توكيو خەلقئارا كىنو فېستىۋالى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
توكيو خەلقئارا كىنو فېستىۋالىتوكيو خەلقئارا كىنو فېستىۋالى 1986-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، دۇنيا كىنوچىلار بىرلەشمىسى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان كاتتا كىنو فېستىۋالى. بۇ كىنو فېستىۋالىدا ھېكايە فىلىملەر بويىچە مۇكاپاتلىق مۇسابىقە ئېلىپ بېرىشتىن سىرت، باشقا مۇكاپاتلىق مۇسابىقىلەر ۋە ھەر خىل فىلىملەرنى كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتىمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تۇنجى نۆۋەتلىك توكيو خەلقئارا كىنو فېستىۋالى بىلەن چىكۇبا پەن - تېخنىكا يەرمەنكىسى بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ نۆۋەتلىك كىنو فېستىۋالىدا كىنولارنى كۆرگەزمە قىلىپ قويۇشتىن سىرت، كىنو ساھەسىدىكى زاتلار بىرلىكتە ياپونىيىلىك كىنو مۇتەخەسسىسى كۇرۇساۋا ئاكىرا رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم «قالايمىقان» نى كۆرۈپ ھۇزۇرلانغان، «ياشلار كىنو مۇكاپاتى» نى باھالاپ بېكىتكەن.
1987-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك كىنو فېستىۋالىدا، ياش رېژىسسور يېڭى كىشىلەر مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ فىلىم كۆرگەزمىسى، خەلقئارا ئاياللار فىلىمى كۆرگەزمىسى، ھوللېۋودنىڭ 100 يىللىق ئەسلىمە كۆرگەزمىسى، ياپونىيە كىنو كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر بىرلا ۋاقىتتا تەڭ ئېلىپ بېرىلغان. جۇڭگولۇق رېژىسسور ۋۇ تيەنمىڭ رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم «كونا قۇدۇق»، شۇ نۆۋەتلىك كىنو فېستىۋالىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، باش رول ئالغان جاڭ يىمو ئەڭ ياخشى ئەر ئاكتيور مۇكاپاتىغا مۇيەسسەر بولغان. «كونا قۇدۇق» يەنە توكيو پايتەخت جىشى مۇكاپاتى ۋە كىنو ئوبزورچىلىرى ئالاھىدە مۇكاپاتى بولۇپ جەمئىي تۆت خىل مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.