ئۇيغۇرچە نامى ئىچېگاشەن شىبە يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 80 كۋادرات كىلومېتىر
ماشىنا كودى 新F
خەنزۇچە ئاتىلىشى 伊车嘎善锡伯族乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسى
نوپۇسى 13196 ئادەم
تېلېفون رايۇن نومۇرى 0999

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىچېگاشەن شىبە يېزىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى دىكى قورغاس ناھىيەسى گە جايلاشقان.

ئىچېگاشەن شىبە يېزىسىئىچېگاشەن شىبە مىللىي يېزىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چېگراسى ئىچىدىكى بىردىنبىر شىبە مىللىي يېزىسى.

ئىچېگاشەن شىبە يېزىسى شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمال چېگراسىدىكى تەڭرىتاغ نىڭ تارمىقى قارابۇلاق تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان.

شەرقىي چىڭسىخوزا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بىلەن تۇتاشقان، غەرب تەرىپى قورغاس شەھىرى بىلەن يانداش، قورغاس ناھىيەسى نىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 27 كىلومېتىر، قورغاس پورتى بىلەن بولغان ئارىلىقى 20 كىلومېتىر. چىڭسىخوزا دىن قورغاس قىچە بولغان 312-دۆلەت يولى چېگرا بويىدىن ئۆتكەن، قاتنىشى قولاي، ئورنى ئەۋزەل، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 750 مېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 80 كىۋادرات كىلومېتىر. يېزىلىق ھۆكۈمەت جېگاشەن كەنتىدىكى بىر گۇرۇپپا دائىرىسى ئىچىدە تەسىس قىلىنغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 8 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 2270 ئادەم.

ئىچېگاشەن شىبە تىلىدا، «يېڭى كەنت» دېگەن مەنىدە. تارىختا «سۇلامىن» ياكى «شىبە سولۇن» دەپ ئاتالغان.

18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا 1764-يىلى (چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭ سەلتەنەتىنىڭ 29-يىلى) 1020 نەپەر شىبە ئوفىتسېر، ئەسكەرلىرى بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە 3000 دىن ئارتۇق ئادەم شېنياڭدىن ئۇزۇن يول يۈرۈپ، مىڭبىر جاپادا ئىلى دەرياسى بويىغا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن كۆچۈرلگەن.

1778-يىلى، ئۇرۇش ۋە ۋابا سەۋەبىدىن، ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى «سۇلۇن يىڭ»ىدا تۇرۇشلۇق ئەسكىرىي كۈچى زور دەرىجىدە ئازلاپ كەتكەن. شۇ چاغدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى قوشۇلغاندىن كېيىن، شىبە سەككىز تۇغلۇق ئىچىدىن بىر تۈركۈم ئادەم ئاجرىتىپ، ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى مۇداپىئە قۇشۇنىغا ئەۋەتىپ، چېگرا رايوننى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئادا قىلغان.

شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن كېيىن، 1953-يىلى، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە خىزمىتى يولغا قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايون قورغاس ناھىيەسىدىكى شىبە مىللىتى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىچېگاشەننى تاللاپ سىناق قىلغان.

شىنجاڭ ئۆلكىلىك سابىق بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لۈ جيەنرېن باشچىلىقىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ، 1953-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش يېزىسى، قورغاس ناھىيەسى ئىچېگاشەن شىبە ئاپتونوم يېزىسى قۇرۇلغان. چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەشتە ئىچېگاشەن گۇڭشې دەپ ئۆزگەرتىلگەن.

1958-يىلى، راكېتا گۇڭشېسىغا تەۋە بولغان.

1963-يىلى، ئايرىلىپ ئىچېگاشەن گۇڭشېسى تەسىس قىلىنغان.

1984-يىلى، ئىچېگاشەن شىبە مىللىي يېزىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

2014-يىلى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن ناھىيە دەرىجىلىك قورغاس شەھىرى قۇرۇلغان، ئىچېگاشەن شىبە يېزىسى شۇنىڭدىن باشلاپ قورغاس شەھىرى تەۋەلىكىدە بولغان.

ئىچېگاشەن شىبە يېزىسى قارمىقىدا: جېگاشەن كەنتى، جارسۇ كەنتى، قاراتاش كەنتى، سۆگەتلىك ئېرىق كەنتى، ئىچېگاشەن كەنتى قاتارلىق بەش مەمۇرىي كەنت بار.

ئىچېگاشەن شىبە يېزىسىئىچېگاشەن شىبە يېزىسىدا جەمئىي 2468 ئائىلە بار، ئومۇمىي نوپۇسى 13196 ئادەم، شىبە، خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ، داغۇر، روس، موڭغۇل، توگو، يۇغۇر، قىرغىز، جۇاڭزۇ، مانجۇ قاتارلىق 13 مىللەت ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە شىبە مىللىتى 1600 ئادەم.

ئىچېگاشەن شىبە يېزىسىنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە ئىشلىرىمۇ يىلمۇ يىل تەرەققىي قىلغان، يېزا بويىچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ 5 كە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 9 يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ 2، باشلانغۇچ مەكتەپ 3، يېزىلىق شىپاخانا 1، چېگرا ئىقتىسادى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان رايونغا جايلاشقان بولغاچقا، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلار ئۇل ئەسلىھە ۋە يانداش ئەسلىھەلىرى تېخى مۇكەممەل ئەمەس، ئىختىساسلىقلار ئىنتايىن كەمچىل، تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور چەكلىمە ئېلىپ كەلگەن.

ياردەم بېرىدىغان ئورۇن : يېڭى رايۇن شوفاڭ بازىرى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#