قاشاجار بازىرى
قاشاجار بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا 34 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قاشاجار بازىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا 34 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1756 مېتىر، شەرقتە سارقوبۇ يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربتە قاراسۇ يېزىسى بىلەن تۇتاشقان، جەنۇبىي تەرىپى ئاقياز جىلغىسى بىلەن يانداش، شىمالىي تەرىپى خونۇقاي يېزىسى، موڭغۇلكۈرە بازىرى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ.
قاشاجار بازىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 405 كۋادرات كىلومېتىر، ئوتلاق كۆلىمى 290 مىڭ مو، تېرىلغۇ يەر 70 مىڭ 500 مو، بازار قارمىقىدىكى مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ كەنت كادىرلىرى 26 ئادەم. 2013-يىلى، پۈتۈن بازاردىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 2012-يىلدىكىدىن 1191 يۈەن ئېشىپ، 8345 يۈەنگە يەتكەن.
موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى قاشاجار يېزىسى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى، يېزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بازار قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى قاشاجار يېزىسىنىڭ، يېزا تەشكىلىي تۈزۈلۈشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قاشاجار بازىرى تەسىس قىلىنىشىغا قوشۇلغان.
قاشاجار بازىرىدا جەمئىي 3651 ئائىلىلىك بار، ئومۇمىي نوپۇسى 12236 ئادەم، قازاق، خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق سەككىز مىللەت ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 89 نى ئىگەللىگەن.
پۈتۈن بازاردا 476 نامرات ئائىلە، 1704 ئادەم بار، يېزا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان 554 ئائىلە، 1334 ئادەم بار، شەھەرلەردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان 381 ئائىلە، 487 ئادەم بار، مېيىپلار 280 ئادەم.
قاشاجار بازىرىدا 2 مەكتەپ، 1 شىپاخانا، يېڭىدىن قۇرۇلغان 3، تاماملىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن 2، جەمئىي 5 كەنت دەرىجىلىك ئىشخانا بازىسى، 12 پارتىيە تەشكىلاتى، 1 پارتكوم، 11 پارتىيە ياچېيكىسى بار، جەمئىي 471 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بار، بۇنىڭ ئىچىدە يېزىلاردىكى پارتىيە ئەزاسى 282 نەپەر، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى 430 نەپەر، ئۈچ پېشقەدەملەر 52 نەپەر، تۆت تۈرلۈك خادىملار 29 نەپەر، پېشقەدەم ھەربىيلەر 14 نەپەر.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.