Xbox360

Xbox360 دېگىنىمىز مەخسۇس ئويۇن ماشىنىسى بولۇپ، دۇنيا يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى گىگانت - Microsoft شىركىتىنىڭ 2-ئەۋلاد ئويۇن ئويناش ماشىنىسى.

ئۇيغۇرچە نامى Xbox360
بازارغا سېلىنغان ۋاقتى 2005-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان ۋاقىت 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى
خەنزۇچە ئاتىلىشى xbox360
چەتئەلچە نامى Xbox 360

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

Xbox360Xbox360 نىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى ئويۇن ئويناش، كۆڭۈل ئېچىشتۇر. 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى مىكروسوفتنىڭ Kinect نى ئېلان قىلىشى بۇ ماشىنىنىڭ ئويۇن ئويناش، كۆڭۈل ئېچىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئويۇن ماشىنىسى 7 ياشتىن 70 ياشقىچە ھەممە ئادەم ياقتۇرىدىغان مەھسۇلاتقا ئايلاندى.

2012-يىلى 10-ئايدا Xbox360  نىڭ پۈتۈن دۇنيادا يىللىق سېتىلىش مىقدارى 70 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. Kinect بولسا Xbox360  كە سەپلىنىدىغان ئايرىم ئۈسكۈنە بولۇپ، باھاسى 800 يۈەن ئەتراپىدا بولغان.

بەدىنىڭىز بىلەن ھەرىكەت قىلىپ ئويۇندىكى پېرسوناژلارنى باشقۇرىسىز. قولىڭىزغا بىرەر نەرسە تۇتۇشىڭىزنىڭ، بەدىنىڭىزگە بىرەر ئۈسكۈنە كىيىشىڭىزنىڭ ياكى تاقىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئويۇننىڭ پۈتۈن جەريانىنى قول-پۇت، بەدەن ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان بولغاچقا، ئۆزىڭىز سەزمىگەن ھالدا بەدىنىڭىزدىن تەر چىقىپ چېنىقىپ قالىسىز. 

ھازىر بازاردا بۇنىڭ 500 گېگابايتلىق، 750 گېگابايتلىق، 1000 گېگابايتلىق قاتتىق دىسكىلىق نۇسخىلىرى بار بولۇپ، سېتىۋالغاندا ئويۇن قاچىلاپ بېرىدۇ. Xbox360  غا ئويۇننى قاچىلىماي نۇر دىسكا سېلىپ بىۋاسىتە ئوقۇتۇپ ياكى قاتتىق دىسكىغا كۆچۈرۈۋېلىپ ئويۇن ئوينىغىلى بولىدۇ.

Xbox360Xbox360 نى تورغا ئۇلاپ باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ياكى ئۆز ئارا رىقابەتلىشىپ ئوينىغىلىمۇ ياكى ئۆزىدىن تورغا چىقىپ ھەقسىز ئويۇن چۈشۈرگىلىمۇ بولىدۇ. بۇ يەردە مۇھىم مەسىلە شۇكى، Xbox360 نىڭ نۇسخىسى «يېشىۋېتىلگەن نۇسخا»، «يېشىۋېتىلمىگەن نۇسخا» دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. بۇ خەنزۇچە «破解版 , 未破解版» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خۇددى iPhone نى تۈرمىدىن قاچۇرغانغا،Android نىڭRoot  ھوقۇقىنى ئالغانغا ئوخشايدۇ. يېشىۋېتىلمىگەن نۇسخىنى پەقەت ھەقىقىي نەشرىدىكى ئويۇن پىلاستىنكا سېتىۋېلىپ ئوينىغىلى بولىدۇ. ئوغرى نەشرىنى ئوينىغىلى بولمايدۇ. لېكىن ئارتۇقچىلىقى شۇكى، تورغا ئۇلاپ باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ياكى ئۆز ئارا رىقابەتلىشىپ ئوينىغىلى بولىدۇ. ھەقىقىي نەشرىدىكى ئويۇن پىلاستىنكىسىنىڭ باھاسى 200-250 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، 350 يۈەنلىك ئويۇنلارمۇ بار.

Xbox360 نىڭ ئىككى خىل يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسى بار.

ئوپتىك دىسكا ئوقۇغۇچ 

ئوپتىك دىسكا ئوقۇغۇچ (光驱) يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بازاردىن ياكى توردىن بىر نەچچە يۈەنگە ئوغرى نەشرىدىكى ئويۇن پىلاستىنكىسىنى سېتىۋېلىپ ئوينىيالايسىز. بىر پىلاستىنكىدىكى ئويۇننىڭ سىغىمى 7-8 گېگابايت كېلىدۇ. بۇ نۇسخىدا قاتتىق دىسكىغا ئويۇن كۆچۈرۈپ ئوينىغىلى بولمايدۇ. ئويناش ئۈچۈن يەنە يېشىشكە توغرا كېلىدۇ. كومپيۇتېر بىلىمىڭىز بولسا توردىن ئىزدەنسىڭىز ئۆزىڭىزمۇ قىلالايسىز.

قوش تەرەپلىك (双破解版) يېشىۋېتىلگەن

قوش تەرەپلىك (双破解版) يېشىۋېتىلگەن نۇسـخىدا ئـەرزان ئـويۇن پىلاسـتىنكىسىنى ئوينىغىلىمۇ، قاتتىق دىسكىغا كۆچۈرۈۋېلىپ ياكى توردىن ئويۇن چۈشۈرۈپ ئوينىغىلىمۇ بولىدۇ.

ئەسكەرتىش

يۇقىرىقى قايسىبىر يېشىۋېتىلگەن نۇسخا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسىنى تورغا ئۇلاشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلاپ سالسا، مەشغۇلات سىستېمىسىنى توردىن ئاپتوماتىك يېڭىلاپ ئويۇن ماشىنىڭىزنى ھەقىقىي نەشرىدىكى پىلاستىنكىدىن باشقا پىلاستىنكىنى ئوينىغىلى بولمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. ھەتتا قاتتىق دىسكىدىكى ئويۇنلارنىمۇ ئوينىيالمايسىز. بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىك بولىدۇ. شۇڭا ھەرگىز تورغا ئۇلاپ سالماسلىق كېرەك. Xbox360 نىڭ WIFI ئىقتىدارىنىمۇ ئاچماڭ. باھا جەھەتتىن يېشىلمىگەن نۇسخىسى 1600 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، ئەرزانراق بولىدۇ. يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسى 2000 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. Kinect قوشۇلغان قوش تەرەپلىك يېشىۋېتىلگەن 750 گېگابايتلىق نۇسخىسى 3000 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. 

ئەگەر سىز ھەقىقىي ئويۇن مەستانىسى بولسىڭىز، كومپيۇتېردا ئويۇن ئوينايمەن دەپ ئاۋارە بولغىچە Xbox360 نىلا سېتىۋالغىنىڭىز تۈزۈك. چۈنكى، Xbox360 تا ئويۇن قېتىۋالىدىغان، ئويۇننى سۆرىيەلمەيدىغان ئىشلار مەۋجۇت ئەمەس.Xbox360  نىڭ كۆرۈنمە يۈزى ۋە سۈزۈكلۈكى كومپيۇتېردىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن بولۇپ، ئويۇن ئويناش ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ مەخسۇس ئويۇن ئويناش ئۈچۈنلا لايىھەلەپ ياسالغان. ئويۇننىڭ تۈرىگە كەلسەك،Xbox360  نىڭ ئويۇن تۈرى ناھايىتى كۆپ. چۈنكى، ھەر قانداق بىر ئويۇن شىركىتى ئالدى بىلەن ئويۇن ماشىنىلىرى ئۈچۈن ئويۇن ياسايدۇ. كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كېيىن چىقىرىدۇ. يەنە كېلىپ، كۆپىنچە ئويۇنلارنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى چىقمايدۇ. چۈنكى، كومپيۇتېر نۇسخىدىكى ئويۇنلارنى يېشىۋېتىش بەك ئوڭاي بولۇپ كەتكەچكە، ئەتىگىنى ئېلان قىلسا كەچتە يېشىلگەن نۇسخىسى تورغا چىقىپ بولغان بولىدۇ. يەنە كېلىپ كومپيۇتېر نۇسخىسىدىكى ئويۇنلارنىڭ ھەقىقىي نەشرىنىڭ باھاسى ئەرزان بولسىمۇ، سېتىلىشى ياخشى ئەمەس. مەسىلەن، 使命召唤10 نىڭ Xbox360 نۇسخىسى ھەقىقىي نەشرى 330 يۈەن بولسا، كومپيۇتېر نۇسخىسى ھەقىقىي نەشرىنىڭ باھاسى 150 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. يەنە كېلىپ، كومپيۇتېر نۇسخىسىدىكى ئويۇنلارنىڭ ھەقىقىي نەشرىنى سېتىۋالىدىغانلارمۇ ناھايىتى ئاز.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#