- ئامىلە (خام دورا)
- ئامىلە (ئۆسۈملۈك)
ئامىلە
ئامىلە غازاڭ تاشلايدىغان چاتقال ئامىلىنىڭ مېۋىسى بولۇپ، بۇ دەرەخنىڭ پىشقان مېۋىسى «ئامىلە» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئامىلە غازاڭ تاشلايدىغان چاتقال ئامىلىنىڭ مېۋىسى بولۇپ، بۇ دەرەخنىڭ پىشقان مېۋىسى «ئامىلە» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئامىلە يۇمىلاق،مېۋىسى گۆشلۈك بولۇپ، پۇراقلىق كېلىدۇ. دەسلەپ قېرىق، كېيىن تاتلىق بىلىنىدۇ، سۈتلۈكئوتلار ئائىلسىىدىكى غازاڭ تاشلايدىغان چاتقال ئائىلىسىگە تەۋە بۇلۇپ، مېۋىسى پىشقاندا يىغىۋېلىپ ئارىلاشمىلىرى چىقىرىۋېتىلىپ يېغۋىلىنىدۇ،ھىندىستان، ئىراق، مالايسىيا قاتارلىق ئەللەردىنمۇ چىقىدۇ.
قان، سەپرانىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش، ئاشقازان، ئۈچەي ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، غەيرىي تەبىئىي سەپرا، سەۋدا، بەلغەم خىلىتىنى پىشۇرۇش؛ ئاشقازاننىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتىنى ئاشۇۇرش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، قان تازىلاش، قان توختىتىش، چاچ يىلتىزىنى چىڭىتىش، چاچنى قارايتىش ۋە ئۆستۈرۈش تەسىرى بار.
فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
قۇرۇتۇلغان مېۋىسىگە ئاۋۋال %80 لىك ئىسپىرت ئىشلىتىپ ئايرىپ ئېلىنغان قىسمىغا يەنە ئىسپىرتتىن قوشۇپ قايتا ئىشلەپ تۇز كىسلاتاسى بىلەن كىسلاتالاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ناھايىتى ياخشى باكتېرىيىگە قارشى تۇرغۇچى بىر خىل ماددىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.ئۇ ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسى كېزىك تاياقچە باكتېرىيىسى، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى ۋە تولغاق تاياقچە باكتېرىيىسى قاتارلىقلارنى تورمۇزلاش تەسىرىگە ئىگە. زەمبۇرۇغلارغا ئۈنۈمى يوق. مېۋىسىنىڭ تەكرىبىدىكى ماددىلارنى ئىچكەندە، قان تەركىبىدىكى ئومۇمىي ئاقسىلنىڭ مىقدارىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
1. ئامىلە 10 گرام، تاباشىر 5 گرام، تۇخۇمى كەشنىيز 10 گرام، سۇپۇپ تەييارلاپ بەرسە سەپراۋى ئىسھالغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. ئامىلىگە ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە، مالىخۇلىيا، پالەچ، لەقۋاغا پايدىلىق.
3. ئامىلىنى چىلاپ سۈيىنى ئىچسە ئاشقازاندىكى سېسىق گازنىڭ مېڭىگە ئۆرلىشىنى توسىدۇ.
4. ئامىلىنىڭ يېغىنى چىقىرىپ باشقا چاپسا، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
5. ئامىلە، قاقىلە، لاچىندانە، زىرە، بەدىيان ھەر بىرىدىن 5 گرامدىن ئېلىپ قائىدە بويىچە قايناتما ياكى چايلىق تەييارلاپ ئىچسە، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ.
6. ئامىلە ، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 10 گرامدىن، تاباشىر 7 گرام، تۆمۈر داغمال سۈيى 15 گرام، تۆمۈر داغمال سۈيىدىن باشقا دورىلارنى سوقۇپ، تۆمۈر داغمال سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە، قان ۋە سەپرادىن بولغان ئىچى سۈرۈشكە شىپا بولىدۇ.
7. 10 گرام ئامىلە بىلەن 15 گرام قارا ھېلىلىنى قاينتىپ چاچنى يۇسا، لەقۋاغا پايدىلىق.
8. ئامىلىدىن 10 گرامنى سوقۇپ بىر دانە تۇخۇم ئېقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە بىر قېتىم بوۋاسىرغا چاپسا، بوۋاسىر قېنىنى توختىتىدۇ.
9. ئامىلە مۇرابباسى تەييارلاپ يەپ بەرسە، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، چاچ قارايتىدۇ ۋە ئۆستۈرىدۇ؛ قان تولغاققا شىپا بولىدۇ
شاكاللىرىنى تازىلاپ سۈت بىلەن لايىقلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلىدۇ.
ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى، ئىچى سۈرۈش، كۆپ ئۇسساش، يۈرەك چالاڭغۇراش، يۈرەك ئاجىزلىقى، كۆز ئاجىزلىقى، ئاشقازان ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق، بالىياتقۇ ئاجىزلىقى، چاچ چۈشۈپ كېتىش، باھ ئاجىزلىقى، غەيرىي تەبىئىي قان ۋە سەپرا خىلىتىدن بولغان ئىچى سۈرۈش، بوۋاسىر قاناش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
مېۋىسى كۆپ مىقداردا VC تۇتىدۇ. بۇنىڭ مىقدارى تەخمىنەن %2 كە يېتىدۇ، يەنە خام مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە %35 ~ 30 كىچە، قۇرۇق مېۋىسىدە %14 كىچە تاننىن بار. يەنە ئامىلە كىسلاتاسى(Phyllemblic)، ئىمبىلىكول (Embilicol)، كاروتىن (Carotine) قاتارلىقلار بار. مېۋە پوستىنىڭ تەركىبىدە موزا كىسلاتاسى ۋە ئامىلە كىسلاتاسى (Phyllemblic acid)) بار. ئۇرۇق تەركىبىدە %26 ماي بار.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى . [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.