يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى

يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى

يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى بولسا ئۆسۈملۈك يۇمغاقسۈتنىڭ ئۇرۇقى بولـۇپ،ئەسلى ئۆسۈملۈكى يۇمغاقسۈت (Coriandrum Satiwun) دىن ئىبارەت بۇلۇپ، تىنچلاندۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش قىزىتما قايتۇرۇش، سۇلۇق ئىششىقلرنى تارقىتىش، قان توختىتىش، قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى
ئەرەبچە نامى بەزىزۇل كەشنىز
ئىنگلىزچە Seed Coriander
شەكلى يۇمـۇلاق، رەڭـگى ئاچ سـېـرىـق
تەمى تەمـى ئاچـچـىـق،
خەنزۇچە ئاتىلىشى 芫荽实
پارسچە نامى تۇخۇمى كەشنىز
ئوردۇچە نامى روھنياكى بيج
جىسمى پۇراقلىق كېلىدۇ.
چىقىش ئورنى شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدىن چىقىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىيۇمغاقسۈت ئۇرۇقى بولسا  ئۆسۈملۈك يۇمغاقسۈتنىڭ ئۇرۇقى بولـۇپ،ئەسلى ئۆسۈملۈكى يۇمغاقسۈت (Coriandrum Satiwun) دىن ئىبارەت بۇلۇپ،  يۇمـۇلاق، رەڭـگى ئاچ سـېـرىـق، پۇراقلىق كېلىدۇ. تەمـى ئاچـچـىـق،مېۋىسى كۈز پەسلىدە پىشقاندا پۈتۈن شېخى بىلەن ئورىۋېلىپ يىغۋىلىنىدۇ، شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدىن چىقىدۇ. 

سەپرا، قاننىـڭ ئۆتكۈرلۈكىـنـى تەڭشـەش، ياللـۇغ قايتـۇرۇش، ئىچـى سۈرۈشنى توختىتىش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، مېڭە ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، تىنچلاندۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش قىزىتما قايتۇرۇش، سۇلۇق ئىششىقلرنى تارقىتىش، قان توختىتىش، قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

غەيرى تەبىئى قان خىلىتىنى تەڭشىگۈچى دورا.

ئەكىس تەسىرى

باھقا زىيان قىلىدۇ.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى

ئاشـقازان، ئـۈچەي بـەزلـىـرىـينـىـڭ ھەزىـم سۇيـۇقـلـۇقـىـنىـڭ ئاجىـرىـتىلىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تەركىبىدىكى ئۇچۇچان ماي زامبۇرۇغلارنى تورمۇزلايدۇ. ھەم يۆتەل پەسەيتىدۇ. بەلغەم بوشىتىدۇ. ئۆپكە ياللۇغى شارسىمان باكتېرىيىسىنى، ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسىنى تورمۇزلايدۇ.

تەخمىنەن%1.4 گىچە ئۇچۇچان ماي%29 ماي، كامفورا (Campora)، دىپنىن، لىنالى ئاتىستان، بوزىلى ئاتىستان قاتارلىقلار بار.

يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى1. يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىنى قاينىتىپ ئىچسە قانلىق ئىچى سۈرۈش، ھېيىز كۆپ كېلىشنى توختىتىدۇ.

2. سەندەل، روم بەدىيان، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ سىپوپ تەييارلاپ ئىچسە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ.

3. يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىدىن10 گرام ئېلىپ يۇمشاق ئېزىپ يىرىڭلىق جاراھەتكە سەپسە قان توختىتىدۇ.

4. يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىنى سوقۇپ شېكەر قوشۇپ يېسە كۆز ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

5. يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىنى ئاق سەندەل، قىزىل سەندەل، گاۋزىبان قاتارلىق دورىلاردىن 10 گرامدىن ئېلىپ چالا سوقۇپ چايلىق قىلىپ ئىستېمال قىلسا مېڭە ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

6. يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، شوخلا، شاھتەررە، شاتوت قاتارلىقلاردىن10 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ

دورىلىق ئورنى

ئۆسۈملۈك يۇمغاقسۈتنىڭ ئۇرۇقى .

مىقدارى

 2–14 گرامغىچە.

ساقلاش

قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

ئىللىتىلغان تۇخۇم

ئورۇنباسارى

ئوسۇڭ ئۇرۇقى، كۆكنار ئۇرۇقى.

 ئىتتىرفىل كەشىنىز، تەرياقى نەزلە، سىپوپى كەشنىز، 

يۈرەك چالاڭغۇراش، مېڭە، يۈرەك، ئۈچەي ئاشقازان ئاجىزلىقى، گال ئاغرىقى، باش قېيىش، قانلىـق ئىچـى سۈرۈش، ھېيىـز كـۆپ كېـلىـش، يۈرەك رېتىمسىزلـىقـى، كۆز قاراڭغۇلۇشۇش، ھـەر خىـل سـۇلـۇق جاراھەتلەر ۋە ئىششىقلار، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، كۆز ئاغرىقى، تاماق سىڭمەسلىك قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)

  ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي .[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=132

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#