چىچاڭخو بازىرى
چىچاڭخو بازىرى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى نىڭ شەرقىي شىمالغا 42 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پۈتۈن بازاردا شەھەرگە قاراشلىق ئورۇن 37 گە يەتكەن، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ 3، مەسچىت يەتتە، كاتولىك دىنى چېركاۋىدىن بىرى بار. بازارغا قاراشلىق ئىككى يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي كەنت، ئۈچ مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى بار. پۈتۈن بازاردا 3300 مو تېرىلغۇ يەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆلىمى 2950 مو، باغ كۆلىمى 330 مىڭ موغا يەتكەن.
سانائەت بىلەن ئۇنىۋېرسال بازاردا سانائەتتە كۆمۈر، خىمىيە سانائىتى، تۆمۈر تاۋلاش بازغانلاش ئاساس قىلىنغان، يېزا ئىگىلىكىدە ئۈزۈم، ياڭاق ئاساس قىلىنغان. 3-كەسىپتە ساياھەتچىلىك ئاساس قىلىنغان، قارا يۈزى ياڭاق ئىستىراھەت ساياھەت بەلبېغى، بۇيلۇق مەنزىرە رايونى، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ساياھەت لىنىيىسى بار. 2004-يىلى بازار بويىچە مەھسۇلات قىممىتى 250 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
قېزىلما بايلىقى
ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، نېفىت، مايلىق سلانېتس، مىس، قوغۇشۇن، سىنىك، سترونتىسىي، ئالتۇن، ئۇششاق تاش، تۇز، گۈڭگۈرت، ھاك تاش، تاش مۇم، فارفۇر توپىسى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە كۆمۈر زاپىسى پۈتۈن كۆمۈر زاپىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگەللىگەن.
چىچاڭخو بازىرىنىڭ كان بايلىقى مول بولۇپ، قېزىشقا قۇلايلىق، مېتال كېنىدىن ئاساسلىقى تۆمۈر، مىس، ئالتۇن، قوغۇشۇن، سىنىك، مېتاللوئىد، كۆمۈر، نېفىت، ئۇششاق تاش، چىنە توپىسى، سېلېسى، سىڭىر تاش قاتارلىقلار بار، بۇنىڭ ئىچىدە زاپىسى بىر قەدەر كۆپ بولغىنى كۆمۈر، تاش مۇم قاتارلىقلار.
چىچاڭخو بازىرى پىچان بازىرىنىڭ ئىچكى قۇرۇقلىقىغا جايلاشقان، تاغ ئېگىز، قار قاپلاپ تۇرىدۇ، قىش پەسىلى قاتتىق سوغۇق، ياز پەسلى سالقىن ھەم قىسقا، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃ 6.5، كىلىماتى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى چۆل كىلىماتىغا تەۋە، تاغلىق كىلىمات ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.
قۇياش ئېنېرگىيە مەنبەسى مول، پۈتۈن يىللىق قۇياش رادىئاتسىيىسىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 133.9 كىلوكالورىيە/ كۋادرات سانتىمېتىر. سۇ رايى تىپىك قۇرغاق قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى سۇ رايى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى غەربىي شىمالى قىسمىدا 220.3 مىللىمېتىرغا، ئوتتۇرا قىسمىدا 162.8 مىللىمېتىرغا، شەرقىي قىسمىدا 112.4 مىللىمېتىرغا يەتكەن، ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز، قار سۈيى كۆپ. ئىسسىقلىق بايلىقى بىر قەدەر كەمچىل، ئىسسىقلىقنى خالايدىغان زىرائەتلەر ئۆسەلمەيدۇ، سوغۇققا چىداملىق زىرائەتلەر كۆپ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.