ساپايە

ساپايە—  قەدىمكى زامان سوقما چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بىرى. 

ئۇيغۇرچە نامى ساپايە
خەنزۇچە ئاتىلىشى 萨巴依

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ساپايەساپايە —  قەدىمكى زامان سوقما چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئاساسەن ئۆرۈك، ياڭاق ۋە ئۈجمە ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ. يەنە بەزىلىرى كىيىك مۈڭگۈزىدىنمۇ ياسىلىدۇ. ئادەتتە ئۇ ئىككى تال دۈگىلەك، قىسقا ياغاچ ساپنى بىر–بىرىگە جۈپلەپ، ئۈستىگىرەك ئىككى تال چوڭ تۆمۇر ھالقا بېكىتىلىپ ياسىلىدۇ. ھەر بىر تۆمۇر ھالقىغا ئون نەچچە تالدىن ئۇششاق تۆمۇر ھالقىلار ئۆتكۈزۈلگەن بولىدۇ. ساپايىنى تىك كۆتۈرگەندە كىچىل تۆمۇر ھالقىلارنىڭ ياغاچ ساپقا تېگىشىش ئورنىغا ئاۋازى جاراڭلىق چىقىش ئۈچۈن قەلەي بېكىتىلىدۇ. قولنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق ياغاچ ساپ يوقىرى–تۆۋەنگە ھەرىكەتلەندۈرلۈپ، تۆمۈر ھالقىلار ياغاچنىڭ سېپىغا بىر خىل ئۇداردا ئۈزلۈكسىز تەگكۈزۈلىدۇ. نەتىجىدە، بىر خىل رىتىمىلىق شالدۇر–شۇلدۇر ئاۋاز پەيدا بولۇپ، مۇزىكا رىتىمىگە ئالاھىدە بىر خىل تۈس قوشۇلىدۇ. ساپايە دەستىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 46 سانتىمېتىر، چوڭ ھالقىنىڭ دىئامېتىرى توققۇز سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. چىلىش جەريانىدا ساپايىنىڭ يۇقىرى ئۇچى ۋە تۆۋەنكى ئۇچىنى ئۇدارغا كەلتۈرۈپ ھەربىر سىلكىگەندە ئوڭ مۈرە، قول ۋە باشقا جايلارغا يېنىك تەگكۈزۈپ قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uyghur.news.cn/2012-04/27/c_131556526.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#