ساغادى ئويۇنى

ساغادى ئويۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي مىللىي ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى. 

ئاتىلىشى ساغادى
تەۋە تۈر خەلق ئويۇنى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 萨哈迪
باشقا نامى 空中转轮秋千

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ساغادى ئويۇنى

ساغادى بولسا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەنئەنىۋىي ئويۇنلىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئىنتايىن ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە. ئۇ ئىلەنگۈچ ئويۇنىدىن تەرەققىي قىلغان ئويۇن بولۇپ، ئىلەنگۈچ بولسا ئالدى-كەينى ئىككى تەرەپكە تەۋرىنىدۇ، بىراق ساغادى بولسا بىر ئوقنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدۇ. 





ساغادى ئىككى دانە ئەنگۈچ، بىر دانە خادا، بىر دانە چاق، بىر دانە توغرا ياغاچتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، 10-15مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر دانە خادىنىڭ ئۇچىغا بىر دانە چاق تىك ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، چاقنىڭ ئىككى تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىغا ئىككى دانە ئوخشاش ئۇزۇنلۇقتىكى ئىلەنگۈچ ئورۇنلاشتۈرىلىدۇ، توغرا ياغاچ يەر يۈزىدىن سەكسەن سانتىمېتىردىن بىر مېتىر ئېگىزلىككىچە گورېزىنتال يۆنىلىشتە  خادىنىڭ ئۇچىغا ئورنىتىلغان چاقنىڭ ئوققا يېقىن قىسىمىغا ئارغامچە ئارقىلىق ئېسىلىپ، تۆۋەندىن توغرا ياغاچنى ھەرىكەتلەندۈرگەندە خادىنىڭ ئۈستىدىكى چاقنى ھەرىكەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئىككى ئادەم ئىككى ئىلەنگۈچكە چىققاندىن كېيىن (ئويۇن ئوينىغۇچىلار ئۆز ماھارىتىگە ئاساسەن ئولتۇرسىمۇ، ئۆرە تۇرسىمۇ ۋە ئېسىلىپ تۇرسىمۇ بولىدۇ)، بىر قانچە قاۋۇل كىشى توغرا ياغاچنى ئاۋۋال ئاستا ئايلاندۇرىدۇ، خادىنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان چاقمۇ ھەرىكەت قىلىپ، ئىلەنگۈچ ئايلىنىشقا باشلايدۇ، ئىلەنگۈچنىڭ ئايلىنىش تېزلىكى ئاشقانسېرى، تۆۋەندىكى توغرا خاتا تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ئايلاندۇرۇلىدۇ.


«ساغادى» سۆزىنىڭ ئەسلى توغرا ئاتىلىشى «سارغايدى» بولۇپ، ساغادى ئويۇنى ئوينىغۇچىلار ساغادىدا ئۇچۇپ، مەركەزدىن قاچما ھەرىكەت تۈپەيلىدىن ئىلەنگۈچ گورېزونتال ھالەتكە كەلەەندىن كېيىن، ساغادىغا چىققان بىر قىسىم تېنى ئاجىز كىشىلەرنىڭ چىرايى سارغىيىپ تاتىرىپ كېتىدۇ، بەزىدە ھەتتا تېز سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقان ساغادىنى توغرا كالتەكنى ئىتتىرگۈچىلەر تېز سۈرئەتتە توختىتىۋالغاندا چاق توختاپ، ئىلەنگۈچ ئېنىرتسىيە تۈپەيلىدىن داۋاملىق ئايلىنىدۇ دە خادىغا يۆگىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ساغادى ئۈستىدە تۇرغان كىشى نەچچە سوقۇلۇپ، چىرايى تولۇق سارغىيىپ چۈشىدۇ، بەزىدە ھەتتا ئىلەنگۈچتە چىڭ تۇرالماي نەچچە ئون مېتىر يىراققا ئۇچۇپ كېتىپ، ئۇستىخانلار سۇنىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا چىراي سارغايدى دېگەندىكى «سارغايدى» سۆزى بىلەن ئاتىلىپ، كېيىن چە تەلەپپۇز جاريانىدا «سارغايدى» سۆزىدىكى «ر» تاۋۇشى چۈشۈپ قېلىپ، «ساغادى» دەپ ئاتالغان.

ساغادى ئويۇنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەكىت ناھىيىسى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان بولۇپ، بۇ ئويۇننى ئوينايدىغانلارنىڭ ياش چەكلىمىسى بولمايدۇ، ئوغۇللارمۇ قىزلارمۇ ئوينىسا بولىۋېرىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#