دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنى

دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنى

1988-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىدا ماقۇللاندى.

ئۇيغۇرچە نامى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国保守国家秘密法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنى(1988-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىدا ماقۇللاندى)

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاپ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ۋە سوتسيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا دۆلەت مەخپىيەتلىكى-دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ئۇ، قانۇنىي تەرتىپلەرگە ئاساسەن بەلگىلەنگەن، مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە مۇئەييەن دائىرىدىكى خادىملار بىلىش بىلەنلا چەكلىنىدىغان ئىش.

3-ماددا بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى، قوراللىق كۈچلەر، سىياسىي پارتىيىلەر، ئىجتىمائىي گۇرۇھلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە گراژدانلارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار. 

4-ماددا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتىدە پائال ئالدىنى ئېلىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش ھەم دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ھەم تۈرلۈك خىزمەتلەرگە قۇلايلىق بولۇش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ.

5-ماددا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى تارماقلىرى مەملىكەت بويىچە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تارماقلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسى ئىچىدە ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسى ئىچىدە ئۆز سىستېمىسىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ ياكى ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

6-ماددا ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە چېتىشلىق ئورۇنلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتى ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىپ ياكى مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ، ئۆز ئورگىنى ۋە ئۆز ئورنىدىكى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقا دائىر كۈندىلىك خىزمەتلەرنى باشقۇرىدۇ.

7-ماددا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ۋە قوغداش شۇنداقلا مەخپىيەتلىك ساقلاش تېخنىكىسى ۋە تەدبىرلىرىنى ياخشىلا قاتارلىق جەھەتلەردە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئورۇن ياكى شەخسلەر تەقدىرلىنىدۇ.

2-باب دۆلەت مەخپىيەتلىكىنىڭ دائىرىسى ۋە مەخپىيەتلىك دەرىجىسى 

8-ماددا دۆلەت مەخپىيەتلىكى مۇشۇ قانۇننىڭ 2-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان تۆۋەندىكى مەخپىي ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) دۆلەت ئىشلىرىدىكى چوڭ-چوڭ تەدبىرلەرگە دائىر مەخپىي ئىشلار؛

(2) دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى ۋە قوراللىق كۈچلەرنىڭ پائالىيىتىدىكى مەخپىي ئىشلار؛

(3) دىپلوماتىيە ۋە تاشقى ئىشلار پائالىيىتىدىكى مەخپىي ئىشلار، شۇنداقلا چەت ئەللەر ئالدىدا مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى ئۈستىگە ئېلىنغان ئىشلار؛

(4) خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مەخپىي ئىشلار؛

(5) پەن-تېخنىكىدىكى مەخپىي ئىشلار؛

(6) دۆلەتنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش پائالىيىتى ۋە جىنايى ئىشلار جىنايەتلىرىنى سۈرۈشتۈرۈشكە دائىر مەخپىي ئىشلار؛

(7) دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى تارماقلىرى مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنى بەلگىلىگەن دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە دائىر ئىشلار.

بۇ قانۇننىڭ 2-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرى دۆلەت مەخپىيىتىگە كىرمەيدۇ. 

سىياسىي پارتىيىنىڭ مەخپىي ئىشلىرىنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 2-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرى دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە كىرىدۇ.

9-ماددا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنىڭ مەخپىيلىك دەرىجىسى «مۇتلەق مەخپىي» ، «قەتئىي مەخپىي» ، «مەخپىي» دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

«مۇتلەق مەخپىي» دېگىنىمىز ئەڭ مۇھىم دۆلەت مەخپىيىتى بولۇپ، ئاشكارىلىنىپ قالسا، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىدىغان مەخپىيەتلىك؛ «قەتئىي مەخپىي» دېگىنىمىز، مۇھىم دۆلەت مەخپىيىتى بولۇپ، ئاشكارىلىنىپ قالسا، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىدىغان مەخپىيەتلىك؛ «مەخپىي» دېگىنىمىز، ئادەتتىكى دۆلەت مەخپىيىتى بولۇپ، ئاشكارىلىنىپ قالسا، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان مەخپىيەتلىك.

10-ماددا دۆلەت مەخپىيىتى ۋە ئۇنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسىنىڭ كونكرېت دائىرىسىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى تارماقلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا دىپلوماتىيە، ج خ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە باشقا مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.

دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتىكى دۆلەت مەخپىيىتى ۋە ئۇنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسىنىڭ كونكرېت دائىرىسىنى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بەلگىلەيدۇ. 

دۆلەت مەخپىيىتى ۋە ئۇنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسىنىڭ كونكرېت دائىرىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر مۇناسىۋەتلىك دائىرىدە ئېلان قىلىنىدۇ.

11-ماددا ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئورۇنلىرىدىكى دۆلەت مەخپىيىتىگە دائىر ئىشلارنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسى دۆلەتنىڭ مەخپيىتى ۋە ئۇنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسىنىڭ كونكرېت دائىرىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ.

دۆلەت مەخپىيىتى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى ۋە قايسى خىلدىكى مەخپىيەتلىك دەرىجىسىگە تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىق بولمىغان ئىشلارنىڭ دۆلەت مەخپىيىتى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى ۋە ئۇنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسىنى دۆلەت مەخپىيەتلىك خىزمىتى تارماقلىرى، ئۆلىكىلىك ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتى تارماقلىرى، ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتلەر تۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەرلەر ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن چوڭراق شەھەرلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى تارماقلىرى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ئورگانلار بەلگىلەيدۇ. مەخپىيەتلىك دەرىجىسى بېكىتىلىشتىن ئىلگىرى مەخپىيەتلىككە دائىر ئىشلار كۆرۈلگەن ئورگان ۋە ئورۇنلار ئۆزلىرى بەلگىلىگەن مەخپىيەتلىك دەرىجىسى بويىچە ئالدىنئالا مەخپىيەتلىك ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى لازىم. 

12-ماددا دۆلەت مەخپىيىتىگە كىرىدىغان ھۆججەت، ماتېرىياللارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 9-، 10-، 11-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەخپىيەتلىك دەرىجە بەلگىسى قويۇلىدۇ، دۆلەت مەخپىيىتىگە كىرمەيدىغانلارغا دۆلەتنىڭ مەخپىي ھۆججىتى ۋە ماتېرىيالى دېگەن بەلگە قويۇلمايدۇ.

13-ماددا دۆلەت مەخپىيىتىگە كىرىدىغان ياكى كىرمەيدىغانلىقى، قايسى خىلدىكى مەخپىيەتلىك دەرىجىسىگە كىرىدىغانلىقى توغرىسىدا تالاش-تارتىش بولغانلىرىنىڭ دۆلەت مەخپىيىتىگە كىرىدىغان-كىرمەيدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى تارماقلىرى ياكى ئۆلىكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى تارماقلىرى بەلگىلەيدۇ. 

14-ماددا ئورگان، ئورۇنلار دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە دائىر ئىشلارنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسىنى بېكىتىشتە، ئەھۋالغا قاراپ مەخپىيەتلىك ساقلاش مۇددىتى بېكىتىش كېرەك. مەخپىيەتلىك ساقلاش مۇددىتىنى بېكىتىشنىڭ كونكرېت چارىسىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى تارماقلىرى بەلگىلەيدۇ.

15-ماددا دۆلەت مەخپىيىتىگە دائىر ئىشلارنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسى ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مۇددىتى ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ۋاقتىدا ئۆزگەرتلىشى كېرەك. مەخپىيەتلىك دەرىجىسى ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مۇددىتىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا مەخپىيەتلىك دەرىجىسى ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مۇددىتىنى بەلگىلىگەن ئەسلىدىكى ئورگان ۋە ئورۇنلار قارار چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرى قارار چىقارسىمۇ بولىدۇ.

16-ماددا دۆلەت مەخپىيىتىگە دائىر ئىشلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش مۇددىتى توشقاندا، مەخپىيەتلىكى ئۆزلۈكىدىن ئەمەلدىن قالىدۇ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مۇددىتى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، مەخپىيەتلىك دەرىجىسى ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مۇددىتىنى بەلگىلىگەن ئەسلىدىكى ئورگان، ئورۇنلار ياكى ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرى قارار چىقىرىدۇ.

دۆلەت مەخپىيىتىگە دائىر ئىشلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش مۇددىتى ئىچىدە داۋاملىق مەخپىي تۇتۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمىسا، مەخپىيەتلىك دەرىجىسى ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مۇددىتىنى بەلگىلىگەن ئەسلىدىكى ئورگان، ئورۇن ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرى ۋاقتىدا مەخپىيەتلىكنى بىكار قىلىشى كېرەك.

3-باب مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تۈزۈمى

17-ماددا دۆلەت مەخپىيىتىگە دائىر ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملارنى تەييارلاش، ئېلىپ تارقىتىش، يەتكۈزۈش، ئىشلىتىش، كۆپەيتىش، قىسقارتىپ كۆچۈرۈش، ساقلاش ۋە كۆيدۈرۈۋېتىش توغرىسىدا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى تارماقلىرى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر قاتارلىق تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش-ئېلىش، بىر تەرەپ قىلىش، يەتكۈزۈش چارىسى توغرىسىدا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى تارماقلىرى مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن بىرلىكتە بەلگىلىمە چىقىرىدۇ.

18-ماددا مۇتلەق مەخپىي دەرىجىلىك دۆلەتنىڭ مەخپىي ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملىرىدا تۆۋەندىكى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تەدبىرلىرى قوللىنىلىشى كېرەك:

(1) مەخپىيەتلىك دەرىجىسىنى بېكىتكەن ئورگان، ئورۇن ياكى ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ كۆپەيتىشىكە ۋە قىسقارتىپ كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ؛

(2) ئېلىش-تارقىتىش، يەتكۈزۈش ۋە سىرتقا ئېلىپ چىقىشنى بەلگىلەنگەن خادىملار ئۈستىگە ئېلىشى ھەمدە زۆرۈر بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قوللىنىلىشى كېرەك؛

(3) ئۈسكۈنىلىرى مۇكەممەل بولغان بىخەتەرلىك قۇرۇلمىلاردا ساقلىنىشى كېرەك. كۆپەيتىش، كۆچۈرۈش تەستىقلانغان مۇتلەق مەخپىي دەرىجىلىك دۆلەتنىڭ مەخپىي ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملىرىدا ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تەدبىرلىرى قوللىنىلىشى كېرەك.

19-ماددا دۆلەت مەخپىيىتىگە كىرىدىغان ئۈسكۈنە ياكى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش، ئىشلەش، يۆتكەش، ئىشلىتىش، ساقلاش، رېمونت قىلىش ۋە كۆيدۈرۈۋېتىش توغرىسىدا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى تارماقلىرى مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن بىرلىكتە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

20-ماددا گېزىت-ژۇرنال، كىتاب، خەرىتە، سۈرەتلىك ماتېرىيال، ئۇنئالغۇ، سىنئالغۇ بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش، تارقىتىشتا ۋە رادىئو پروگراممىسى، تېلېۋىزىيە نومۇرلىرى، كىنو ئىشلەش ۋە قويۇشتا، مۇناسىۋەتلىك مەخپىيەتلىكنى ساقلاش بەلگىلىمىلرىگە ئەمەل قىلىش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويماسلىق لازىم.

21-ماددا تاشقى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقتا دۆلەت مەخپىيىتىگە دائىر ئىشلارنى ئېيتىشقا توغرا كەلسە، بەلگىلىمىدىكى تەرتىپلەر بويىچە ئالدىنئالا تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.

22-ماددا دۆلەت مەخپىيىتىگە كىرىدىغان مەزمۇنغا ئىگە يىغىن ۋە باشقا پائالىيەتلەردە باشقۇرغۇچى ئورۇن مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى ھەم يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ھەققىدە تەربىيە بېرىشى، كونكرېت تەلەپلەرنى بەلگىلىشى كېرەك.

23-ماددا ھەربىي ئىشلاردا چەكلەنگەن رايون ۋە دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلمىگەن باشقا مەخپىي سورۇن، ئورۇنلىرىدا مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تەدبىرلىرى قوللىنىلىشى، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەستىقلىتىلغاندىن باشقىلىرى ئۆز مەيلىچە سىرتقا ئېچىۋېتىلمەسلىكى ياكى ئېچىۋېتىش دائىرىسى كېڭەيتىلمەسلىكى كېرەك.

24-ماددا شەخسىي ئالاقە ۋە ئالاقىلىشىش ئىشلىرىدا دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

دۆلەت مەخپىيىتىگە كىرىدىغان ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملارنى ئېلىپ سىرتقا چىقىشتا، مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا دائىر بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

ئاممىۋى سورۇنلاردا دۆلەت مەخپىيىتى ئۈستىدە سۆزلىشىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

25-ماددا سىملىق ۋە سىمسىز ئالاقە ئىشلىرىدا دۆلەت مەخپىيىتىنى يەتكۈزۈشتە، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.

ئاشكارا شېفىر ياكى مەركەزدىكى ئالاقىدار ئورگانلار تەكشۈرۈپ تەستىقلىمىغان مەخپىي شېفىر ئارقىلىق دۆلەت مەخپىيىتىنى يەتكۈزۈشتە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئادەتتىكى پوچتا ئارقىلىق دۆلەت مەخپىيىتىگە كىرىدىغان ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا ماددىي نەرسىلەرنى يەتكۈزۈشتە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. 

26-ماددا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ دۆلەت مەخپىيىتىگە كىرىدىغان ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملارنى ئېلىپ يۈرۈشكە، يەتكۈزۈشكە، چېگرىدىن ئېلىپ چىقىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. 

27-ماددا دۆلەت مەخپىيىتى ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مەلۇم دائىرىدىكى خادىملارنىڭ بىلىشى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، مۇتلەق مەخپىي دەرىجىلىك دۆلەت مەخپىيتىنى تەستىقتىن ئۆتكۈزۈلگەن خادىملارنىڭلا بىلىشىگە بولىدۇ.

28-ماددا دۆلەت مەخپىيىتىگە دائىر ئىشلارنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىنىدىغان مەخسۇس خادىملار دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى تارماقلىرى ۋە كادىرلار ئىشلىرىغا مەسئۇل تارماقلارنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىلىشى كېرەك.

دۆلەت مەخپىيىتىگە دائىر ئىشلارنى باشقۇرىدىغان مەخسۇس خادىملار چېگرىدىن چىقىشتا ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى تەستىقلىغان ئورگانلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك؛ گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار باشقۇرغۇچى ئورگانلىرى چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ ياكى دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان كەلتۈرىدۇ، دەپ قارىغان خادىملارنىڭ چېگرىدىن چىقىشىنى تەستىقلاشقا بولمايدۇ.

29-ماددا ئورگان ۋە ئورۇنلار خىزمەتچى خادىملارغا مەخپىيەتلىكنى ساقلاش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتىنى قەرەللىك تەكشۈرۈشى كېرەك. 

30-ماددا دۆلەت خىزمەتچىلىرى ياكى باشقا گراژدانلار دۆلەت مەخپىيىتى ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقى ياكى ئاشكارىلىنىپ قېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى سەزگەندە، دەرھال قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى ھەم ئالاقىدار ئورگان ۋە ئورۇنلارغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك، ئالاقىدار ئورگان ۋە ئورۇنلار خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

4-باب قانۇنىي جاۋابكارلىق 

31-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ قەستەن ياكى سەۋەنلىك بىلەن دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلارنىڭ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 618-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغان، لېكىن جىنايى ئىشلار جازاسى بېرىشكە توشمايدىغانلارغا ئەھۋالغا قاراپ مەمۇرىي چارە كۆرۈلسە بولىدۇ.

32-ماددا چەت ئەلدىكى ئاپپارات، تەشكىلات ۋە خادىملارغا دۆلەت مەخپىيىتىنى ئوغرىلاپ بەرگەن، ئۇقۇشۇپ بەرگەن، سېتىپ بەرگەن ۋە قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بەرگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

5-باب قوشۇمچە پرىنسىپ 

33-ماددا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتى تارماقلىرى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن، يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.

34-ماددا مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش نىزامىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

35-ماددا بۇ قانۇن 1989-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 9511-يىلى 6-ئايدا ئېلان قىلىنغان «دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق نىزام» شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#