تۈلكە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تۈلكىنىڭ جۇغى كىچىك، ئىنچىكە، بەدىنى تۈكلۈك، تۈكلىرى ئۇزۇن ھەم توم. قۇلاق قىسمى ۋە پۇتى قارا بولۇپ، قۇلىقى ئۇچلۇق ھەم چوڭ بۇلۇپ ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك ھالاتتە تىك تۇردۇ. قۇيرۇقى يۇمران سەل ئاق رەڭدە پاخپايغان ھالەتتە بۇلدۇ. تەقى-تۇرقى ئىت بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بەدىنىدىكى يۇڭنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى تىۋىتى ئادەتتە قېنىق قوڭۇر رەڭدە ياكى ئېسىل ئاق رەڭلەردە. كۆزلىرى قاراڭغۇلۇققا ماسلاشقان قارچۇقى ئېللىپسسىمان شەكىلىدە بولۇپ كېچىدە چاقناپ تۇرىدۇ. ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى تۈلكىلەرنىڭ رەڭگى ئوخشىمايدۇ.[0]
تۈلكە ياۋا توشقان، قۇش قاتارلىق ئولجىلارنى بايقىغاندا، ئۇلارغا دەرھال قول سالماستىن، بەلكى يالغاندىن كارى بولمىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، نۇرغۇن غەلىتە ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ-دە، ئولجا ئۇنىڭ قىلىقلىرىغا قىزىقىپ كېتىپ، ھوشيارلىقىنى يوقىتىپ قويغاندا ئاندىن ئۇ ئويۇنىنى داۋاملاشتۇرغاچ، ئاستاغىنە ئولجىغا يېقىنلىشىپ، نەچچە مېتىرلا ئارىلىق قالغاندا شىددەت بىلەن ئېتىلىپ بېرىپ ئولجىنى تۇتۇۋالىدۇ.
تۈلكەئۇنىڭ فىزىئولوگىيىلىك قۇرۇلما جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى شۇكى، كۆزى كېچىدە چاقناپ تۇرىدۇ، تۈن پەردىسى تارتىلغان دالىدا بىر نەچچە تۈلكە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسا، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى چاقناپ، كىشىنىڭ قورققىسنى كەلتۈرىدۇ.
تۈلكىنىڭ يەنە بىر ھۈنىرى يالغاندىن ئۆلگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىش. ئۇ تاپخور قاغىنى بايقىغاندا، يەردە ئۆلۈكتەك مىدىر-سىدىر قىلماي يېتىۋېلىپ، قاغىنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈپ بېقىشىنى ساقلايدۇ. قاغا ئۇنى چوقۇپ بېقىپ، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن «ئۆلۈك تۈلكە» ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ بولۇپ، خاتىرجەم ھالدا يېيىشكە باشلىغاندا، تۈلكە شاپپىدە ئورنىدىن تۇرۇپ قاغىنى تۇتۇۋالىدۇ-دە، مەززە قىلىپ يەۋالىدۇ.
تۈلكە ناھايىتى سەزگۈر ۋە ھىيلىگەرلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆي قۇشلىرىنى ئوغرىلىقچە ئوۋلىغاندىن كېيىنكى قېچىش ماھارىتى ناھايىتى ئۈستۈن بولۇپ، ئوڭايلىقچە تۇتۇلۇپ قالمايدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.