ئافرىقا پىلى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئافرىقا پىلى سەھرايى كەبىر چۆللۈكىنىڭ جەنۇپ تەرىپىگە تارقالغان بۇلۇپ، ئىنسانلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى دىھقانچىلىق يەرلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئافرىقا پىللىرىنىڭ ياشاش مۇھىتى پەقەت دۆلەت باغچىلىرى، ۋە بىر قىسىم قوغدىلدىغان ئورمانلارغىلا مەركەزلىشىپ قالغان. ئافرىقا پىلىنىڭ يېتىلگەنلىرى ناھايتى كۈچلۈك كېلىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى 4 توننىدىن يۇقىرى بۇلۇپ چوڭلىرى 10 توننىغا يېقىنلىشىدۇ. ئافرىقا پىلىنىڭ يېتىلگەنلىرى ناھايتى كۈچلۈك كېلىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى 4 توننىدىن يۇقىرى بۇلۇپ چوڭلىرى 10 توننىغا يېقىنلىشىدۇ.
ئافرىقا پىلى قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ چوڭ سۈت ئەمگۈچى ئوتخۇر ھايۋان بۇلۇپ، ئاساسەن ھەرخىل ئوتلارنى دەرەخ ئۇچىدىكى يوپۇرماقلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. ئانا پىلنىڭ قورساق كۆتۈرۈش ۋاقتى 22 ئاي، (سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن) 4-9 يىلدا بىر قېتىم بىرنىلا تۇغىدۇ، بالا پىلىنىڭ ئېغىرلىقى 75-113 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولىدۇ، 3-4 ياشقا كىرگىچە ئانىسىنىڭ سۈتىنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، 8-10 يىل ئانىسى بىلەن ياشايدۇ.
يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە ئافرىقا پىلى 2 تۈرگە بۆلىندۇ، بىرخىلى ئوتلاق پىلى يەنە بىر خىلى ئورمان پىلى. كۆپ ئۇچرايدىغان ئافرىقا ئوتلاق پىلى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۈت ئەمگۈچى ھايۋان، قۇلىقى ناھايتى يوغان بۇلۇپ پەسكە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، مەيلى ئەركەك ئافرىقا پىلى بولسۇن ياكى چىشى ئافرىقا پىلى بولسۇن ئىككىسىدىلا ئۇزۇن ۋە ئەگىمەش كەلگەن پىل چىشى بولىدۇ. مىجەزى قوپال بۇلۇپ باشقا ھايۋانلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئافرىقا ئورمان پىلىنىڭ قۇلىقى يۇمىلاق تېنى بىر قەدەر كىچىك، ئادەتتە ئېگىزلىكى 2.5 مېتىر دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئالدى پۇتىدا 5 بارمىقى كەينى پۇتىدا 4 بارمىقى بار بۇلۇپ ئاسىيا پىلى بىلەن ئوخشاش، ئافرىقا ئورمان پىلى بىلەن ئوتلاق پىلىنىڭ ئوخشىمىغان ئىرسىيەت ئامىلى بار، ھەم ئىككىسى ئوخشاش ئۇرۇققا مەنسۈپ ئەمەس. ئورمان پىلى قۇملۇقتا ياشاشقا تېخىمۇ ماس كەلگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئوكيان قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.