تەرە قوغۇن

تەرە قوغۇن

تەرە قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ مەكىت ناھىيەسىدە ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ خىل سورتنىڭ ئۆسۈشى ئاجىز .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تەرە قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ مەكىت ناھىيەسىدە ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ خىل سورتنىڭ ئۆسۈشى ئاجىز ، ئاساسىي پىلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 266 سانتىمېتىر ، توملۇقى 16 سانتىمېتىر ، شاخلىنىشى ئاجىز ، پۈتكۈل ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلى 80 - 87 كۈن ئەتراپىدا ، پىشقاندىكى يەككە ئېغىرلىقى 3.6 كىلوگرام كېلىدۇ ، بۇ خىل سورت ساقلاشقا چىداملىق ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىز . 

چېچىكى 

بىرىنچى ئاتىلىق گۈل چېچىكى ئاساسى پىلەكنىڭ تۆتىنچى بوغۇمىدا ، بىرىنچى ئانىلىق گۈل چېچىكى ئاساسىي پىلەكنىڭ بەشىنچى بوغۇمىدىن چىققان يان پېلەكنىڭ بىرىنچى بوغۇمىدا ئۆسىدۇ. ئانىلىق گۈلى ئېچىلىپ 37 -40 كۈن بولغاندا مېۋىسى پىشىدۇ . گۈلى قوش جىنىسلىق . 

مېۋىسى 

تەرە قوغۇننىڭ شەكلى ئېللىپىسسىمان ، دىئامېتىرى 15 * 23.4 سانتىمېتىر ، مېۋىسى پىشقاندا مېۋە ساپىقى تەبىئىي ئۈزۈلىدۇ ، شاپاق رەڭگى بوز ، ئۈستىدە 10 تال يېشىل رەڭلىك تىلىم ئىزى ۋە يېشىل داغ شەكىللەندۇرگەن ، شاپىقىنىڭ قېلىنلىقى 0.58 سانتىمېتىر ، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 2.9 سانتىمېتر ، رەڭگى كاۋا چېچىكى رەڭ ، تالاسى كۆپ ، ئىسپىرىت تەملىك ، قەنت مىقدارى %11.2 -8.2 ئەتراپىدا.

ئۇرۇقى 

ئۇرۇقى سۇس سېرىق رەڭدە ، ئۇزۇنچاق ئېللىپىس شەكىللىك ، ئۇزۇنلۇقى 1.38 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 0.54 سانتىمېتىر، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 61.8 گرام كېلىدۇ .[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#