قۇش

قارلىغاچ

قارلىغاچ

قۇشقاچسىمانلار ئەترىتىدىكى قارلىغاچ ئائىلىسى 74 خىل قۇشلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر، ئاز ساندىكىلىرى مارتىن قارلىغىچى. 

باھار كېلىپ، تەبىئەت گۈل-چېچەككە پۈركەنگەندە، جەنۇبتىن ئۇچۇپ كەلگەن قارلىغاچلار ئالدىراش ھالدا ئۇۋا ياساشقا كىرىشىپ كېتىدۇ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق باھار مەنزىرىسىگە يېڭى ھۆسىن قوشىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى قارلىغاچ
لاتىنچە نامى Hirundo rustica
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
تۈركۈمى قۇشقاچسىمانلار ئەترىتى
خەنزۇچە نامى 燕子
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
كەنجى تىپى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى
كەنجى سىنىپى ھازىرقى قۇشلار كەنجى سىنىپى
كەنجى ئەترىتى تاغ تورغىيى كەنجى ئەترىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قارلىغاچقارلىغاچ قۇشقاچسىمانلار ئەترىتىدىكى قارلىغاچ ئائىلىسى 74 خىل قۇشلارنىڭ ئاتىلىشى، باھار كېلىپ، تەبىئەت گۈل-چېچەككە پۈركەنگەندە، جەنۇبتىن ئۇچۇپ كەلگەن قارلىغاچلار ئالدىراش ھالدا ئۇۋا ياساشقا كىرىشىپ كېتىدۇ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق باھار مەنزىرىسىگە يېڭى ھۆسىن قوشىدۇ. قارلىغاچ ئىچىدە ئۆي قارلىغىچى كۆپرەك ئۇچرايدۇ. ئۆي قارلىغىچى بىر خىل پەسىل قۇشى بولۇپ، باھاردا كېلىپ، كۈزدە كېتىپ ئالدىراش يۈرىدۇ. قارلىغاچ ناھايىتى كەڭ تارقالغان بولۇپ، كۈز پەسلىدە ئۇلار شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوكيانىيىنىڭ شىمالىدىكى بىر قىسىم جايلارغا بېرىپ قىشنى ئۆتكۈزىدۇ. باھاردا يەنە توپ-توپ بولۇپ ئېلىمىزگە قايتىپ كېلىدۇ. 

قارلىغاچ  شەكلى كىچىك، قانىتى ئۇچلۇق ھەم تار، پېتىنقى قۇيرۇقى قىسقا، پۇتى ئىنتايىن ئىنچىكە، پەيلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس. پەيلىرى يەككە رەڭلىك، ياكى تاسما مېتال پارقىراقلىقى بار بولغان كۆك ياكى يېشىل رەڭلىك؛ كۆپ ساندىكى تۈرىدىكىلىرىنىڭ ئىككى خىل خۇسۇسىيىتى ئىنتايىن ئوخشىشىپ كىتىدۇ. 

قارلىغاچقارلىغاچنىڭ بىر جۈپ تار قانىتى بار بولۇپ، ئاچا قۇيرۇق كېلىدۇ، قۇيرۇقى خۇددى قايچىغا ئوخشىشىدۇ. قارلىغاچنىڭ جۇغى ئۇنىڭ تېز ئۇچۇشىغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئېغىزى ياپىلاق ھەم كەڭ بولۇپ ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىنى ھاسىل قىلغان. ئېغىزىنى ئاچقاندا تۆت چاسا ھالەتكە كېلىدۇ. قارلىغاچنىڭ ئېغىزى ناھايىتى چوڭ ئېچلىدىغان بولغاچقا، ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ ئالدىغا كەلگەن ھەر خىل ھاشاراتلارنى ئوڭايلا تۇتۇۋالالايدۇ. قارلىغاچلارمۇ نۇرغۇن ۋاقىتىنى بوشلۇقتا زىيانداش ھاشاراتلەرنى تۇتۇشقا سەرپ قىلىدۇ، ئەڭ جانلىق بولغان قۇشقاچسىمانلار تۈردىكىلەرنىڭ بىرى، ئاساسلىقى پاشا، چىۋىن قاتارلىق ھاشاراتلارنى ئاساسلىق ئوزۇقى قىلىدۇ، نامى ھەممىگە مەشھۇر بولغان پايدىلىق قۇشلاردۇر.  ئۇ دەرىخ كاۋىكى ياكى دەرەخ كۆنەكلىردىكى، ياكى قۇم قىرغاقلىرىدىكى تۇرۇپ قالغان ياغاچ، ياكى شەھەر-يېزىلاردىكى لاي ۋىسكوپلاستىكلىق كارىدور، ئۆگۈزلۈك، سەر قەلەم قاتارلىق دەرەخلەرنىڭ چوقچىيىپ چىقىپ تۇرغان قىسمىغا ئۇۋا ياسايدۇ. ھەر قېتىم ئۈچتىن يەتتىگىچىلىك ئەتراپىدا تۇخۇملايدۇ. قارلىغاچ ھەقىقەتەن ھاشارات تۇتۇش ماھىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكلىرى ئىچىدە پاشا، چىۋىن، قارىغۇ چېرىپاشكا، ماي قوڭغۇزى، يوپۇرماق پىتى قاتارلىق دېھقانچلىق زىرائەتلىرىگە زىيانلىق زىرائەتلىرىگە زىيانلىق ھاشاراتلار بار. قارلىغاچنىڭ ھاشارات تۇتۇش جەھەتتىكى نەتىجسى ئىنتايىن گەۋدىلىك. 

قارلىغاچ  يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا، كۆپىنچە ھاللاردا زىيانداش ھاشاراتلارنى دېھقانچىلىق دورىسى ئارقىلىق يوقتىشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئۇسۇل قوللىنىلىپ كەلگەن. لېكىن بۇنداق قىلغاندا مۇھىت بۇلغىندۇ، ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ھەر قايىسى دۆلەتلەر زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتىشتا بىئولوگىيىلىك ئۇسۇلنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. قارلىغاچ زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ دۈشمىنى، ئىنسانلارنىڭ دوستى. شۇڭا، بىز قارلىغاچلارنى ياخشى قوغداپ، ئۇلارنى ئىنسانلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ستاتسىتىكا قىلىنىشىچە، بىر جۈپ قارلىغاچ بىلەن ئۇلارنىڭ بالىلىرى يېرىم يىل ئىچىدىلا 500 مىڭدىن 1 مىليونغىچە زىيانداش ھاشاراتنى تۇتىدىكەن. بۇ سان ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.[0]

 

  

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#