مەن ھەقىقەتنى قانداق چۈشەندىم

مەن ھەقىقەتنى قانداق چۈشەندىم

مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى جۇڭگو ياشلرىنىڭ ئوقۇشىغا تەۋسىيە قىلغان 100 كىتابنىڭ بىرى بولغان‹‹مەن ھەقىقەتنى قانداق چۈشەندىم›› ناملىق كىتاب  ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئاجايىپ زور تۆھپە قوشقان شەخىس گەندى نىڭ ئۆز تەرجىمھالى.

ئۇيغۇرچە نامى مەن ھەقىقەتنى قانداق چۈشەندىم
ئەسلى نۇسخىسى The Story of My Experiments With Truth
نەشرىيات شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
ISBN 9787228191031
خەنزۇچە ئاتىلىشى 我体验真理的故事
ئۆزلەشتۈرگۈچى ئەركىن ئىبراھىم پەيدا
نەشىر قىلغان ۋاقىت 2016-يىل 3-ئاي 1-نەشرى
ئاپتورى ماخاتما موخانداس كارامچاند گەندى (ھىندىستان)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مەن ھەقىقەتنى قانداق چۈشەندىممەن تۆت-بەش يىل ئىلگىرى يېقىن ئۆتكەن بىر نەچچە خىزمەتدىشىمنىڭ تەرجىمھالىمنى يېزىش توغرىسىدا بەرگەن تەكلىپىگە ماقۇل بولغانىدىم. يېزىشنىغۇ ئاللىقاچان باشلىغانىدىم. لېكىن تۇنجى بەتنى يېزىپ بولا-بولمايلا بومباي قوزغىلىڭى پارتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشمۇ  توختاپ قالدى. كېيىن يۈزبەرگەن بىرمۇنچە ئىشلار تۈپەيلى يېراۋدا (Yeravda) تۈرمىسىگە قامالدىم.

جرامداس (Jeramdas) ئەپەندى ئۇ چاغدا مەن بىلەن تۈرمىداش ئىدى. ئۇ مىنىڭ بارلىق ئىشلارنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، تەرجىمھالىمنى يېزىۋېتىشىمنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭڭغا ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈپ قويغانلىقىمنىم، بۇ پىلاننى ئۇرۇنلىماي تورۇپ ، باشقا ئىشلارغا باش قاتتۇرمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.

 ئەمەلىيەتتە يېراۋدا (Yeravda) تۈرمىسىدىكى جازا مۇددىتىم توشسىلا، تەرجىمھالىمنى راستىنلا يېزىپ بولالايتتىم، چۈنكى مەن قۇيۇپ بىرىلگەندىن كىيىن بۇنىڭڭغا يەنە بىر يىلچە ۋاقىت سەرىپ قىلساملا بولاتتى. بۇ چاغدا سۋامى (Swami) بۇ ئىشنى يەنە تىلغا ئالدى. مەن بولسام ‹‹جەنۇبىي ئافرىقىدىكى زورلۇق كۈچى ئىشلەتمەسلىك ھەرىكىتى تارىخى››تاماملاپ بولغانىدىم.

مەن يەنە ‹‹يىڭى ھايات ›› ژورنىلىغا تەرجىمھالىمنى يېزىپ بىرىشكە تەرەددۇتلىنىۋاتاتتىم، سۋامى ماڭا بۇنى ئايرىم بىر كىتاب قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇشۇمنى ئېيتتى، لېكىن بۇنىڭغا مىنىڭ ۋاقتىم يار بەرمەيتتى. مەن ھەر ھەپتىسى بىر بابلا يازالايتتىم. ھەر ھەپتىسى ‹‹يىڭى ھايات››قا ئازدۇر-كۆپتۇر بىر نەرسىلەرنى يېزىپ تۇرۇشۇم كىرەك ئىدى.

شۇنداق ئىكەن مەن تەرجىمھال يازسام تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن باش چۆكۈرۈپ يېزىشقا كىرىشىپ كەتتىم.

مۇندەرىجە

بۇ كىتاب 5 قىسىم 167 بابتىن تۈزۈلگەن.

بىرىنجى قىسىم 1-بابتىن 25-بابقىچە

ئىككىنجى قىسىم 1-بابتىن 29-بابقىچە

 ئۈچۈنجى قىسىم 1-بابتىن 23-بابقىچە

تۆتىنجى قىسىم 1-بابتىن 47-بابقىچە

بەشىنجى قىسىم 43-بابقىچە

ھەربىر قىسىمدا بىرىنجى بابتىن باشلانغان.

 

گەندى

گەندى (1869 − 1948-يىللار) دەسلەپتە ئەنگلىيىدە ئوقۇپ، قانۇن ئۆگەنگەن، كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۇزاق مۇددەت ئادۋوكاتلىق قىلغان، شۇ يەردىكى ھىندىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مۇئەييەن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، كاتتا شۆھرەت قازانغان.

گەندى (1869 − 1948-يىللار) دەسلەپتە ئەنگلىيەدە ئوقۇپ، قانۇن ئۆگەنگەن، كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۇزاق مۇددەت ئادۋوكاتلىق قىلغان، شۇ يەردىكى ھىندىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مۇئەييەن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، كاتتا شۆھرەت قازانغان. 1915-يىلى، ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، مىللىي ئازادلىق ئىشلىرى يولىدا كۈرەش قىلغان ھەمدە بۇ كۈرەشنى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئىزدە قامۇسى

http://wiki.izda.com/?a=show&id=3919

2.

كىتابخانا تورى

http://kitabhana.com/goods.php?id=11833

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#