لى گوخاۋ دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. لى گوخاۋ ()
  2. لى گوخاۋ (گۇمپا شاھى لى شياۋلوڭنىڭ ئوغلى)

لى گوخاۋ

«ئاسما كۆۋرۈك لى» - گېرمانىيە كۆۋرۈك ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر كۆۋرۈك قۇرۇلۇش مۇتەخەسسىسى لى گوخاۋ  (1913-) نى تەرىپلەپ ئاتىشى. لى گوخاۋ ئوتتۇرىغا قويغان ئاسما كۆۋرۈكنىڭ بېسىمغا ئۇچرىشىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى قىيىنراق بولسىمۇ، لېكىن ئىنچىكىلىك دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئۆسكەچكە، قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش باھاسىنى تۆۋەنلەتكىلى، كۆۋرۈكنىڭ مۇقىملىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى لى گوخاۋ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2005-يىل 2-ئاينىڭ 23-كۈنى
خەنزۇچە ئىسمى 李国豪
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1913-يىل 4-ئاينىڭ 3-كۈنى
كەسپى ئاممىۋى بىناكارلىق، قۇرۇلۇش ئۇستىسى، كۆۋرۈك لايھەلەش مۇتەخەسسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لى گوخاۋ گۇاڭدۇڭنىڭ مېيشەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1936-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن تۇڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن، 1938-يىلى گېرمانىيە گە ئوقۇشقا بېرىپ، 1940-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. لى گوخاۋ ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئۆزگىچە ئىنچىكە ھەم سىستېمىلىق ھېسابلاش نەزەرىيەسى ئاسما كۆۋرۈكنىڭ قانچىلىك بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى ھېسابلاش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ياۋروپا كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغان، ئۇلار لى گوخاۋنى «ئاسما كۆۋرۈك لى» دەپ ئاتىغان.

شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بىر قاتار يېڭى تەتقىقات تېمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئون نەچچە پارچە مۇھىم ئىلمىي ماقالىنى ئېلان قىلىپ، كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى ساھەسىنىڭ ئىلمىي نەزەرىيە خەزىنىسىنى زور دەرىجىدە بېيىتتى.

1946 -يىلى، لى گوخاۋ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تۇڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالدى، ئۇ ئالدىراش مەمۇرىي ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتىدىن باشقا ۋاقىتلىرىدا، كۆۋرۈك ئىلمى تەتقىقاتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، نەچچە ئون پارچە مۇھىم ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. لى گوخاۋ دائىم ئىشلىتىلىدىغان بېتون كۆۋرۈك قۇرۇلمىسىدا، نورمال تەسەۋۋۇرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ھېسابلاش ئۇسۇلى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، بۇ «لى گوخاۋ نەزەرىيەسى» دەپ ئاتىلىپ، خەلقئارا كۆۋرۈك ساھەسىدە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلدى.

 1957-يىلى، ۋۇخەن-چاڭجياڭ كۆۋرۈكى پۈتكەندىن كېيىن، قاتناش باشلىنىدىغان كۈنى نەچچە 10 مىڭ ئادەم كۆۋرۈككە چىقىۋالغاچقا كۆۋرۈك سىلكىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەردە كۆۋرۈكنىڭ پۇختىلىقىغا گۇمان پەيدا بولىدۇ. چېڭدۇ-كۇنمىڭ تۆمۈريول كۆۋرۈكىنى لايىھىلەش تەتقىقاتى ۋە نەنجىڭ-چاڭجياڭ كۆۋرۈكىنى ياساشقا تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن لى گوخاۋنىڭ بۇ مەسىلىنى ئويلىنىدىغان ۋاقتى يوق ئىدى. 1966-يىلغا كەلگەندىلا، ئىنتايىن مۈشكۈل شارائىتتا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، 1973-يىلى 100 نەچچە مىڭ خەتلىك «كۆۋرۈك لىمىنىڭ تولغانما نەزەرىيەسى − لىملىق كۆۋرۈكنىڭ تولغىنىشى، مۇقىملىقى ۋە تەۋرىنىشى» (1975-يىلى نەشر قىلىنغان) دېگەن ئەسەرنى يېزىپ، كىشىلەر توپى قىستاڭچىلىقى بولمىسىلا كۆۋرۈكنىڭ سىلكىنمەيدىغانلىقىنى نەزەرىيە جەھەتتىن ئىسپاتلاپ چىقىدۇ، كۆۋرۈكنىڭ مۇقىملىقىدا مەسىلە يوق دېگەن يەكۈننى چىقىرىپ، لىملىق كۆۋرۈكنى لايىھەلەش، ياساشنى ئىشەنچلىك نەزەرىيىۋى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.

لى گوخاۋنىڭ زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى سەۋەبىدىن، خەلقئارا كۆۋرۈك ۋە قۇرۇلما ئىنژېنېرىيەسى جەمئىيىتى ئۇنى 1981-يىلى ئون نەپەر خەلقئارا مەشھۇر كۆۋرۈك مۇتەخەسسىسىنىڭ بىرى قىلىپ كۆرسىتىدۇ. 

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#