سىگنالچى ئايروپىلان
سىگنالچى ئايروپىلان رازۋېدكا، مۇداپىئە، قوماندانلىق قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى تېز سۈرئەتتە توغرا ئورۇندايدۇ، بەزىلىرىنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىمۇ بار. دۈشمەننىڭ دەخلى-تەرۇزىغا ئۇچرىغاندا، خۇددى ئادەتتىكى كۈرەشچى ئايروپىلانلارغا ئوخشاش، ھۇجۇم قوزغاپ دۈشمەننى يوقىتىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سىگنالچى ئايروپىلاننىڭ دۈمبىسىدە گۈمبە شەكىللىك يۇمىلاق تەخسە بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلغار ئېلېكترونلۇق رازۋېدكا ئۈسكۈنىسى − دۈشمەن بىلەن ئۆزنى پەرقلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى ۋە نازۇكلۇق دەرىجىسى يۇقىرى، سانلىق مەلۇماتلارنى يۇقىرى سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلالايدىغان بىر يۈرۈش كومپيۇتېر سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇ جەڭ داۋامىدا، خۇددى ئۇچۇۋاتقان زور ئىمارەتتەك، ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇزاق مۇددەت توختىيالايدۇ. ئىلغار ئېلېكترونلۇق رازۋېدكا ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ھەرقانداق كىلىمات شارائىتىدا، 900 كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى نىشاننى تەكشۈرەلەيدۇ، بىرلا ۋاقىتتا 100 گە يېقىن، ھەتتا نەچچە 100 نىشاننى ئىز قوغلىيالايدۇ ھەم يەر يۈزىدىكى تانكا، زەمبىرەكلەرنىڭ يۆتكىلىشى، دېڭىزدىكى پاراخوتلارنىڭ ھەرىكىتى ۋە ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارغا دائىر ئىشلارنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈپ كومپيۇتېر سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىدۇ، يەر يۈزىدىكى قىسىملار سىگنالچى ئايروپىلاندىن دۈشمەن بىلەن ئۆزىمىزگە دائىر ئەھۋاللارنى ھەر ۋاقىت توپلاپ، تاكتىكىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، دۈشمەنگە دەل ۋە قاتتىق زەربە بېرەلەيدۇ.
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى سىگنالچى ئايروپىلاننى ئەڭ بۇرۇن تەتقىق قىلىپ ئىشلىگەن ۋە جابدۇندۇرغان. 1945-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۇلار A1-C كىچىك تىپتىكى ترانسپورت ئايروپىلانىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا يېڭى تىپتىكى ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرغان، 1948-يىلى3-ئايدا سىناق ئۇچۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، نامىنى B1-E «ئىز قوغلىغۇچى» دەپ بېكىتكەن، بۇ دۇنيا بويىچە پاراخوتقا سېلىنغان تۇنجى سىگنالچى ئايروپىلان. 1949-يىل 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ قۇرۇقلۇقتىن ئۇچىدىغان چوڭ تىپتىكى سىگنالچى ئايروپىلانى بارلىققا كەلدى.
ھازىر دۇنيا بويىچە بىرقەدەر ئىلغار سىگنالچى ئايروپىلانلاردىن ئەنگلىيىنىڭ «ئوۋ مەستانىسى» سىگنالچى ئايروپىلانى، روسىيىنىڭ «مۇخ» سىگنالچى ئايروپىلانى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ C2-E «قارچىغا كۆزى» سىگنالچى ئايروپىلانى بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.