كۇئېنلۇن تېغى

كۇئېنلۇن تاغلىرى جۇڭگودىكى بىرىنچى چوڭ تاغ ۋە ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى چوڭ تاغ سېستىمىسى، ھەم جۇڭگونىڭ غەربىي قىسىم تاغ سېستىمىسىنىڭ ئاساسى غول بۆلىكى، غەرىپتە پامىر ئىگىزلىكىنىڭ شەرقى قىسىمدىن باشلىنىپ ،شىنجاڭ ،شىزاڭنى كېسىپ ئۆتۈپ چىڭخەيگىچە سوزۇلىدۇكۇئېنلۇن تېغىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيەت تارىخىدا يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە، قەدىمكىلەر كۇئىنلۇن تېغىنى «ئەجدىھا ئەۋلادى» دەپ ئاتىغان.

ئۇيغۇرچە نامى كۇئىنلۇن تاغ تىزمىسى
جۇغراپىيىلىك ئورنى شىنجاڭ، شىزاڭ، چىڭخەي بىلەن چىگرىلىنىدۇ
ئۇزۇنلۇقى 2500 كېلومېتىر
خەنزۇچە  نامى 昆仑山
دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 4767 مېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۇئېنلۇن تېغى غەرىپتە پامىر ئىگىزلىكىدىن باشلىنىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2500 كېلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5500-6000 مېتىغىچە، كەڭلىكى 130-200 كېلومىتىرغىچە، غەربىي تار شەرقى كەڭ ئومۇمىي كۆلىمى 500000 كۇۋادىرات كېلومېتىر كۆپرەك. جۇڭگو چىگرىسى ئىچىدە چىڭخەي، سىچۈەن، شىنجاڭ، شىزاڭ قاتارلىق تۆت ئۆلكىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ئەڭ ئېگىز چوققىسى بولسا شىنجاڭ نىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيەسى دىكى قوڭۇر چوققىسى بولۇپ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىك تەخمىنەن 7649 مېتىر كېلىدۇ.

       كۇئېنلۇن تېغى ئەڭ قۇرغاق بولغان ئاسىيا قۇرۇقلۇق مەركىزى، ئالدىنقى يىلى ھۆل-يېغىن مىقدارى 100 مېللىمېتىردىن تۆۋەن بولغان، غەربىي قىسىمى 60 مېللىمېتىر، شەرقى قىسىمى 20 مېللىمېتىر، چاقىلىقنى پەقەت 15-20 مېللىمېتىرغىچە بولغان، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى  تاغنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئازراقلا ئاشىدۇ، كۇئېنلۇن تاغ تىزمىسىنىڭ غەربىي ئىگىز شەرقى پەس، كۇئېنلۇن تاغ تىزمىسى غەرپ، ئوتتۇرا ۋە شەرقتىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن، غەربىدە دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 7000 مېتىردىن ئاشىدىغان چوققىدىن ئۈچىسى بار، 6000 دىن ئاشىدىغىنى 7 سى بار، ئوتتۇرىچە دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 5500-6000 غىچە كېلىدۇ؛ ئوتتۇرا بۆلەك كۇئېنلۇن تاغ تىزمىسىدا دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 6000 مېتىردىن ئاشىدىغان چوققىدىن 8 بار، ئوتتۇرىچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5000 -5500 مېتىرغىچە؛ شەرقى بۆلىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىك 6000 مېتىردىن ئاشىدىغان چوققىدىن 4 بار، 5000 مېتىردىن ئاشىدىغىنىدىن 8ى بار، ئوتتۇرىچە دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 4500- 5000 مېتىرغىچە، قارنىڭ يىغىلىشى 5800 مېتىر ئىگىزلىكتىكى  تاغ چوققىللىرىغا جايلاشقان.

     كۇئېنلۇن تاغ تىزمىسى ھىندى ئوكيان ۋە تىنىچ ئوكياننىڭ پەسىللىك شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئاساسەن ئۇچرىمايدۇ، ئەكىسچە، چوڭ قۇرۇقلۇق ھاۋا كېلىماتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەسىرى ئاستىدا، يىللىق ھاۋا كېلىماتى ۋە پەسىللىك ھاۋا كېلىماتىنىڭ چوڭ كۆلەمدە ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاغ تىزمىسىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكى ئەڭ قۇرغاق ، غەربى ۋەشەرقى قىسىمى ھاۋا كېلىماتى بىرقەدەر ئىللىق. بۇ تاغنىڭ ئەڭ قۇرغاق جايىنىڭ يىللىق ھۆل يېغىن مىقدارى 50 مېللىمېتىرغىمي يەتمەيدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونلارنىڭ 102-127 مېللىمېتىرغىچە؛ پامىر ۋە شىزاڭنىڭ ئەتراپىدا يىللىق ھۆل يېغىن مىقدارى 457 مېللىمېتىرغا يېتىدۇ ،تاغنىڭ تۆۋەنكى قاتلىمىدا، 7–ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا ℃25 تىن℃28 قىچە، لېكىن تاغنىڭ يۇقىرى ۋە شىزاڭ چىگرىسىدا 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا℃10تىن تۆۋەن، قىش پەسلىدە ℃35- ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولىدۇ. كۇئېنلۇن تېغىنىڭ شىمال ئېتىكى ئىسسىق مۆتىدىل بەلۋاغقا تەۋە، تارىم چۆللىكى ۋە چەيدام چۆللىكى بولۇپ، ھۆل–يېغىن مىقدارى ئىنتايىن ئاز؛ قار سىزىقى دېڭىز يۈزىدىن 5600- 5900 مېتىرغىچە ،قار سىزىقىدا يىل بويى ئېرىمەيدىغان مۇزلۇق بار بولۇپ، كۆلىمى 3000 كۇۋادىرات كېلومېتىردىن  ئاشىدۇ ،جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ مۇزلۇقنىڭ بىرى، مۇزلۇقتىن ئېرىگەن سۇ جۇڭگودىكى ئاساسلىق بىر نەچچە دەريالارنىڭ مەنبەسى. مەسىلەن: چاڭجىياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى، مىكو دەرياسى (ۋېيتنامدا)، سالۋېن دەرياسى، تارىم دەرياسى قاتارلىقلار .

    كۇئېنلۇن تېغىدا 100 خىلدىن ئارتۇق ئەتىۋارلىق ئۆسۈملۈكلەر بار، لېكىن ئاساسەن پاكار چاتقال تۈرىدىكىلەر، ياۋايى ھايۋانلار ھەممىسى ئىگىزلىكتە ياشايدىغان شىزاڭ بۆكىنى، ياۋا قوتاز، ياۋا ئېشەك قاتارلىقلار. شىنجاڭ خوتەندىكى كۇئېنلۇن تاغ ئېتىكىدىن چىقىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك گۈزەل قاشتېشى قەدىمدىن تارتىپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى قاشتېشىنىڭ مۇھىم مەنبەسى. 

  تاغدىكى قۇملۇقلار يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىنى چەكلەپ قويغان، نۇرغۇن رايونلىرى قۇم شېخىلدىن تەركىپ تاپقان، بىر قەدەر نەم بولغان غەربى تەرەپ تاغ تىزمىسىدا ياۋا ئارقارلار ئىگىزلىكتىكى ئوتلاقتا ئوتلايدۇ، ئېرىق–ئۆستەڭگە يېقىن يەلىرىدىكى تاللىقلاردا قوڭۇر ئېيىق لار ياشايدۇ، بۆرىلەر كۆپ ئۇچرايدۇ، بىراق يىلپىز ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/28500.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#