قاراتىك تېغى

قاراتىك تېغى

شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى تەۋەسىدە چوڭ-كىچىك تاغ چوققىسىدىن 134 ى بار، دائىرىسى كەڭ تارقالغان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان تاغ چوققىسىدىن 22 سى بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىق بولغىنى قاراتىك تېغى.

ئۇيغۇرچە نامى قاراتىك تېغى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
ئىگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئارتۇق
پىنيىنچە يېزىلىشى kā lā tiě kè shān
خەنزۇچە نامى 喀拉铁克山
رايون تەۋەلىكى شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى
دائىرىسى 100 نەچچە كىلومېتىر ئارتۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى تەۋەسىدە چوڭ-كىچىك تاغ چوققىسىدىن 134 ى بار، دائىرىسى كەڭ تارقالغان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان تاغ چوققىسىدىن 22 سى بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىق بولغىنى قاراتىك تېغى.

قاراتىك تېغى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى بىر تارمىقى بولۇپ، شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا سوزۇلغان، غەربتە مەيدان تاغ بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقىي ئۇچتۇرپان، كەلپىن ناھىيەسى تەۋەسىگىچە سوزۇلغان بولۇپ، شەرقىي شىمالى ئاتۇش نىڭ شىمالى قىسىمىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، ئاقچى بىلەن تۇتاشقان چېگرا تاغ.

قاراتىك تېغى

قاراتىك تېغى ئاتۇش نىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بىر تەبىئىي توساق، 100 نەچچە كىلومېتىر ئارتۇق دائىرىگە سوزۇلغان، ئالدى بىلەن شىمالدىن كەلگەن سوغۇق شامال ھاۋا ئېقىمىنى توسۇپ تۇرغان، بۇنىڭ بىلەن ئاتۇش نى قار-مۇزلۇق سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاپ قالغان، مەيىن شامال، تۆت پەسلى ئېنىق بولغان ھاۋا كىلىماتى شەكىللەنگەن، شۇنىڭ بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى مېۋە-چېۋە ماكانى دەپ نام چىقارغان، مول بولغان بەش خىل دانلىق زىرائەتلىرى، تاتلىق مېۋە-چىۋىلىرى ۋە كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان خۇش پۇراق گۈللىرى بولغان.

بۇ قاراتىك تېغىنىڭ ئاتۇشلۇقلارغا بەخت ئېلىپ كەلگەن بىرىنچى تۆھپىسى. قاراتىك تېغى شەرق، شىمالنى كېسىپ ئۆتىدۇ، شىمالدىن كەلگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمىغا تاقابىل تۇرىدۇ، تاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئېتىكىدە ئۆزگىچە كىلىمات مۇھىتى يارىتىپ بەرگەن، مەڭگۈ ئۆزگەرتىش تەس بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت شەكىللەنگەن، يايلاق مەدەنىيىتى بىلەن بوستانلىق مەدەنىيىتىدەك ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، شۇنداقلا كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى بىلەن دېھقانچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئادىتى شەكىللەنگەن.

قاراتىك تېغى مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل ساياھەت رايونى بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ تاغ ئارىسىدا دېڭىز قۇلۇلىسىنىڭ تاشقا ئايلانغان بەلبېغى مۇھىم بولغان گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش تەتقىق قىلىش قىممىتىنى ھازىرلىغان، تېخىمۇ مۇھىمى تاغ ئارىسىدىكى كۆمۈلۈپ قالغان مول كان بايلىقى، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىغا ئايلانغان، ئۇنىڭدىكى قوغۇشۇن-سىنك كېنى، مىس كېنى قاتارلىقلارنىڭ ئېچىلغىنىغا كۆپ يىللار بولغان بولسىمۇ، يەنىلا زاپاس مىقدارى مول، تەبىئىي گازمۇ ئېچىلشقا باشلانغان ھەمدە قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋە قەشقەر بازىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغان.

قاراتىك تېغىدا چوققىلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، تاغنىڭ ھەممە يېرى غەلىتە تاشلار بىلەن قاپلانغان، جەنۇبىي تەڭرىتىغىنىڭ ساياھەت مەنزىرە رايونى. ساياھەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجى بويىنچە ئاپتوموبىللارنى خالىغانچە ھەيدەپ ساياھەت قىلالايدۇ، تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ گۈزەل مەنزىرىلاردىن ھوزۇرلىنالايدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#