تۆمۈريول

تۆمۈريول

تۆمۈريول ھارۋا يولىدىن تەرەققىي قىلغان. 16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەنگلىيىدە كۆمۈر ۋە رۇدا توشۇش ئۈچۈن، ياغاچتىن رېلىس ياساپ، ھارۋىنى ئاتقا سۆرەتكەن.

ئۇيغۇرچە نامى تۆمۈر يول
چەتئەلچە نامى railroad
خەنزۇچە نامى 铁道

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۆمۈريولتۆمۈريول ھارۋا يولىدىن تەرەققىي قىلغان. 16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەنگلىيىدە كۆمۈر ۋە رۇدا توشۇش ئۈچۈن، ياغاچتىن رېلىس ياساپ، ھارۋىنى ئاتقا سۆرەتكەن. 1825-يىلى ئەنگلىيە دارلىنگتون تۆمۈريولى تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، ھارۋا ئورنىغا ستىفانسون ھور پاراۋوزى ئىشلىتىلىپ، ھارۋا تىجارەتچىلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1829-يىلىغا كەلگەندە، ستىفانسوننىڭ ئوغلى ئۆزگەرتىپ ياسىغان «راكېتا» پاراۋوزى ئات ھارۋىسى بىلەن بەسلىشىشتە ئۇتۇپ چىققاندىن كېيىن، پويىز رېلىسلىق ئات ھارۋىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، ئەنگلىيە ھەقىقىي تۆمۈريول دەۋرىگە كىرگەن.

تۆمۈريول شېغىل يولنىڭ ئۇلى قىلىنىپ، شىپالغا ئىككى رېلىس پاراللېل ياتقۇزۇپ ياسىلىدۇ. رېلىسلار ئارىلىقىدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەملىك كەڭلىك بولىدۇ. خەلقئارا ئۆلچەملىك رېلىس ئارىلىقى 1435 مىللىمېتىر. شىپالغا كۆپىنچە ياغاچ ئىشلىتىلىدۇ، خىمىيىلىك چىرىشتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللىنىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 30 يىلدىن ئاشىدۇ. ياغاچ قىممەت بولغانلىقتىن، ئېلىمىز ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەر بېتون شىپال ئىشلىتىدىغان بولدى، پولات شىپال ئىشلىتىدىغانلارمۇ بار. ھازىرقى تۆمۈريول رېلىسلىرىنىڭ تېگى تەكشى بولۇپ، توغرا كەسمە يۈزى T شەكىللىك بولىدۇ. ئادەتتە تۆمۈريولغا 5.12 مېتىر ياكى 50 مېتىرلىق رېلىسلار ياتقۇزۇلىدۇ. پويىزنىڭ سىلىق مېڭىشى ۋە شاۋقۇننىڭ تۆۋەن بولۇشى ئۈچۈن، ھازىر كەپشەرلەپ چېتىلىدىغان ئۇزۇن رېلىسلار بارلىققا كەلدى. ئۇنىڭدا ئاۋۋال ئۆلچەملىك رېلىسلار كەپشەرلىنىپ 400 مېتىرلىق رېلىس قىلىنىدۇ، ياتقۇزۇلغاندا، يەنە كەپشەرلەپ چېتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى نەچچە كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

تۆمۈريولنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى يۆنىلىش توغرىلاش خۇسۇسىيىتى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، چاقىنىڭ رېلىسقا سۈركىلىشى بەكمۇ ئاز بولغانلىقتىن، قۇۋۋىتى ئوخشاش ئەھۋالدا، پويىزنىڭ يۈك كۆتۈرۈشچانلىقى ئاپتوموبىلدىن 10 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. 

تۆمۈريولتۆمۈريولنىڭ باشقا توشۇش قوراللىرىغا قارىغاندا ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكلىرى بار:

 بىرىنچى، يۈك مىقدارى چوڭ، ئەگەر بىر پويىزغا 15 ۋاگون چېتىلسا، ئۇنىڭ توشۇش مىقدارى 200 چە ئاپتوموبىلنىڭكىگە باراۋەر بولىدۇ؛ ئىككىنچى، پويىزنىڭ يۈرۈشى تېز، كىلىمات تەسىرىگە ئاز ئۇچرايدۇ؛ 

ئۈچىنچى، زور تىپتىكى ئەسلىھە ۋە ماللارنى باسقىلى ۋە توشۇغىلى بولىدۇ؛

 تۆتىنچى، يىراققا توشۇغىلى بولىدۇ، تۆمۈريول ياتقۇزۇلغانلا بولسا، كېچە-كۈندۈز دېمەي توشىۋېرىدۇ. ئەمما، قىسقا مۇساپىلىك توشۇشتا يەنىلا ئاپتوموبىلنىڭ تەننەرخى تۆۋەن ۋە جانلىقراق بولىدۇ. 

جۇڭگودا ئەڭ بۇرۇن پويىز قاتناپ تىجارەت قىلغان تۆمۈريول1876-يىلى ئەنگلىيىنىڭ يىخې فېرمىسى شاڭخەيدە قۇرغان ۋۇسۇڭ-شاڭخەي تۆمۈريولىدۇر. بۇ تار رېلىسلىق تۆمۈريول بولۇپ، كېيىنكى يىلى چۇۋۇپ تاشلانغان. 1881-يىلى تاڭشەندىن شۈگېجۇاڭغىچە قۇرۇلغان تاڭشەن-شۈگېجۇاڭ تۆمۈريولى ئېلىمىزدىكى ئۆلچەملىك رېلىسلىق تۆمۈريولدۇر.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#