەتكۈزگىنى

1.دالىيەن يىفاڭ                64نۇمۇر       19مەيدان       7مەيدان       4مەيدان         48توپ            23توپ

2.بىيجىڭ رىنخى              62نۇمۇر       18مەيدان        8مەيدان      4مەيدان         47توپ            21توپ

3.شىجىياجۇاڭ يۇڭچاڭ         54نۇمۇر       14مەيدان       12مەيدان      4مەيدان         48توپ            34توپ

4.چىڭداۋ خۇاڭخەي          52نۇمۇر       16مەيدان        4مەيدان      10مەيدان        55توپ            40توپ

5.ۋۇخەن جۇئىر               47نۇمۇر       13مەيدان        8مەيدان       9مەيدان         47توپ            40توپ

6. شىنجىن جىياجاۋيى         46نۇمۇر       13مەيدان       7مەيدان        10مەيدان       56توپ            36توپ

7.شاڭخەي شىنشىن           40نۇمۇر       10مەيدان        10مەيدان      10مەيدان       53توپ            42توپ

8.بىيجىڭ بېيكۇڭ             37نۇمۇر       11مەيدان        4مەيدان       15مەيدان       43توپ            50توپ

9.خاڭجۇ لۈچىڭ              36نۇمۇر       8مەيدان         12مەيدان      10مەيدان       31توپ            39توپ

10.كۆكخۇت جۇڭيۇۋ          35نۇمۇر       9مەيدان         8مەيدان       13مەيدان       40توپ            47توپ

11.شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى   35نۇمۇر       9مەيدان          8مەيدان      13مەيدان       37توپ            52توپ

12.مىيجۇۋ كېجىيا              33نۇمۇر       8مەيدان         9مەيدان       13مەيدان       33توپ            39توپ

13.جىجىياڭ يىتىڭ             32نۇمۇر       8مەيدان         8مەيدان        14مەيدان      35توپ            46توپ

14.دالىيەن چاۋيۆ              31نۇمۇر       8مەيدان         7مەيدان        15مەيدان      32توپ             58توپ

15.باۋدىڭ رۇڭدا              31نۇمۇر       8مەيدان         7مەيدان        15مەيدان      41توپ            51توپ

16.يۈننەن لىجىياڭ             21نۇمۇر       4مەيدان         9مەيدان        17مەيدان      31توپ            62توپ

          

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#